مەزكۇر رەسىم بۇندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ يازمىلارنىڭ ئاساسى مەنبەسى بوپ قالىدۇ، ئوبدانراق تەتقىق قىلىڭ ۋە تەكلىپ پىكىر بىرىڭ، بەرگەن تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىڭىز ئۈچۈن ئىشىنىڭكى چوقۇم رازى بولغۇدەك جاۋاپقا ئېرىشىسىز.
بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا بوۋام ياشىغان مۇشۇ زىمىندا تەڭرىتېغىنىڭ ئۈستىدە شۇنداق ئېسىل، سۈيى ئەلۋەك بىر كۆل بار ئىكەن، بۇ كۆلنىڭ سۈيى توققۇز دەريا ئارقىلىق تەكلىماكاندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلىقلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
بۇ توققۇز دەريانىڭ بەزىللىرىنىڭ سۈيى بەك تىز، بەزىللىرىنىڭ ئاستا ئىكەن، بەزىللىرى مۇقۇم ئاقسا، بەزىللىرى تۇراقسىز ئىكەن. تۇرمۇشى باياشات ئەللەر يۇقىرى سۈرئەتتە، مۇقۇم ئاقىدىغان دەريانى ئۆز ئىلىگە باشلىۋالىدىكەن، سەل نامراتلىرى شۈكرى قانائەت بىلەن سۈيى ئاستا، ئاندا-ساندا ئۈزۈلۈپ قالىدىغان دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىدىكەن، لىكىن بۇلار مەيلى گاداي بولامدۇ، باي بولامدۇ، ئىچىۋاتقان سۈيىنىڭ بىر كۆلنىڭ سۈيى ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن.
ھەرقايسى ئەل خەلىقلىرىنىڭ سۇ ئىچىشكە ئىشلىتىدىغان ئۈسكىنىسى مەدەنىيەت ۋە تېخنىكا سەۋيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمايدىكەن. بەزىلەر چىنىدە ئىچسە، بەزىلەر رومكىدا ئىچىدىكەن، بەزىلەر تەخسىدە ئىچسە، بەزىلەر كوزىدا ئىچىدىكەن.
دەۋىرلەرنى ئالمىشىپ كىشلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ناھايىتى بەك ئۆسۈپ كىتىپتۇ، سۇنى خەلىققە توشۇۋاتقان دەريا خەلىقنىڭ ئىھتىياجىنى قامدىيالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەقىللىق كىشىلەر تۇربايولى دىگەن بىر نەرسە بىلەن كۆلدىكى سۇنى بىۋاستە ئۆيگە باشلاپ كىرمەكچى بوپتۇ، شۇنداق قىلىپ كىشىلەر دەرياغا تايانمايدىغان بىر سۇ يولى ھاسىل قىپتۇ، لىكىن بۇ يولغا كەتكەن مەبلەغ زىيادە كۆپ بولغاچقا كىشىلەر ئويلىنىشقا باشلاپتۇ، بىرسى بىز نىمىشقا تۇربىنى كۆلگە بىۋاستە ئۇلايمىز، تۇربىنى دەرياغا ئۇلاپلا كەلگەن سۇنى ئۆيگە ئېلىپ كىرسەك بولمامدۇ؟ دەپتۇ.
ئەل دانالىرى ئويلاپ باقسا بۇمۇ ئوبدان پىكىر ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر دەريالارغا تۇربىنى ئۇلاپتۇ، خەلىق بۇ ئىشتىن ناھايىتى خۇشال بوپتۇ، كىشىلەر ئۆيىدە ئولتۇرۇپلا بەھۇزۇر ھالدا كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيدىغان بوپتۇ.
باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ھەرقايسى ئەل خەلىقلىرىنىڭ سۇ ئىچىدىغان قاچىسىنىڭ شەكلى ۋە ياسالغاندىكى تېخنىكىلىق جەريانى ئوخشىمىغاچقا، ئوخشاش بولمىغان سۇ ئىچىش ئادىتى بار كىشىلەر شەكىللىنىپتۇ، بەزىلەر رومكىدا، بەزىلەر، كومزەكتە، بەزىلەر چىنىدە، بەزىلەر تەخسىدە سۇ ئىچىدىغان ھالەت شەكىللىنىپتۇ.
ئالتە تاغنىڭ كەينىدە ياشاۋاتقان بىر ئەلنىڭ پادىشاھى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ۋەزىرلىرىگە ھەممە ئورتاق سۇ ئىچىدىغان، ناھايىتى قۇلايلىق بولغان سۇ ئىچىش قۇرالىدىن بىرنى ياساشنى، بۇ قۇرالنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر سۇ ئىچىش قۇرالىدىن ئىلغار بولىشىنى تەلەپ قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋەزىرلەر دانا ئۇستىلارنى تەكلىپ قىلىپ ناھايىتى كۆركەم ھەم ئاددىي ساددا بولغان، بايلارمۇ، كەمبەغەلەرمۇ ئىشلىتەلەيدىغان بىر سۇ ئىچىش ئەسۋابىنى ياساپ چىقىپتۇ.
پادىشاھ بۇ نەرسىنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بوپتۇ ۋە كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرىپ ئالتە تاغنىڭ كەينىدە ياشاۋاتقان تەكلىماكانلىقلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بىرىشنى ئېيتىپتۇ.
بۇ ئۈسكىنە شۇنداق ئىلغار ۋە سىپتا ئىكەنلىكى بىلەن داڭقى پۈتۈن ئەلگە تاراپتۇ، خەلىق بۇ خىل سۇ ئىچىدىغان نەرسىنى قۇبۇل قىلىپ ئەۋلادىمۇ –ئەۋلاد ئىشلىتىپتۇ.
دەپ مۇشۇ ۋاقىتتا ئالتە تاغنىڭ كەينىدىكى يەنە بىر ئەلدە كىشىلەر تەكلىماكاندىكى كىشلەرنىڭ سۇ ئىچىش ئۈسكىنىسىنى يېڭىلاپ بۇ ئورۇننى ئىگەللىۋېلىشنى پىلانلاۋاتاتتى.
سىرىتقى خەلىق مەيلى نىمىلا ئويىلىمىسۇن تەكلىمان خەلىقى بۇ توساتتىن پەتتىن پەيدا بولغان ھەقسىز نىمەتتىن بەكمۇ رازى بولغاندەك قىلاتتى.
دەۋىرلەر- دەۋىرلەردىن يەنە بىر ھالقىپ شۇنداق بىر دەۋىر يتىپ كەلدىكى تەكلىماكانلىقلار ھەتتا سۇ ئىچىش ئۈچۈن سۇ ئالدىغا بېرىش ئېغىر كىلىدىغان ھورۇن كىشىلەرگە ئايلانغىنى تۇردى، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئالتە تاغنىڭ كەينىدىكى پادىشاھ ۋەزىرلىرىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شۇنداق بىر نەرسە ياساڭلاركى خەلىق سۇ قاچىسىنى كۆتۈرمەيمۇ سۇ ئىچەلەيدىغان بولسۇن دىدى.
بۇ ئەلنىڭ خەلىقى شۇنداق تىرىشچان خەلىقلەر توپىدىن بولغاچقا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى ئۇزۇنغا بارماي ئورۇنلاپتۇ، شۇنداق بىر تېخنىكىلارنى بەرپا قىلىپتۇكى بۇ تېخنىكىلارغا ئادەم پەيدا بولۇپ ھازىرغىچە پەيدا بولغان بارلىق تېخنىكىلار تەڭ كىلەلمەيدىكەن.
پادىشاھ بۇ تېخنىكىلار بىلەن بىر قانچە خىل مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىپ تەكىماكانغا ئېۋەتىشنى، ئەۋەتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭا ئالاھىدە «خاسىيەتلىك ئەينەك» تىن بىرنى چاپلاپ قويۇشنى ھەمدە ھەقلىق قىلىشنى ئېيتىپتۇ.
تەكلىماكان خەلىقى ئالدىنقى قېتىم ئالتە تاغنىڭ كەينىدىن كەلگەن مەھسۇلاتنى ئىشلىتىپ زىيان تارتمىغانلىقىنى ئويلاپ بۇ قېتىم ھەقلىق سېتۋالسىمۇ زىيان بولماس دەپ ئويلاپتۇ ۋە تەرەپ تەرەپتىن بۇ مەھسۇلاتلارنى قىممەتلىكىگە قارىماي سېتىۋاپتۇ.
