سىشىدىكى ئەليول ئەلانىڭ كوچا ئايلاندۇرۇلۇشى ھەققىدىكى خەۋەر تورداشلارنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى.مېكرو بىلوگتىكى خەۋەرنى دەلىللەش ئۈچۈن مۇخبىر مېكرو بىلوگ مەزمۇنىغا ئاساسەن خۇبىي ئۆلكىسى سىشى شەھىرى لەيفىڭ ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى جۇ مەن بىلەن ئالاقىلاشتى.مەكتەپ مۇدىرى مۇخبىرغا مەزكۈر مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ياڭ يۈەننىڭ 668 نومۇر بىلەن پۈتۈن ناھىيە ۋە سىشى ئوبلاستى بويىچە ئىجتىمائىي پەنلەر ئەليول ئەلاسى بولغانلىقىنى دەللىللىدى.
تۆت نەپەر مەكتەپ فورمىسى كىيگەن يىگىت خۇشخەۋەر خېتى يېزىلغان لوزۇنكا كۆتۈرۋالغان،مەيدىسىگە گۈل تاقىغان بىر ئەر پىكاپنىڭ ئۈستى دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئۆرە تۇرغان،كەينى تەرەپتە نەچچە ئون كىشىدىن تەشكىللەنگەن دۇمباق چېلىش ئەترىتى ماڭغان بولۇپ،شەھەر كوچىسىدا داغدۇغا بىلەن كېتىۋاتاتتى.
ئەليول ئەلانىڭ كوچا ئايلاندۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ خەۋەر مېكرو بىلوگدا خەۋەر قىلىنىشى بىلەن بۇ ئىش توردا كۈچلۈك مۇنازىرە پەيدا قىلدى،تورداشلار بۇ ئەليول ئەلادىن كېلىۋاتقان سودا پۇرىقى بىلىمنىڭ ھۆرمەتلىنىشىدىن ئېشىپ كەتكەن دېيىشتى.
يەنە بەزى تورداشلار بۇ ئىشنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،ئۇلار لەيفىڭ ناھىيىسىدە ئون نەچچە يىلدا بىر قېتىم بۇنداق ئەليول ئەلا چىققان،شۇڭا بۇنداق قىلىشقا ئەرزىيدۇ،-دەپ قاراشتى.
ئەليول ئەلا ئوقۇغۇچى كوچىدا ماشىنا بىلەن ئايلاندۇرۇلماقتا.