![]() بېيجىڭ << باۋلى>> 2012-يىللىق ئەتىيازلىق كىمئارتۇق سودىسى << جۇڭگو رېئال سىزما رەسساملىقى شىنجاڭ سەپىرىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنى مەخسۇس سېتىش پائالىيىتى>> 2-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ئاسىيا مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، << شىنجاڭ ماي بوياق رەسىملىرى مەملىكەت سەپىرى-جۇڭگوغا مۇھەببەت>> پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بۇ پائالىيەتتە شىنجاڭ تېمىسىدىكى 76 پارچە ماي بوياق رەسىمنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پىلانلانغان بولۇپ، 90% تىن كۆپرەك ئەسەر ئوڭۇشلۇق سېتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە رەسسام غازى ئەھمەدنىڭ <<دولان روھى>> ناملىق ئەسىرى 2 مىليون يۈەنگە يارىدى. دۆلەت ئىچىدىكى سەنئەت بازىرىدىن داۋاملىق ئايرىلىپ قېلىۋاتقان شىنجاڭلىق رەسساملار ۋە ئۇلارنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچىدىكى سەنئەت ئەسەرلىرىنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك سودا بازىرىدا تۇنجى قېتىم كۆلەملەشكەن ھالدا كىمئارتۇق قىلىنىپ، ناھايىتى ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. غازى ئەھمەدنىڭ << دولان روھى>> ناملىق ئەسىرى 2 مىليون يۈەنگە، چىڭ لىنشىننىڭ ئەسىرى 1 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە، ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ ئەسىرى 1 مىليون يۈەنگە، ۋاڭ گۇاڭشىننىڭ ئەسىرى 200 مىڭ يۈەندىن باشلاپ باھا قويۇلۇپ، 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى. بۇلاردىن باشقا يەنە، بەي گاڭنىڭ ئەسىرى 750 مىڭ يۈەنگە، جاۋ پېيجىنىڭ ئەسىرى 900 مىڭ يۈەنگە، زۆرەم ياسىننىڭ ئەسىرى 600 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى. |