-
2009-03-13
مۇستەھكەم ئېتقادلىق مۇسۇلمان بۇلۇشنىڭ ئۇسۇللىرى - [ئىسلام گۈلزارى]
بۇ تىمىنى سەلكىن مۇنبىرىدىكى شۇكران07 دېگەن قېرىندىشىمىز تەرجىمە قىلىپ سەلكىن مۇنبىرىگە يوللاپتىكەن، مەن رۇخسەتسىزلا بلوگىدا ساقلىۋالدىم، مەقسىدىم ياخشى بىلىملەردىن تېخىمۇ كۆپ دوستلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىش.........(پەقەت ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىلا ساقلىۋالدىم)
مەزكۇر دوستىمىزنىڭ ھەرقانداق پىكىرى بولسا بۇ تىما دەرھال ئۆچۈرلىدۇ!ئاللاھنىڭ ھەر ۋاقىت مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى ۋە خاراكتىرىنىڭ بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن ئىشىپ كىتىدىغننى ئىتراپ قىلىش،ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىگىنى تۇنۇش،ئاللاھقا ئىشىنىشىنى ئاساس قىلىپ،ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنى ئاللاھنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىر دەپ ئىتراپ قىلىش.قۇرئاننى-ئاللاھنىڭ سۈزى دەپ ئىتراپ قىلىش.
! ھەقىقى ئىبادەت قىلىش.ئاللاھنى ھەر ۋاقىت ساڭا يىقىن دەپ تۇنۇش،نامازنى ۋاختىدا ئۇقۇش،ھەرگىز كىچكتۈرمەسلىك،سەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئشنى قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلما، سەن ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىنمۇ ئاتۇق مۇھىم ئىش يوق،مەيلى خىزمەت قىلۋاتقان بول ۋە ياكى ئۈگۈنۈش قىلۋاتقان بول،ھەممىنى توختۇتۇپ يىقىن ئەتراپتىكى مەسجىتكە نامازغا بار،ئەگەر بىراۋ سىنىڭ قەيەرگە كەتكىنىڭنى سورسا،ئاللاھنىڭ نامازغا كىلڭلار دىگەن چاقىرقىغا جاۋاپ بەرگىلى بارغانلىقىڭنى ئېيت.
كىچىدە تۇرۇپ ناماز ئۇقۇ(تەئەججۇد)،ئەتراپىڭدىكى كشلەر ئۇخلىغاندا ئۇقۇساڭ ئەڭ ياخشى،قانداق بۇلۇشىدىن قەتتى نەزەر بۇ نەفلى نامازنى ئۇرۇندا،ئالدى بىلەن ئازراق بولسىمۇ ئۇخلىۋىلىشڭ لازىم،كىچە بولسا ناماز ئۇقۇشقا ئەڭ ياخشى ۋاقىتتۇر.
ئاللاھنىڭ نامىنى ھەر ۋاقىت يادىلا(زىكىر ئۇقۇ). مۇسۇلمانلار ئاتالغۇسىدا زىكىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ نامىنى زىكىر قىلىش ئىمانىڭنى چىڭىتىدۇ،چۈنكى بۇ ئارقىلىق سەن ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ياخشىلىقلىرنى ئەسلەيسەن. 9
سەندە بار بولغان بارلىق نەرسىلەرگە شۈكۈر ئېىت.قانچە كۆپ شۈكۈر ئۇقۇساڭ،ئۈزۈڭنىڭ شۇنچە بەخىتلىك ئكەنلىگىنى ھس قىلالايسەن،بۇ ئارقىلىق ئاللاھ خالىسا ئىمانىڭ كۈچۈيىدۇ،چۈنكى سەن ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئىشىنىسەن.
پاكلىقڭنى ساقلا،بىلىشڭ كىرەك،زىنا قىلىش بولسا چوڭ گۇناھ،ھەر ۋاقىت ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشۇڭ كىرەك،ئەر-ئايال ھەر ئككىلىسى بۇنۇڭغا دىققەت قىلىش كىرەك،ئاياللار تار ۋە نىپىز كىيم كەيمەسلىگى كىرەك،ئەرلەر نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارمىسۇن،ئەۋرەتلىرىنى زىنادىن ساقلىشى لازىم.
ۋەدەڭدە تۇرىشىڭ كىرەك.ئەگەر سەن بىرەر ئىشنى قىلالمايدىغانلىقڭنى ھىس قىلساڭ،دەرھال ۋەدە بەرگەن ئادەمنى خەۋەردار قىلىشىڭ كىرەك،شۇندىلا سىنڭ ۋەدەڭ سنى يەنىلا ئشەنچىلىڭ ئادەم قىلىدۇ.
باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ھۆرمەت قىل،كۆز قارشى بولماسلىق ياخشى ئەمەس ياكى دۈتلىكتۇر،كۆز قاراشتىن باشقا ئىشلاردا سەن باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشڭ لازىم.ئەگەر سەن ھىچقايسى پىكىرنى قۇبۇل قىلمىساڭ ئىشلار ھەرگىز ياخشىلانمايدۇ،ئۇلارنى پۇتۇنلەي ئنكار قىلما،لىكىن بەزى ياخشى پىكىرلەرنى قۇشۇپ ئۇلارنىڭ پىكىرىنى تىخىمۇ تۇلۇقلاپ قوي.
