ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەتتۇرمۇش خاتېرىسى, قۇتبىلىك دۇنياسى>يازمىلار
hatire category qutbilik category
قۇتبىلىك-يۈرەك سۆزۈم (1)

بىلىشىمچە بىزنىڭ كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىللىرىنى بىلىشىمىز DOS مەشغۇلات سىستېمىسىدىن باشلانغانغۇ دەيمەن،ئاندىن Windows نىڭ كۆزنەكلىك مەشغۇلات سىتېمىسى بىىلەن ئۇچراشتۇق، يېقىنقى ئۈچ -تۆت يىل مابەينىدە XP,Vista,Win7 دىگەندەك مەشغۇلات سىستېمىللىرىنى ئىشلىتىپ ئۆتتۇق،ئارلىقتا غەيرەتلىك ياشلىرىمىز ئۆزلىكىدىن ئۇيۇشۇپ Xpنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى، ئەمدىلا كومپيۇتېر چۈشەنچىسى شەكىللىنىۋاتقان، ئۇيغۇرتىلىدىن باشقا تىللارنى دىگەندەك بىلىپ كىتەلمىگەن نۇرغۇن كىشىللىرىمىز بۇلارنىڭ تارقاتقان سىستېمىسىدىن ئۆزىگە لايىق مەنپەئەتكە ئىرىشتى، يەنە ئوچۇق كودلۇق بولۇۋاتقان Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ بىر قىسىملىرىمىزنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئىشلىتىپ باققانلار تەۋىسيە قىلىشتى، يەنە بىر قىسىم ئوت يۈرەكلەر بۇنى تەرجىمە قىلىشقا ئاتلاندى، بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغانلار ئارىمىزدا ئاستا-ئاستا كۆپەيمەكتە، كومپيۇتېر بىلىملىرىگە بولغان بىلىش دەرىجىمىزنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بەزىللىرىمىز Xp نى تاللىدۇق، بەزىللىرىمىز Ubuntu نى تاللاۋاتىمىز، بۇنى مىنىڭچە ئۇيغۇرلار ئارسىدا مودا بولىۋاتقان بىلوگ ئويناشقا ئوخشىتىشقا بولىشى مومكىن، دەسلەپ بىلوگ بىلەن تۇنۇشقانلار بىلوگسىپوت، بىلوگبۇس قاتارلىق بىلوگلارنى ئىشلەتتى، كىيىن PJ بىلوگقا كۆچتى، ئاندىن ۋوردپرېسكە كۆچۈشكە باشلىدى، دىمەكچى ئۇيغۇر بىلوگگىرلارنىڭ كومپيۇتېر بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ئۇلارنى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئىلغان بىلوگ سىستېمىسىنىڭ بىرى بولغان ۋوردپرېس سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىمۇ كومپيۇتېر بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى شەرت قىلىدۇ، كومپيۇتېردا ئەمدى تىلى چىقىۋاتقان ئاجىزلىرىمىزغا Ubuntu ئىشلەت دىسەك قىينىلىپ قېلىشى مومكىن، تەرەققىيات ئاستا-ئاستا بولىدۇ، كومپيۇتېر بىلىمى ئېشىپ XP ھاجىتىدىن چىقالمىغانلارغا Xp نى زورلىغىلىمۇ بولمايدۇ، بۇنداق كىشىللىرىمىز بىزنىڭ ئالدىمىزدا مېڭىپ بىزلەرگە يول ئاچىدۇ، بىز بۇيەردە Xpنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقانلارغا، Ubuntuنى تەرجىمە قىلىۋاتقان ۋە تەۋىسيە قىلۋاتقانلارغا، ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلارغا كۆپ رەخمەت ۋە تەشەككۈلەرنى ئېيتمىز.
بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى تېڭشۇننىڭ تورمەشغۇلات سىستېمىسى توردا ئېچىۋىتىلدى، تورداشلار بۇنى كۆرۈپ بۇ سىستېمىدا تورمەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ئەندىزى شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتىشىتى. يەنە 10-ئاينىڭ 10- كۈنى يېڭىلاپ تارقىتىلغان Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىدا تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قىسمەن ئالاھىدىلىكىرىنىڭ قېتىلغانلىقى بايقالدى، يەنە گوگېل Chrome OS ناملىق تور مەشغۇلات سىستېمىسىنى توختىماستىن يېڭىلاپ تارقىتىۋاتىدۇ، گوگېلنىڭ ئاندرويىد مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە Chrome OS نى ئىشلەپ تارقىتىشى ھەم تىز سۈرئەتتە يېڭىلىشى، يەنە IPV6 نىڭ قوللىنىشقا باشلانغانلىقى ئالدىمىزدا بىر ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىزنىڭ كومپيۇتېر تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنىڭ باشقا چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ئۆزگىرىپ كىتىدىغانلىقىنى،تەكلىماكاندا چوڭ بولىۋاتقان بىزلەرنىڭ تېخىمۇ تېرىشمىساق بولمايدىغان جاپالىق كۈنلەرگە قەدەم قويۇۋاتقانلىقىمىزدىن دىرەك بىرىدۇ.
يىراق بولمىغان كەلگۈسىدىكى بۇ ئىنقىلاپنىڭ ئىسمىنى «بۇلۇت» ئىنقىلاۋى دەپ ئاتىلىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ، چۈنكى ئاندرويىد قاتارلىق كۆچمە ئۈسكىنە مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە Web OS نىڭ تەرەققى قىلىشى «بۇلۇت» ئۇقۇمىنى مەركەز قىلىۋاتىدۇ، مەشغۇلات سىستېمىسى بۇرۇنقى قاتتىق دېسكىغا ئۇچۇر ساقلاشتىن تور مۇلازىمىتىرىغا ئۇچۇر ساقلاشقا، بارلىق شەخسى ئۇچۇر، ماترىياللارنىڭ تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە بولىشىغا يۈزلەنمەكتە، بۇنىڭ بىزگە بەرگەن مەنىسى شۇكى بىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى كومپيۇتېر تەرەققىياتىمىزمۇ مۇشۇ «بۇلۇت» ۋە Web OS لارنى مەركەز قىلىپ تەرەققىي قىلىدۇ.



سۆز قالدۇرۇڭ


Ctrl+Enter نى بېسىپ يوللاڭ