بۇندىن ئىلگىرىكى تېمىللىرىمدا ئاساسەن توربەت ۋە قوللىنىلىشچان پىروگراممىلارنىڭ ئۈچۈنچى تەرەپ ئېغىزىدىن پايدىلىنىپ بىرەر پىروگرامما ياساش توغرىسىدا توختىلىپ كەلدىم، بۈگۈن ئاشۇ تېمىللىرىمنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بىلىكنىڭ ماشىنا ئادىمىنى ئېلىپ كەلدىم.
دوستلار بەلكىم چ چ نىڭ ماشىنا ئادەم پىروگراممىسى بىلەن پاراڭلىشىپ باققان بولىشى مومكىن، مىنى ياسىغىنىم گوگېلنىڭ پاراڭلىشىش دىتالىنىڭ ماشىنا ئادىمى.
ئىسمى :bilikrobot
ئادىرىسى: bilikrobot@gmail.com
سىز بۇ ئادىرىسنى گوگېلنىڭ پاراڭلىشى دىتالى ئارقىلىق پاراڭغا تەكلىپ قىلىڭ ئاندىن خەت يېزىڭ، بۇ ماشىنا ئادەم سىز بىلەن پاراڭلىشىنى باشلايدۇ.
مەسىلەن تۈۋەندىكىدەك:
بۇ بىر ئاددىي بولغان پىروگرمما خالاس، لىكىن بىز بۇنى تەرەققى قىلدۈرساق بولىدۇ.
بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مەخسۇس بىر توربەت ياكى بىلوگنىڭ ماشىنا ئادىمىنى ياسىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇ ماشىنا ئادەمدىن يېڭى تېمىلارنى، كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلارنى سوراپ كۆرگىلى بولىدۇ، يەنە ئۇلارغا ئىنكاس يازغىلىلىمۇ بولىدۇ. يېڭى تىما يوللىغاندا يېڭى تېما يوللانغانلىقىنى ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ، ھازىرقى ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىدە گوگېلنىڭ پاراڭ دىتالى بار، ئۇ دىتال ھەرۋاقىت ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ، دىمەكچى سىزنىڭ ماشىنا ئادىمىڭىز تور بىتىڭىزگە ماقالە يوللانغان ھامان، بارلىق ئابونىتلىرىڭىزغا ئۇچۇر بىرىدۇ دىگەن گەپ.
مەن ئالدىنقى يازمامدا گوگېلنىڭ پاراڭلىشىش دىتالى ئارقىلىق بىلىككە ماقالە يوللاش، يوللانغان ماقالىلەرنى بىكەت ئەزالىرىغا ئۇقتۇرۇش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىش ئىمكانىىتىنىڭ بارلىقىنى لىكىن بىزنىڭ تا ھازىغىچە پايدىلىنىپ كىتەلمىگەنلىكىمىزنى ئېيتىپ ئۆتكەن.
ماۋۇ كىچىك مىسال ئارقىلىق پىروگرامملىرىمىزنىڭ كاللىسى ئېچىلىپ قىزىقىشى قوزغۇلۇپ ئاشۇنداق بىر پىروگراممىنى يېزىپ چىقسا، بىز ھەممىمىز خوش بولاتتۇق، ئاشۇنداق ئۈمىد ۋە ئىشەنچىلەر بىلەن بۇ كىچىك پىروگراممىنى تور ئەھلىگە ئېلىپ كەلدىم، دوستلارنىڭ بۇ پىروگراممىنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە بۇ توغرىسىدا ئويلىغان خىياللىرىنى ئېيتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >تور دۇنياسى>يازمىلار
يېڭى ئىنكاسلار