توغرا مەخسەتتە رۇزا تۇت. باشقىلارنىڭ تەسىرىدىن ئەمەس،ۋە ياكى فىتتىرغا ئىرشكەندە ئۈزەڭنى باشقىلاردىن يۇقىرى ھىس قىلىش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازلىقىغا ئىرىشپ،ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئىرشىش ئۈچۈن رۇزا تۇت.شۇنىڭ ئۈچۈن رۇزا تۇتقنكى،نامازنى توغرا،ۋاختىدا ئادا قىلالاىدىغانلىقىڭ ئۈچۈن،ۋە سالامەتلىكىڭگە كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىڭ ئۈچۈن،ھەپتىدە ئككى قىتىم رۇزا تۇت،ئەڭ ياخشىسى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە بولسۇن،رامىزان ئېيىدا رۇزا تۇت،ۋە زۇلھەج ئېينىڭ 9ى رۇزا تۇت،زۇلھەجنىڭ 9ى رۇزا تۇتساڭ، ئاللاھ خالىسا سىنڭ بىر يىلنىڭ ئالدى كەينىدە ئۆتكۈزگەن ھەممە گۇناھلىرىڭنى كەچۈرىدۇ.
ھەرگىز يالغان سۆزلىمە،قايتا تەكىتلەپ ئۈتۈمىزكى،ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئەلا بەندىللرنىڭ بىر-بىرگە يالغان سۆزلىشگە قاتتىق ئۆچ،سىنىڭ ساداقەتمەنلىكىڭ نام ئابرويىڭغا بىرۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ،سەن نىمە سۆزلىشڭىدن قەتتى نەزەر راسچىل،سەمىمى بولساڭ،كىشىلەرساڭا ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ،ئاللاھ پەقەت تۈۋەندىكى ئشلاردىلا يالغان سۆزلەشكە يول قويغان،بىرى بىراۋنىڭ ئەيپىنى يىپىشتا،يەنە بىرى باشقىلارنى ئازاپلاشتىن ساقلىنىشتا،مەسىلەن،ئەگەر سىنىڭ دوستۇڭ ئاتا –ئانىسىغا بىلىندۈرمەي ئۇلارنىڭ پۇلىنى ئالغان بولسا،سەن بۇ ئىشىنى باشقىلارغا دىسەڭ بولمايدۇ.
ئايالىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭ لازىم،ئەگەر سەن بىر ئەر بولساڭ،رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن ، «ئۇممەتلىرىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئايالىغا ياخشى بولغانلىرىدۇر»، ئۇنۇڭغا سەمىمى بۇلىشىڭ،ھەر ۋاقىت ئۇنى ئاسىرشىڭ،ئادىل قارار چىقىرشقا يول قۇيىشىڭ،ۋە مال-مۈلۈكتىن تەڭ بەھىرمان قىلىشىڭ كىرەك.
كۈچىڭىزنىڭ يىتىشىچە خەيرە ئھسان قىلىڭ،مەسجتلەردە ۋەز نەسھەت بولسا،ۋاقىت چىقىرپ بىرىپ ئاڭلاڭ،مال-مۈلكۈڭىزدىن شۇ نەرسىلەرگە سىزدىنمۇ بەكرەك ئھتىياجلىق ئادەملەرگە خەيرى ئھسان قىلىڭ،باشقىچە قىلىپ ئيتقاندا،داۋاملىق سەدىقە پىتتىر بىرىڭ،سىزنىڭ ياردىمىڭزگە ئىرشكەنلەر سىزنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياردىمىڭىزگە بىلدۈرىدۇ،ئسىڭزدە بولسۇنكى،بەرگەن قول،ئالغان قولدىن ياخشىدۇر. 8
ھەممىگە ياخشى بولۇشقا ئادەتلىنىڭ،ئاتا-ئنىڭىزغا ياخشى،ئىللىق بۇلۇپلا قالماستىن،بىر نەۋرە ئىنى سىڭىللىرىڭىزغىمۇ ياخشى بولۇڭ،ھەم دوسلۇغىڭزىغا ۋە ئەتىراپىڭىزدىكى جانا-جانۋارلارغىمۇ ياخشى بۇلۇڭ،مۇھىتنى ئاسىراڭ،ھەرگىز ھايۋانلارغا زۇلۇم قىلماڭ،مۇھىتنى ئاسراشتا،ئەخلەتلەرنى ئۆز ئورنىغا تاشلاڭ،ئامىۋى قاتناش ئىشلىتىڭ.
ئاتا-ئنىڭزغا مۇلايم بۇلۇڭ،ئۇلار جاپالىق ئشلەپ ئۆينى تاماق بىلەن تەمىن ئەتتى.ئانىڭىز سىزنى بۇ دۇنياغا ئەكىلىشتە نۇرغۇن جاپالار تارتتى،ئۇلارغا رەخمىتىڭىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نىملەرنى قلدىڭىز؟ئۇلار سىزنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن،سىزگە سوغاتلارنى ئەپ بەردى،سىز ئۇلارغا تەشەككۈرىڭىزنى بىلدۈردىڭىزمۇ؟ئۇلار سىزدىن نىمىنى ئۈمۈت قىلسا شۇنى قىلىڭ،ئاندىن سىز ياخشى بۇلۇسىز.
سەن ياخشى كۈردىغان بىراۋنىڭ ئۈلىمى ئۈچۈن ھەرگىز قايغۇرما،بىلىشڭ كىرەككى ئاللاھ ئۇنى سەندىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرگەچكە ئىلىپ كەتتى،شۇنى قۇبۇل قىلىشڭ كىرەككى،بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەزگىللىك دەم ئىلىشتۇر،بۇ دۇنيانىڭ ئۇنۇڭغا ئىلىپ كىلىدىغان ھەممە ئاۋاچلغىدىن قۇتۇلۇپ دەم ئالىدىغان مەزگىل.
ئەسلى ئادىرسى:http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-64170.html
历史上的今天:
ماقالە ئادىرسى: