ئۆزبېكىستان جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ زاۋۇت قۇ
يوللانغان ۋاقتى: 16:50 01-08-2012 مەنبە: شىنخۇاتورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۆزبېكىستان جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ سۇيۇقلاشتۇرۇلغان گاز زاۋۇتى قۇرماقچى
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىدىكى بىر مەلۇماتچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك نېفىت - تەبىئىي گاز پاي كونترول شىركىتى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ گۇرۇھى بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان سۇيۇقلاشتۇرۇلغان گاز ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنى قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزدى.
مەزكۇر مەلۇماتچى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەڭ - باراۋەرلىك پىرىنسىپى ئاساسىدا شېرىكلەشكەن كارخانا تەشكىللەپ چىقىش تۈرىنىڭ ھۆججەتلىرى2012- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئمزالىنىشى مۇمكىن.
ئۆزبېكىستان تەرەپ باياناتچىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، مەزكۇر تۈرگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق دەلىللەشكە ئاساسلانغاندا، بۇ شېرىكلەشكەن كارخانا يىلىغا 600 مىليون كۇب مېتىر سۇيۇقلاشتۇرۇلغان گاز ئىشلەپچىقىرىپ ئاساسلىقى ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە جۇڭگونى تەمىنلەشنى پىلانلىغان. مەزكۇر تۈرنىڭ مۇددىتى تۆت يىل بولۇپ، تۈر ئومۇمىي خىراجىتى جۇڭگو تەرەپنىڭ بانكىسى تەمىنلىگەن قەرز پۇل ۋە ئىككى تەرەپ شىركەتلىرىنىڭ ئەركىن مەبلىغىدىن تەركىب تاپىدىكەن.
|
------分隔线----------------------------