3d studio max ئادەتتە 3ds Max ياكى MAX دەپ ئاتىلىدۇ،.ئۇ Autodesk شىركىتىنىڭ ئۇچ ئۆلچەملىك كارتۇن لاھىلەش يۇمشاق دىتالىدۇر. ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى DOS ھالەتتىن ھازىىرقى ئەڭ يىڭى نەشىرى 2011 3D MAX بارلىققا كەلدى. ئىشىلىتىش دائىرىسى بەك كەڭ بۇلۇپ ، ئادەتتە ئىلانچىلىق،كىنۇ سانائەت مودىلى ، قۇرلۇش ئىمارەت مودىلى، مىدىيا، ئۇيۇن ،شۇنىڭدەك ئوقۇ-ئوقۇتىش ساھەلەردە ئىشلىتىلمەكتە. ئۇنىڭ ئىلغار بولغان ئىقتىدارى بۇلۇپمۇ تېلىۋىزىيە،كارتون،ئۇيۇن،قاتارلىق ساھەلەرنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۇرۇپ ،شۇ ساھەلەرنى راۋاجلاندۇرۋەتتى .سىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى ئەڭ ياخشى بولغان تاللىشىڭىزدۇر.
تارىخى
1990-يىلى Autodesk مىدىيا بۇلۇمى قۇرۇلدى ھەم تۇنجى كارتۇن خىزمىتى يەنى 3D Studio يۇمشاق دىتالىنى بارلققا كەلتۇردى
1996-يىلى Autodesk Kinetixقۇرۇلدى .ھەم تارماق ئەترىتى3dsنى تارقىتىشقا مەسئۇل بولدى
1999-يىلى Autodesk شىركىتى Discreet Logic شىركىتىنى سېتىۋالدى ھەم kinetix بىلەن بىرلەشتۇرۇپ discreet تارماق بۇلۇمىنى قۇرىدى.
3D Studio نىڭDos نەشرى 80-يىللارنىڭ ئاخرى مەيدانغا كەلدى. ئۇچاغلاردا پەقەت 386مىكرو كومپىيوتىرلاردىلا نورمال مەشغۇلات قىلىشقا بۇلاتتى. 90-يىللاردىن كىيىن كۆزنەك مەشغۇلات سېستىمىسنىڭ تەرەققى قىلىشغا ئەگىشىپ Dos ھالەتتە مەشغۇلات قىلىشقا بولمىدى يەنى ئىچىكى سىغىم يىتىشمەلىك سۆرئەت ئاستا بۇلۇش جەھەتتە.
ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك ؟؟؟بۇھالەتنى ئۆزگەرتمەي بولمىدى.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنىڭ رىقابەتچىللرىنىڭ غەلبىسى يەنى Softimage、Lightwave、Wavefront زور بېسىم پەيدا قىلدى .ئۇلار ئاخرى Dos ھالەتتىن چىكىنىدى. ئىشنى نۆلدىن باشلىدى.
3D Studio MAX 1.0
1996-يىلى 4- ئايدا 3D Studio MAX 1.0 دۇنياغا كەلدى. مانابۇ تۇنجى windows نۇسخىدىكى 3D Studio MAX
3D Studio MAX R2
1997-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۇنى كالفورنىيە شىتاتى لۇس-ئانجىلىستا رەسمىي ئېلان قىلدى. يېڭى يۇمشاق دىتال ئىلگىركى 3D Studio MAX نىڭ ئىقتىدارىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بۇلۇپلا قالماي بەلكى يەنە ھەرخىل 3 ئۆلچەملىك سۆرەت مەنبەلىرىنى قوللاش يەنى OpenGL ۋە Direct3D . شۇنىڭدەك Intel Pentium ProۋەPentiumⅡ ئۆزئار ماسلىشىشنى ئەلالاشتۇردى
3D Studio MAX R3
1999-يىلى 4-ئايدا كالغۇرنىيە SAN JOSE ئۇيۇن ئاچقۇچىلار يىغىنىدا رەسمي ئېلان قىلدى.
Discreet 3ds max 4
يىڭى ئۇرلان Siggraph 2000 يىغىنىدا ئېلان قىلىندى 4.0 نەشىردىن تارتىپ نامى 3ds max دەپ يىزىلدى، بۇ نەشىردە ئاساسلىقى ئوبراز ھەركىتى كەۋدىلەندۇرۇلگەن
Discreet 3ds max 5
2006-يىلى 6-ئاينىڭ 26،27 كۇنلىرى ئايرىم ھالدا Seattle ، Rzeczpospolita Polska،State of Washington قاتارلىق جايلاردائۆتكۈزۈلگەن 3ds max 5 ئۇچۇق كۆرسىتىش يىغىنىدا ئېلان قىلىدى. مانا بۇ تۇنجى ئىلگىركى نەشىردىكى قىستۇرما دىتاللارنى قۇللاش نەشرى . 3DS Max 5.0 نەشىرگە Bone Tools ۋە UV Tools قاتارلىق قوراللار قۇشۇلغان.
Discreet 3ds max 6
2003-يىلى 7-ئايدا Discree داڭلىقD3 يۇمشاق دىتال 3ds max نىڭ يىڭى نەشرى6.03ds max نى ئېلان قىلدى.بۇنەشرگە ئاساسلىقى mental ray قۇشۇلغان
Discreet 3ds max 7
Discreetشىركىتى 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۇنى 3ds max 7 ئېلان قىلدى. بۇنەشرگە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن قورال يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئادەم ھەركىتى قورالى character studio قېتىلغان.
Autodesk 3ds Max 8
2005-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۇنى Autodesk شىركىتى 3ds Max نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرى Autodesk 3ds Max 8 ئېلان قىلدى.
Autodesk 3ds Max 9
Autodeskشىركىتى Siggraph 2006 User Group چوڭ يىغىنىدا 3ds Max 9ۋە Maya 8 نىڭ 32 بىتلىق 64بىتلىق نەشرىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
يېڭى ئىنكاسلار