ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەتتور دۇنياسى>يازمىلار
web category
يېڭى يىللىق كىچىككىنە سوۋغات
4 كۈن ئىلگىرى يوللانغان تور دۇنياسى ھازىرچە ئىنكاس يوق


مانا يېڭى يىلغا بىركۈن قالدى، بىر تاڭ ئاتسا 2011-يىلى كىلىدۇ، 2010 غا بۈگۈن خوش دەيمىز، نەچچە كۈندىن بېرى يېڭى يىلدا نىمە ئىش قىلسام بولار دەپ ئويلاپ ئاخىرى بىر قانچە سوۋغات ئېلىپ كەلدىم، ھەرقايسى تورداشلار ۋە بىلوگ باشلىقلىرىنىڭ ياقتۇرشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم كىروم تور كۆرگۈسى سۈرئىتىنىڭ تىزلىگى، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ نەپىس، ئاددىي ئىكەنلىكى بىلەن قارشى ئېلىشىمىزغا ئىرىشتى، گوگېلنىڭ كىروم قولىنىلىشچان دىتال دۇككىنىنى ئېچىشى بىلەن تەڭ HTML5, javascript,PHP ، API دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئېتىشىپ باقتىم، بۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى شۇنداق بىلىپ باققىم كەلدى، دىتال دۇككىنىدىن بىر قانچە دىتالنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم ۋە ئۆزلەشتۈرۈشكە ئۈلگۈردۈم، بىر قانچە كۈن تېرىشىش ئارقىلىق تۈۋەندىكى RSS ئوقۇغۇچنى ئۆزلەشتۈرۈپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭغا سەبۇرى تورىنىڭ ئىزدەش ماتورىنى ئورۇنلاشتۇردۇم، ئاستىنقى قىسمىغا سەبۇرى تورىنىڭ ئېلانىنى قىستۇرۇپ قويدۇم.
دىتالنىڭ رولى شۇكى بەلگىلەنگەن توربەتكە كىرمەي تۇرۇپ توربەتكە يوللانغان ماقالىلارنى بىۋاستە كۆرگىنى بولىدۇ. قوزغىتىش رەسىمى تور كۆرگۈنىڭ ئۈستىنكى تەرەپتە چىقىپ تۇرىدۇ. قوزغىتىش ناھايىتى ئەپلىك، چۈشەندۈرۈشنى كۆپ قىلماي، تورداشلار تۈۋەندىكى رەسىمنى كۆرگەچ خالىساڭلار چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار. بۇ دىتال ئارقىلىق تور دۇنياسىڭلاردىكى زىيارىتىڭلارنىڭ مەنىلىك بولىشىنى ۋاقتىڭلارنىڭ مەنىلىك ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دىتالنىڭ بىردانە ئونۋېرسال نەشىرى ۋە بىرقانچە توربەتكە ئاتالغان مەخسۇس نەشىرى بار. مەخسۇس نەشىرى ياسالغان بىكەتلەر ئۇيغۇرچە بىلوگلار ئارسىدا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتقان، RSS مەنبەسى ئۈچۈن تۇراقلىق ئادرس ئىشلەتكەن بىلوگلار بولدى، بەزى بىلوگلارنىڭ قۇرغۇچىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ خەۋەر قىلالىدىم ۋە رۇخسىتىنى ئالدىم، بەزى بىلوگ قۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلالمىدىم، ئەگەر ئۇشبۇ دىتالنىڭ تارقىتىلىشىنى خالىمايدىغان بىلوگگىرلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشسا ئۆزرە سورىلىپ تارقتىلىشتىن توختىتىلىدۇ، ئەگەر ياراپ قالسا ئۆز بىكەتلىرىڭىزدە تەشۋىق قىلىپ قويارسىز، بۇ ماڭا، سەبۇرى تورىغا، سىزنىڭ تور بىتىڭىزگە شۇنداقلا تورداشلارغا پايدىلىق.
ئونۋېرسال نۇسخىسىدا «ئۇيغۇر ئاكادىمىيسى» نىڭ تېمىللىرىنى چىقىدىغان قىلماقچى ئىدىم، لىكىن بۇ توربەتنىڭ ئىشلەتكەن RSS مەنبە ئادىرىسى تۇراقلىق شەكىلدە بولمىغاچقا ھازىرچە تېمىللىرى دىتال يۈزىدە كۆرۈنمەيدۇ، ۋاقىت قىس كەپقالغانلىقى ئۈچۈن توربەت باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقە قىلىپ بولالمىدىم، كىيىنچە ئالاقە قىلىپ ئوڭشىۋىتەرمەن، تورداشلارنىڭ ھازىرچە توغرا چۈشۈنۈپ ئىشلىتىپ تۇرشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئونۋېرسال نۇسخىسىدا چىقىدىغان تېمىلار ئۇيغۇرچە بىلوگلار ئارسىدىكى WordPress سىستېمىسى ئىشلەتكەن، RSS مەنبەسى تۇراقلىق شەكىدە بولغان، تۇلۇق مەزمۇنلۇق RSS گە ئىگە بولغان بىكەتلەردۇر. سىز بۇ دىتال ئارقىلىق بۇ بىكەتلەرگە كىرمەي تۇرۇپلا يېڭى مەزمۇن يوللانغان يوللانمىغانلىقىنى، يوللانغان بولسا قانچىلىك ۋاقىت ئىلگىرى يللانغان ئىكەنلىكىنى، ۋە تۇلۇق مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسز. بۇ دىتال سىزنىڭ توردۇنياسىدىكى قىسقا ۋاقتىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭىزغا كۆپ ياردەملەرنى قىلغۇسى.
======================================
مەخسۇس نەشىرى ئىشلەنگەن بىلوگلار تىزىملىكى:
يۈكسەل بىلوگى
80خالتا بىلوگى
تورخۇمار بىلوگى
تەدبىركار بىلوگى
ئۇيغۇربەگ بىلوگى
شاھ ئۇيغۇر بىلوگى
نۇرقۇت بلوگى
ئونۋېرسال نەشىرىگە كىرگۈزۈلگەن بىلوگلار تىزىملىكى:
يۈكسەل بىلوگى
80خالتا بىلوگى
تورخۇمار بىلوگى
تەدبىركار بىلوگى
ئۇيغۇربەگ بىلوگى
شاھ ئۇيغۇر بىلوگى
نۇرقۇت بلوگى
جېك بىلوگى
ئىلىم-پەن بىلوگ
بىلىم بىلوگى
ئۈمىد بلوگ
ئۆركەش بىلوگ
تاۋلان بىلوگ
=====================================

چۈشۈرۈش ئورنى : مۇشۇ يەردە



سۆز قالدۇرۇڭ


Ctrl+Enter نى بېسىپ يوللاڭ