ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

تورپىتنە-پاساتلىرغا ئامما ئىشەنمەسلىكى-تارقاتماسلىقى كېرەك

يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-20 19:42 مەنبەسى: خەلق تورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
تور پىتنە-پاساتلىرى ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، ئامما ئىشەنمەسلىكى، تارقاتماسلىقى كېرەك
  

يېقىندىن بۇيان جەمئىيەتتە ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان تور پىتنە-پاساتلىرىدىن ئون مىسال:

 ئالاقە تورىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېقىندىن بۇيان تور پىتنە-پاساتلىرىمۇ ھەدەپ يامرىماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە شەخسكە ئارتىلغان تۆھمەتلەرمۇ، ئاممىۋى ئىشلارغا قارىتىلغان پىتنە-پاساتلارمۇ بار. تور پىتنە-پاساتلىرى شەخسنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى تۆكۈپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى مەنىۋى ئازابقا دۇچار قىلدى، دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان سالدى. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، تور پىتنە-پاساتلىرىنىڭ زىيىنىغا سەل قارىماسلىق، چوقۇم قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ پىتنە-پاساتنىڭ زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، پىتنە-پاساتنىڭ تارقىلىشىنى ئاڭلىق توسۇشى ئۈچۈن، بۈگۈن يېقىندىن بۇيان جەمئىيەتتە ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئون پىتنە-پاساتنى ئېلان قىلدۇق.

  1. «ئاپېلسىندىن قۇرۇت چىقىش ۋەقەسى» ھەققىدىكى پىتنە-پاسات مەملىكىتىمىزدىكى ئاپېلسىننىڭ ئېغىر دەرىجىدە بېسىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  2. يەر تەۋرەش توغرىسىدىكى پىتنە-پاسات تارقالغاندىن كېيىن، سەنشى ئۆلكىسىدە نەچچە مىليون ئادەم «كوچىغا چىقىپ پاناھلىنىش»قا مەجبۇر بولدى.

  3. شياڭشۈي ناھىيەسىدە «پارتلاش يۈز بېرىدۇ» دېگەن پىتنە-پاسات تارقالغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان چوڭ قاچ-قاچتا تۆت ئادەم ئۆلدى.

  4. «خرۇم سۈت پاراشوگى» ھەققىدىكى پىتنە-پاسات دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سۈت مەھسۇلاتلىرىغا ئېغىر زىيان سالدى.

  5. QQ توپىدا تارقالغان بىر پىتنە-پاسات بىلەن مەملىكىتىمىزدە «ئاش تۇزنى بۇلاپ سېتىۋېلىش دولقۇنى» قوزغالدى.

  6. «47-نومۇرلۇق ئاخبارات»نى ئويدۇرۇپ چىقارغان ۋە تارقاتقانلارغا 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  7. ئالىي مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى «يىڭنە سانچىش» توغرىسىدا پىتنە-پاسات تارقاتقانلىقى ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلدى.

  8. «يېمەكلىككە قان تېمىتىپ ۋىرۇس يۇقتۇرۇش» توغرىسىدىكى پىتنە-پاسات چوڭ ساراسىمە پەيدا قىلدى.

  9. سارس كېسىلى ھەققىدە پىتنە-پاسات تارقاتقانلارغا ئىككى يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى بېرىلدى.

  10. «ھەربىي ئاپتوموبىل بېيجىڭغا كىردى» دېگەن پىتنە-پاساتنى ئويدۇرۇپ چىقارغان 6 ئادەم قولغا ئېلىندى، 16 تور بېكەت تاقىۋېتىلدى.

ياخشىكەن
(6)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>