• 2009-03-13

    ئالىملىرىمىز، ئەدىبلىرىمىز ۋە ھەقىقەتكە قايتىش(3) { ئارىفنامە- ئۇلۇغ قانال} - [رىشتە خاتىرىسى]

     

    ئۇلۇغ قانال

    تارماق ئېقىنلاردىن دەريالار، دەريا- دېڭىزلاردىن زىمىن سەتىھىنى قورشاپ ياتقان بەھەيۋەت ئوكيانلار ھاسىل بولغاندەك، ھازىرقى زامان رەسمىي ئىبارىسىدا « يىپەك يولى » دەپ ئاتالغان ئۇلۇغ قانالغا شىمالدىن مۇز دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن خەلىقلەرنىڭ « ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» لاتقىلىرى، جەنوبتىن تروپىك مۇھىتتا ياشاپ كەلگەن قۇۋملەرنىڭ « تېرىم مەدەنىيىتى » يالدامىلىرى قويۇلغان. مۇز ۋە ئوت ئاستىدىن ئاپىرىدە بولغان شىمال- جەنوب قەدىمقى مەدەنىيىتى شەرق- غەرپ بويلاپ ئاللاھەزەل پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەڭدىن تولىسى ھەسسە قوشقان جاۋاھىراتلارنى بۇ قانالغا تاشلاپ، ئۇنى مەدەنىيەتنىڭ ئۇلۇغ ئوكيانىغا ئايلاندۇرغان. بىز ئۇنىڭدىن سۇمېر ۋە پىرئەۋىن زامانى ئىزنالىرىنى، ئارىيەت ۋە كىرىت دەۋرى شامالىرىنى، سۇفرات ۋە كۇڭفۇزى نەسىھەتلىرىنى، مېتىرا ۋە ئاپۇللا ئەپسانىلىرىنى، داۋ ۋە زوروئاستېر قەسىدىلىرىنى، مانى ۋە ساكيامۇنى دەستۇرلىرىنى، ئىسكەندەر ۋە دارا جەڭنامىلىرىنى، ئارستوتېل ۋە بۇقرات (ھېپوكرات) تەلىماتلىرىنى، كالامىيەت ۋە تەسەۋۋۇپ تەرغىباتلىرىنى، رابىيە، جۈنەيدىل باغداتى، مەنسۇر ھەللاجى، پەرىدىددىن ئەتتار، جالالىدىن رومى گۇمانىزىم ترگېدىيىلىرىنى، شەيخ سەئدى، ھافىز شىرازى، ئۆمەر ھەييام، ئابدىراخمان جامى ۋە نەۋائى لىرىكلىرىنى، ھازىرقى زامان ئازادلىق ۋە «ئۆزلۈك»  تەپەككۇرىنىڭ يېڭى نوتىلىرىنى ھېس قىلالايمىز. ئۇ، ئۆز ساھىللىرىدا ئۆلگەن تىرىكلەرنى بېقىش بىلەن بىلە، يەنە ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس روھىيەت پەھلىۋانلىرىنىڭ مۇبارەك تۇپرىقىنى قۇچۇپ ياتماقتا. ئۇ ھەقىقەتەن مىسلىسىز قامۇس ۋە قىياسىز غەزىنە ! ھېلىغىچە ھېچ قايسى مۇقەددەس كىتابلار ياكى ئىنسىكلوپېدىك ھېكمەت مۇجەسسەملىرىمۇ بۇ قامۇس ۋە غەزىنىنىڭ ناھايىتى كىچىك بىرەر پارچىسىغا تەڭلىشەلىگەن ئەمەس. ئويلاپ كۆرۈڭ: ئەگەر بۇ قانالدا ئاققان، چايقالغان، قوشۇلغان ۋە چۆكمە ھاسىل قىلغان مەدەنىيەت دۇردانىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت جۇغلانمىسىدا يەنە قانچىلىك جاۋاھىرات قالغان بولاتتى- ھە؟!

    داۋامى بار......

    分享到: