ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەتپروگرامما>يازمىلار
program category
كومپيۇتېر ساھەسىكى ئەڭ داڭلىق مۇكاپات- تۇرىڭ مۇكاپاتى
3 كۈن ئىلگىرى يوللانغان پروگرامما ھازىرچە ئىنكاس يوق

ئالدىنقى يازمىدە مەن «كومپيۇتېر تىلى ئاتىسى»كىم ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى توغرىسىدا توختالغان ئىدىم. كوپچىلىك دىققەت قىلدىمىكىن، ئاشۇ يازمىدا «تۇرىڭ مۇكاپاتى» دەپ بىر گەپ ئۇچرايدۇ. ئۇنداق بۇ «تۇرىڭ مۇكاپاتى» زادى قانداق مۇكاپات؟

تۇرىڭ مۇكاپاتى(图灵奖,Turing)-كومپيۇتېر ساھەسىدىكى نوبىل مۇكاپاتى ( بۇ دېگەنلىك تۇرىڭ مۇكاپاتى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ بىر تارمىقى دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى نوبىل مۇكاپاتىغا ئوخشاش ئەڭ داڭلىق مۇكاپات دېگەنلىك.)

تۇرىڭ مۇكاپاتى ئامېرىكا كومپيۇتېر جەمئىيىتى (ACM) تەرىپىدىن 1966-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بىر نامى «A.M تۇرىڭ مۇكاپاتى»، مەخسۇس كومپيۇتېر ساھەسىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان شەخسلەرگە تارقىتىلىدۇ. بۇ مۇكاپاتقا كومپيۇتېر ئىلىمىگە ئاساس سالغۇچى، ئەنگىليەلىك ئالىم ئالەن تۇرىڭ (Alan Turing) نى خاتىرىلەش مەقسىتىدە، ئۇنىڭ ئىسمىنى مۇكاپات نامى قىلىنغان.

تۇرىڭ مۇكاپاتى بولسا خەلقئارادىكى ئەڭ داڭلىق مۇكاپات، ئۇنى يەنە « كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئەڭ نوبىل مۇكاپاتى» دەپمۇ تەرىپلەيدۇ. تۇرىڭ مۇكاپاتى ئېرىشكۈچىگە قويغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى، باھالاش باسقۇچلىرى ئىنتايىن قاتتىق، ئادەتتە بىر يىلدا كومپيۇتېر ساھەسىدىكى بىرلا ئادەمگە بېرىلىدۇ. پەقەت ئاز بىر قىسىم يىللىرىدا كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئوخشاش بىر يۆنىلىشىگە زور تۆھپە قوشقان ئىككىدىن ئارتۇق شەخسلەرگە بىرلا ۋاقىتتا بېرىلگەن.  نۆۋەتتە بۇ مۇكاپات ئىنتىل (Intel) تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى يۈز مىڭ (100000) ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

ھەر يىلى، ئامېرىكا كومپيۇتېر جەمئىيىتى جەمئىيەتكە مۇكاپات نامزاتلىرىنى كۆرسىتىشنى، ھەمدە ، نامزاتنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇكاپات ئېرىشىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، 200-300 خەت ئەتراپىدا ماقالە تاپشۇرۇشنى ئوقتۇرىدۇ. ھەرقانداق ئادەم نامزات بولسا بولىۋېرىدۇ.  ئامېرىكا كومپيۇتېر جەمئىيىتى باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، نامزاتلارغا نىسبەتەن قاتتىق تەپتىش ئېلىپ بارىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى بېكىتىپ چىقىدۇ.

ھازىرغا قەدەر، بۇ مۇكاپاتقا جۇڭگۇلۇقتىن پەقەت بىرلا كىشى ئېرىشىشكە نائىل بولغان. ئۇ بولسىمۇ 2000-يىللىق تۇرىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ياۋ چىجى (姚期智).

پايدىلانمىلار: www.google.com ئىزدەش ماتۇرىدىن كەلگەن…




سۆز قالدۇرۇڭ


Ctrl+Enter نى بېسىپ يوللاڭ