ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

بۇ يىل ئۆي باھاسى زادى چۈشەمدۇ-يوق؟

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-01 02:09 مەنبەسى: شىنخۇاتورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
نۇرغۇن گېزىت ژۇرناللار يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ نۇرغۇن ئۆي كارخانىلىرىنىڭ تېزدىن يوقىلىشى بازارنىڭ يېڭى بىر نۆۋەت تەڭشىلىشىن
  

نۇرغۇن گېزىت ژۇرناللار يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «نۇرغۇن ئۆي كارخانىلىرىنىڭ تېزدىن يوقىلىشى بازارنىڭ يېڭى بىر نۆۋەت تەڭشىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن » تېمىسىدىكى تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك دوكلاتنى ئېلان قىلدى. خەۋەردىكى ئاساسى كۆز قاراش- يەنىلا بۇ يىلىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئىدى. ئۇنداقتا بۇ يىل ئۆي باھاسى زادى چۈشەمدۇ-يوق؟

1-ئاينىڭ 27-كۈنى نۇرغۇن گېزىت ژۇرناللارنىڭ كۆرۈنەرلىك يىرىگە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئالدىنقى كۈنى چۈشتە تارقاتقان «نۇرغۇن ئۆي كارخانىلىرىنىڭ تېزدىن يوقىلىشى بازارنىڭ يېڭى بىر نۆۋەت تەڭشىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن » تېمىسىدىكى تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك دوكلاتى بېسىلدى. بۇ خەۋەر بېيجىڭدىكى 473 ئۆي مۈلۈك كارخانىسىنىڭ تېزدىن يوقىلىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، مۇتەخەسسىس ئالىملار، ئۆي-مۈلۈك خوجايىنلىرى، ۋاستىچى كارخانا خادىملىرى قاتارلىقلار چوڭقۇر تەكشۈرۈلگەن، ئۆي بازىرىنىڭ چوقۇم تۆۋەنلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق يەكۈنگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ماۋزۇدا «مۇمكىن» سۆزى بار ئىدى، ئەمما خەۋەدىكى ئاساسى كۆز قاراش- يەنىلا بۇ يىلىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئىدى.

نۇرغۇن گېزىت ژۇرناللارغا ئوخشاش، «يېڭى بېيجىڭ گېزىتى»مۇ 9-بەتكە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋىرىنى باستى. ئەمما بۇ گېزىت 2-بەتكە «ئۆي باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دېگەن باش ماقالىنى ماسلاشتۇرۇپ باستى. باش ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەنىدى: «ئۆي مۈلۈك بازىرى ئادەتتىكى بازارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ قويۇق سىياسەت يېتەكچىلىكىدىكى رەڭلىك «سىياسەت بازىرى». سىياسەت بۇشىتىلسا ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ، سىياسەت چىڭىتىلسا، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى تورمۇزلىنىدۇ.

باش ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى سالاھىيىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن يۇقۇلىدىغانلىقىدىن، پۈتۈنلەي بازاردىن چېكىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۆي باھاسى ئۆرلىگەندە مەبلەغ ئۆي بازىرىغا سېلىنىدۇ، مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلغان ئۆي مۈلۈك كارخانىلىرى يەر سودىسىغا قاتنىشىدۇ، ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنى ئېچىش دېلولىرى ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۆي-مۈلۈك بازىرى تەڭشەلگەندىن كېيىن، مەبلەغنى ئۇنىڭدىن چىقىرىۋالىدۇ، مۇشۇ سەۋەبلىك قۇرۇق ئايلىنىۋاتقان قىسمەن ئۆي كارخانىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ بىكار قىلىنىشىمۇ ناھايىتى نورمال ئىش بولۇپ قالدى. تەڭشەپ كونترول قىلىش بۇشىتىلىسا، ئۆي باھاسى قايتىدىن ئۆسىدۇ، ئۆي مۈلۈك كارخانىلىرىمۇ تېزدىن بازارغا كىرىدۇ، ھىچ بولمىغاندا ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ قايتىدىن تىجارەت قىلىدۇ، ھە دېسىلا باشلاش، ئارقىدىنلا ئۇشتۇمتۇت تارقىلىش- كاپىتالنىڭ ئالاھىدىلىكى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەنزىرە ئالدىنقى قېتىملىق تەڭشەپ كونترول قىلىش داۋامىدا كۆرۈلگەنىدى. شۇڭا ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ ئازىيىشى سەۋەبلىك ئۆي باھاسى تۆۋەنلەيدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلىش بالدۇرلىق قىلىدۇ.

بۇنىڭغا «يېڭى بېيجىڭ گېزىتى»نىڭ باش ماقالىسىدە: ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى تۈپەيلىدىن يوقىلىشىنى كۈتكەندىن كۆرە، تەڭشەپ كونترول قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى كۈتۈش ياخشى، دەپ يەكۈن چىقىرىلغانىدى.

«يېڭى بېيجىڭ گېزىتى»نىڭ باش ماقالىسىدىكى مەزمۇنلار شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭكىگە قارىمۇ قارىشىدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى بىلەن « يېڭى بيېجىڭ گېزىتى»نىڭ باش ماقالىسىنى تەپسىلىي كۆزەتسەك، يەنىلا ئوخشاش نەتىجىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئالايلۇق، «شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە گەرچە ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە يوقىلىشى ئۆي بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ بېشارىتى ، «تۆۋەنلەش- بۇ يىلقى ئاساسىي مېلودىيە بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئەمما سىياسەت ئارقا كۆرۈنۈشى « ئۆي بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىشنىڭ يەنىلا قاتتىقلىقى» ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ سىياسەت ئارقا-كۆرۈنۈشىدىن ئايرىپ قاراش تەس، بۇمۇ «مۇمكىن» دېگەن سۆزىنىڭ ئاساسى. «يېڭى بېيجىڭ گېزىتى»نىڭ يەكۈنىدە ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى تۈپەيلىدىن يوقىلىشىنى كۈتكەندىن كۆرە، تەڭشەپ كونترول قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى كۈتۈش ياخشى، دېيىلدى. بۇمۇ سىياسەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكىتلىگەنلىك. ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئۆي مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىشتا قىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، نۆۋەتتىكى ئۆي كارخانىلىرىنىڭ يۇقۇلىشىدىن قايمۇقۇپ كەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى ئۆي مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ يوقىلىشى بىلەن ئۆي باھاسى چۈشۈشى ناتايىن، ھەتتا چۈشۈشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئەسكەرتكەنلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلغانلىق. 

«يېڭى بېيجىڭ گېزىتى»نىڭ ئەسكەرتىشىنى ناھايىتى ۋاقتىدا بولدى، دېيىشكە بولىدۇ، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان «ئۆي باھاسىنى مۇۋاپىق ھالەتكە قايتۇرۇش» نىشانىدا مەنزىل ناھايىتى يىراق، نۆۋەتتە ئۆي كارخانىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە يوقىلىشى قارىتا، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش، ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى بۇ يىلقى ئاساسى مېلودىيە دەپ ئاساسانلىقچە يەكۈن چىقارماسلىك كېرەك.

بۇ يىل ئۆي باھاسى زادى چۈشەمدۇ-يوق؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، مەركەزنىڭ تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتى تەۋرەنمىسىلا، ئۆي باھاسى چوقۇم چۈشىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى بىلەن «يېڭى بېيجىڭ گېزىتى»نىڭ باش ماقالىسىدىن بۇ يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ.

ياخشىكەن
(14)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>