ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەتئۇنىۋېرسال>يازمىلار
universal category
بىزدىكى بايلىقلار
4 كۈن ئىلگىرى يوللانغان ئۇنىۋېرسال ھازىرچە ئىنكاس يوق

ھازىرقى دەۋىردىكى ئۇچۇر ئامبىرىنى بايلىق دەپ ئاتىساق، ئۇيغۇرسوفىت، بىلقۇت، ئىرپان، مۇئەللىم قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ئۇلارنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىدۇر.
يۇمشاق دىتالنى قىسقا ۋاقىتتا مۇئەييەن تېخنىكىلىق كۈچ بىلەن ياسىۋالغىنى بولىدۇ، قاتتىق دىتالنىمۇ ھەم ناھايىتى ئاسان سېتۋالغىنى بولىدۇ، لىكىن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى بىركىم ئالدىراپ ياساپ بولالمايدۇ ۋە ئالدىراپ خەققە ساتمايدۇ، مۇشۇ نوقتىدىن شۇنداق ئېيتىشقا بولىدىكى كومپيۇتېر ساھەسىدە بىز بارلىققا كەلتۈرگەن ھەقىقى بايلىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
بەلكىم بەزى دوستلار بىزنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ئاساس بولغان تېخنىكىلارنى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىمىز دەپ ئويلىشى مومكىن، بۇمۇ توغرا لىكىن تېخنىكىنىڭ ھامان ۋاقتى ئۆتىدۇ، تېخنىكا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، يېڭىسىنىڭ ئالدىدا كونىسى شاللىنىدۇ، لىكىن ساندان يىلدىن يىلغا ئاۋۇپ ماڭىدۇ، قىممىتى ئېشىپ بارىدۇ.
ئەمدى بىزدە قانداق بايلىقلار بارلىقىنى كۆرۈپ ئۆتىلى.
ئۇيغۇر سوفىتتىكى ئۇيغۇر تىلى ئىملا ئامبىرى.
ئۇيغۇر سوفىت، بىلقۇت، ئىرپان، مۇئەللىم قاتارلىق شىركەتلەردىكى سېلىشتۇرما لۇغەت ئامبىرى.
ئوكيان تورىدىكى مىقدارى كۈنسىرى ئېشىپ مۇكەممەللىشىپ مېڭىۋاتقان قامۇس (نادىر ئەسەرلەر ئامبىرى).
ئوكيان تورىدىكى ئۇيغۇر ئىسىملىرى ئامبىرى.
ئوكيان تورىدىكى قانۇنلۇق تارقىتىلدىغان ئۈن-سىن ئامبىرى.
مەن بايقىغان بايلىقلار ھازىرچە مۇشۇلار، يەنە بىز ھازىرغا قەدەر بەرپا قىلغان بايلىقلار بولسا قالدۇرساق بولىدۇ.
بۇ بايلىقلار ھازىر ۋە كەلگۈسىدە قىممىتى ئۈزلىكسىز ئېشىپ بارىدىغان ۋە بىزلەرگە كەلگۈسىدە ھەقىقى مۇلازىمەت تەمىن ئىتەلەيدىغان بايلىقلاردۇر.
شىركەتلەر قولىدا مۇشۇ ساندانلا بولىدىكەن، شىركەت ھامان پۇت تىرەپ تۇرغىدەك بىر مۇلازىمەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.
ئۇيغۇرسوفىتنى ئالساق مۇلازىمەت دائىرىسى لۇغەت ۋە كوررىكتورنى مەركەز قىلغان، باشقا ئىشلارغا بەك زىھنىنى چاچماي، ئامبارنى كۈنسىرى مۇكەممەللەشتۈرۋەتىدۇ.
باشقا ئىلىكتىرون شىركەتلىرىمۇ ئاساسەن ئامبارنى كىڭەيتىش ئارقىلىق رىقابەتتە ئالدىنقىلىقنى ئىگەللەۋەتىدۇ.
ئوكيان تورى ماقالە، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى،ئۈن-سىن ئامبىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توختىماي يىغىۋاتىدۇ.
بۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدىغانلىقىنى چۈشنىشكە بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كەلگۈسىدىكى مۇلازىمەت، رىقابەت ئۈچۈن.
ھازىر كۆچمە ئالاقە ساھەسى ۋە بۇلۇت كومپيۇتېرى دىگەندەك ئىستىقباللىق دەپ قارلىۋاتقان ساھە ۋە تېخنىكىلارمۇ مۇشۇ ساندانلار ئارقىلىق بىزگە تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە تولغان قوللىنىش ۋە مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىيلەيدۇ.
ئەمدى ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا يەنە بىر نەزەر سالساق،بىزدە يەنە قانداق بايلىقلار كەمچىل، توربەتلىرىمىز، تور قۇرغۇچىللىرىمىز بىزگە قانداق ئامبارلارنى قۇرۇش ئارقىلىق
خەلىقىگە خەلىقى ھەقىقىي ئىھتىياجلىق بولغان مۇلازىمەتلەرنى بەخىش ئىتەلەيدۇ؟

بۇنى بىر ئويلىشىپ باقساق…



سۆز قالدۇرۇڭ


Ctrl+Enter نى بېسىپ يوللاڭ