ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەتپروگرامما>يازمىلار
program category
كومپيۇتېر تىلى ئاتىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
3 كۈن ئىلگىرى يوللانغان پروگرامما ھازىرچە ئىنكاس يوق

سىز بەلكىم كومپيۇتېر ئاتىسىنىڭ جون ھون نويمان(John von Neumann,1903-1957) ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا «كومپيۇتېر تىلى (Computer language 计算机语言)» ئاتىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەمسىز؟  ئەگەر بىلمىسىڭىز ، تۆۋەندىكى بايانلارغا نەزەر سالغايسىز.

كرستان نايگارد( Kristen Nygaard) بولسا  ئوسلو ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسورى، ئۇ simula پروگرامما لايىھىلەش تىلىنى تەرەققى قىلدۇرغانلىقى،  MS_DOC ۋە ئىنتىرنېتغا ئاساس سالغانلىقىنى ئۈچۈن خەلقئارادا زور شان-شەرەپكە ئېرىشكەن.

كرستان نايگارد 1926-يىلى ئوسلودا تۇغۇلغان، 1956يىلى ئوسلو ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ماتېماتىكا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. شۇنىڭدىن بېرى ئۇ بارلىغىنى كومپيۇتېر تىلى ۋە پروگرامما لايىھىلەش تەتقىقاتىغا ئاتىغان.

1961-يىلىدىن 1967-يىلىغىچە، نايگارد نورۋېگىيە كومپيۇتېر مەركىزىدە خىزمەت قىلغان، ھەم ئوبيكتىپقا يۈزلەنگەن پروگرامما لايىھىلەش تىلىنى ئىجاد قىلغان. 2001 –يىلى نايگارد ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدېشى ئول يوھان دېيل بىرلىكتە 2001-يىللىق A.M  تۇرىڭ مۇكاپاتى(Turing-كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق مۇكاپات) ۋە باشقا نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. شۇ ۋاقىتتىكى مۇكاپات تارقاتقان «خەلقئارا كومپيۇتېر جەمئىيىتى» ئورگىنى، ئۇلارنىڭ خىزمىتى Java، C++  قاتارلىق پروگرامما لايىھىلەش تىلىرىنىڭ شەخسى كومپيۇتېر ۋە ئائىلە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىدە كەڭ ئىشلىتىلىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن، يەنە  ئۇلارنىڭ خىزمىتى يۇمشاق دېتال لايىھىلەش ۋە پروگرامما تۈزۈش ئىشلىرىغا تۈپتىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئىشەنچلىك، ئىشلىتىشچانلىق، دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ بارلىقىقا كېلىشى تۈرتكە بولغان،  دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

ئۇ 2002-يىلى يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن 75-يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

نايگاردنىڭ كومپيۇتېر تىلى ساھەسىگە قوشقان ئاجايىپ تۆھپىسى سەۋەپلىك، «كومپيۇتېر تىلى ئاتىسى» دېگەن شەرەپكە ئىرىشكەن. دوستلار، ئۇنىڭ كومپيۇتېر تىلى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بارلىغىنى بېغىشلاش روھى، بىزنىڭ كومپيۇتېر تىلىنىڭ گۈزەل ئەتىسىگە قاراپ ئىلگىرلىشىمىزگە ئىلھام بەرگۈسى.

(1926-2002) Kristen Nygaard



سۆز قالدۇرۇڭ


Ctrl+Enter نى بېسىپ يوللاڭ