خەلىق بۇ مەھسۇلاتنى قولىغا ئېلىپ ھەيرانە-ھەس بولىشىپتۇ، يائاللا كارامەت بىلەن جايىدا تۇرۇپلا قېلىشىپتۇ.
دىمىسىمۇ بۇ مەھسۇلات شۇنداق خاسىيەتلىك ئىكەنكى، سىز نەدە بولۇڭ، قايسى ۋاقىتتا بولۇڭ سۇ ئىچىمەن دىسىڭىزلا ئۇسۇزلىقىڭىزغا قاندۇراتتىكەن، نىمە يىدىڭىز، نىمە ئىتىڭىز، نەدە يۈرۈپ نەرە ئىچتىڭىز ەممىنى خاتىرلەپ ماڭالايدىكەن.
چوڭلار كۆرۈپ ياپىر دىسە، مەدرىسلەردە ئوقۇۋاتقان تالىپلار كۆرۈپ يائاللا ئىگەم، يات ئەللەر نىمە دىگەن تەرەققى قىلغان ھە؟ بىز نىمە ئۈچۈن ئاشۇ لاردەك مۇشۇنداق ئىسىل نەرسىلەرنى ياسىيالمايمىز ھە؟ دەپ ئويغا چۆكۈشۈپتۇ.
كىشىلەر نىمىلا دىمىسۇن ۋە قاندقلا ئويلىمىسۇن بۇ مەھسۇلات ئەلنى بىر ئالغان ئىدى.
دەل مۇشۇ چاغدا ئالتە تاغنىڭ كەينىدىكى سۇ ئىچىش ئەسۋابىنى كەشىپ قىلغان ئەل يەنە شۇنداق بىر ئىسىل مەھسۇلات ئىشلەپ چىقاردىكى ئۇ ئالدىنى سۇ ئىچىش ئەسۋابىنىڭ ئىقتىدارىنى ھەم بۇ قېتىمنى يېڭى سۇ ئىچىش ئەسۋابىنىڭ ئىقتىداىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان ئىدى.
گەرچە بۇ مەھسۇلات شۇنچە ئىسىل ۋە تېخنىكىلىق ياسالغان بولسىمۇ خەلىق بۇ مەھسۇلاتنىڭ كەلگۈسىگە گۇمان بىلەن قاراۋاتقان ئىدى، خەلىق قانداق قارىشى چوق مەسىلەن ئەمەس ئىدى ، مۇھىمى بۇ ئەلنىڭ تالىپلىرى ئۆزىنىڭ خەقنىڭ مەھسۇلاتىغا قاراپ تۇرۇشتىن باشقا قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيۋاتقىنىغا قاراپ ئاچچىق تولغىنىۋاتاتتى.
نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز رەىسمنى كۆرسىڭىز چۈشىنىسىز، شۇنداقلا رەسىمنىمۇ چۈشىنىسىز.
قىسقىچە تەبىرى:ئاۋۇ «كۆل» بولسا ‹ساندان›غا، «دەريا » بولسا «توربەت پىروگرامما تىللىرى»، «تۇربا يولى» بولسا «SDK دىن كەلگەن API» يەنى رەسىمدىكى XML ماڭغان يۆنۈلۈش، ئالتە تاغنىڭ كەينىدىكىسى ئامرىكا، پاىشاھ بولسا گوگېل، مەھسۇلاتى بولسا كىروم تور كۆرگۈسى، ئىككنجى مەھسۇلاتى تېلېفۇن، بىرلەشكەندىن كىينكى مەھسۇلاتى، Chrome OS ، سۇ ئىچكەن ئۈسكىنىلەر بولسا بارلىق تور كۆرگۈچلەر، كۆلدىن بىۋاستە تارتىلغان تۇربا دىگىنى TCP/UDP كىلىشىمى ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش يولى.
(گۇڭگا شىئېر پەيدا بولغاندىن كىيىن گەپنىڭ مەنىسىنى ئاڭلىغۇچى قانداق چۈشەنسە شۇنداق بولىدىغان بوپ قالدى دېيىشىدىكەن، لىكىن گەپلىرىمنىڭ مەنىسى تور تېخنىكىسى ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىدىن ھالقىغان ئەمەس).
يېڭى ئىنكاسلار