
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك پروگرامما ھەۋەسكارلىرى! سىزنىڭ «قۇت بلوگ» ئاستىدىكى ئۇشبۇ سەھىپىگە كىرگەنلىكىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
مەن بۇ سەھىپىنىڭ قاراۋۇلى M++ بولىمەن. بۇ سەھىپىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت-مۇددىئا بولسا، ئۆزۈمنىڭ نەچچە يىلدىن بويانقى پروگرامما تۈزۈش جەريانىدا ھاسىل قىلغان تەجرىبە-ساۋاقلىرىمنى، نەتىجىلىرىمنى كەڭ پروگرامما ھەۋەسكارلىرىغا سۇنماقچى.
مەن پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگەنگەن دەسلەپكى چاغلاردا، كىتابخانلاردا ئانا تىلىمىزدا چىقىرىلغان پروگرامما تۈزۈشكە دائىر كىتابلارنىڭ يوق بولغانلىقى، تور دۇنياسىدىمۇ بۇنىڭغا ئائىت يازمىلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بولغانلىقى سەۋەبىدىن، پروگرامما تۈزۈشنى ياخشى، تىز ئۆگىنىشىمگە ناھايىتى چوڭ توسالغۇ بولغان ئىدى. بۇنداق بولۇشىدا نۇرغۇن سەۋەپلەر بار. بۇنى تەپسىلى دېمىسەممۇ ھەممىمىزگە ئايان.
ھازىر، تىل سەۋىيەمنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ، پروگرامما تۈزۈشكە ئائىت باشقا تىلدىكى كىتاپلارنى، تور دۇنياسىدىكى يازمىلارنى بىمالال ئوقۇپ چۈشىنەلەيمەن. لېكىن ئويلاپ قالدىم، ھازىر بەلكىم پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىۋاتقان ئۆت يۈرەك ياشلىرىمىز نۇرغۇن بولۇشى مۇمكىن. بۇلارمۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمۈشلەرنى ئۆتكۈزۋاتىدىغۇ دەپ قالدىم. «ئىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار» دەپ توغرا ئېتىپتىكەن. گەرچە كىتاب چىقىرىشقا قۇربىمىز يەتمىسىمۇ، مەن، سىز، ئۇ بىلگەنلىرىمىزنى ئاز-ئازدىن بولسىمۇ تورغا يوللاپ تۇرساق، «تاما-تاما كۆل بۇلۇر» دېگەندەك، ئاخىرىدا بۇ جەھەتتىكى قېيىنچىلىقلىرىمىزمۇ ھەل بولۇپ قالار ئىدى.
قېنى دوستلار، ھەممىمىز بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە، كومپيۇتېر ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، بىلگەنلىرىمىزنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ، ئازدۇر-كۆپتۇر تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى. ئىنشائاللا، ياخىشى كۈنلەر ئالدىمىزدا!
يېڭى ئىنكاسلار