جايلار «چاتاق كاپسۇل»لارنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ
دورا ئوراشقا، كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلىق قۇرۇق كاپسۇللار سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان ھايۋانات يىلىمىدىن ئىشلەنگەچكە، خروم مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ، سالامەتلىككە زىيان سالماقتا. بۇ ئىش تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، خروم ماددىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن 13 خىل دورىلىق قۇرۇق كاپسۇل مەھسۇلاتىنى سېتىشتىن ۋە ئىشلىتىشتىن توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، «چاتاق كاپسۇل»نى سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى توختىتىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى شىنچاڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 16-چېسلا سائەت 12گە قەدەر، ساقچى تەرەپ زەھەرلىك، زىيانلىق دورىلىق قۇرۇق كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشقا چېتىشلىق تۆت كارخانىدىكى دېلوغا چېتىشلىق 22 ئادەمنى تۇتقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 11 جىنايەت گۇماندارىغا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان.
15-چېسلا، بىر قىسىم تاراتقۇلار جېجياڭ ئۆلكىسى شىنچاڭ ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم كاپسۇل زاۋۇتلىرى ئىشلەپچىقارغان كاپسۇللارنىڭ سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان ھايۋانات يىلىمىنى خام ئەشيا قىلىدىغانلىقىنى، ئاشلانغان خىرۇمنىڭ قالدۇق پۇرۇچلىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغانلىقىنى ھەم دورا بازىرىغا كۆپ مىقداردا ئېقىپ كىرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، بۇ جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
شۇ جايدىكى ج خ ئورۇنلىرى دورا تەكشۈرۈش، سودا-سانائەت ئورۇنلىرىغا ماسلىشىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 43 كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنى ئىشتىن توختىتىپ تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى، قانۇنسىز كاپسۇل ئىشلەپچىقارغان كارخانىلارنى پېچەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.