ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

جوڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئون ئادەم - ئالىمجان خالىق

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-05 02:39 مەنبەسى: خەلق تورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
2011-يىل جوڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 ئادەملەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن - ئالىمجان خالىق
  

Www.SalamURUMQI.Com

 

  مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسى ئېلىپ بارغان 2011-يىللىق جوڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 ئادەملەر قاتارىدا ئالىمجان خالىقمۇ <كاۋاپچى ساخاۋەتچى> بولۇپ مۇكاپاتلاندى.

مۇكاپاتلاش تەبىرىك سۆزى: خوشال يىگىت ،ئىس-تۈتەككە تولغان كوچىدا ناخشىسىنى ياڭراتتى. قىيىنچىلىق ئۇنۇڭ ئوتقاشتەك يۈرىگىنى سوۋۇتالمىدى. نام-شۆھرەت ئۇنىڭ غايىسىنى بوشاش تۇرالمىدى.بىر ئادەمنىڭ ئاددى غەمخورلىغى  كۆپلىگەن كىشىلەر ئارىسىدا ساخاۋەتچىلىككە تەلپۈنۈش ئىستىگىنى قوزغىدى.

ئالىمجان خالىق 1989- يىلى شىخەنزىدە ھەربىلىككە قاتناشقان بولۇپ، ھەربى سەپدىن چېكىنگەندىن كېيىن شۇ يەردىكى تەمىنات كاپىراتىۋىدا خىزمەت قىلغان، 1997-يىلى كاپراتىپ ۋەيران بولغاندىن كېيىن ئالىمجان شىنجاڭدىن ئايرىلىپ يۇرۇت كېزىشنى باشلاپ 2002-يىلى گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ بى جە شەھىرىگە كىلىپ كاۋاپچىلق قىلپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ھەم بۇمەزگىلدە بى جە دە نۇرغۇنلىغان نامرات ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيالمىغانلىغىنى ئۆزكۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ئالىمجان مائارىپ تەربىيەسىنىڭ كەمچىل بولىشىنىڭ تۇرمۇشقا قانچىلىك ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىغىنى چوڭقۇر چۈشەنگەشكە ،2006 -يىلدىن باشلاپ كاۋاپچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلىغا بى جە ئونۋىرسىتىدا <ئالىمجان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى> تەسىس قىلىپ مەخسۇس نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىنى سۇندى.

بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئالىمجان 300مىڭ زىخدىن ئارتۇق كاۋاپ سېتىپ 100 مىڭ يۇەندىن كۆپرەك پۇل تاپقان بولۇپ، بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئالىمجان 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلۋەتتى.


Www.SalamURUMQI.Com



سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى - تەرجمە قىلغۇچى ھەسەنجان شىرىپ

ياخشىكەن
(18)
64.3%
ناچاركەن
(10)
35.7%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>