•  

    روس تىلى دۇنيادا خېلى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىللارنىڭ بىرى. دىيارىمىز روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوۋىت ئىتىپاقى پارچىلانغاندا مۇستەقىل بولغان بىر قانچە دۆلەتلەر بىلەن چىگرىداش. شۇڭا روس تىلى ئۈگىنىش دىيارىمىزدا تەرەققىي قىلىپ سودىسىنى كېڭەتمەكچى بولغانلار ئۈچۈن بىر قەدەر مۇھىم بولغان تىللارنىڭ بىرى. ئىلگىرى روس تىلىدىن بىزنىڭ تىلىمىزغا كىرگەن سۆزلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە. بۇنىڭ تىپىك بەلگىسى ئەسلىدە يوق بولغان <<ژ>> ھەرىپىنىڭ ئۇيغۇر 32 ھەرىپىنىڭ ئورنىدىن ئورۇن ئېلىشى بولسا كېرەك. مۇشۇنداق سەۋەبلەردىن بىزنىڭ روسچە ئۈگىنىشىمىز باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا ئوڭايراق توختىسا كېرەك دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە روس تىلى ئۆگەنگۈچى ۋە ئۆگەتكۈچىلەرنىڭ دەسلىپىدە ئۆگەنگەندە ئوڭايلىقىغا قاراپ روس تىلى كۈلۈپ كىرىپ يىغلاپ چىقىدىغان تىل دىگەن باھانى بەرگەن.


  • بۇ دىتال ئېنگىلىز تىلى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنىشىگە زور ئىلگىرلەشلەرنى ئېلىپ كەلسە ئەجەپ ئەمەس. بۇ دىتالدا سۆزلۈك ئامبىرى، جۈملە ئامبىرى، ئوقۇشلۇق، تون بەلگىسى ۋە ئوقۇلۇشى، گىرامماتىكا، ۋە لوغەتتىن ئىبارەت چوڭ تۈرلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ. سىزنىڭ سېستىمىلىق ۋە ئەتراپلىق ئۈگىنىشىڭىزگە ياردىمى تېگىدۇ دەپ قارايمەن.

  •  

    بۇ ئېلكىتابغا ئېنگىلىز تىلىدىكى تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان مۇھىم جۈملىلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ 138 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان. جۈملىلىرى چۈشۈنۈشلۇك دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئېنگىلىزچە-خەنچە ئىككى خىل تىلدا ئىشلەنگەن. خەنچىدىن ئوتتۇرا دەرىجىدە بولسىڭىزلا تامامەن چۈشۈنۈپ كېتىسىز دەپ قارايمەن.

  • بەكتۇر ئىنگلىز تىلى كۇلۇبى   2010-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ نىشانى  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز ئانا تىل-يېزىقىدا  ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش  ، ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرىغا تەييارلىق قىلىش ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا  مۇناسىۋەتلىك  بىر قەدەر مۇكەممەل ،كەسپىي   تور  بېكىتى  بولماسلىققا خاتىمە بېرىپ ،  كەڭ ئىنگلىز تىلى ھەۋەسكارلىرى ۋە  چەتئەلگە چىقىپ  ئوقۇش ، ساياھەت قىلىش ئارزۇسى بار ئوت يۈرەكلەرگە خىزمەت قىلىش .

    يېقىندا <<بەكتۇر گۇرۇپپىسى>> قۇرۇلغان بولۇپ بۇ گورۇپپا ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تۈزۈلگەن مەخسۇس گورۇپپا ھېسابلىنىدۇ. بۇ گورۇپپا ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى يورۇق يۇلتۇز كەبى چاقنىغۇسى! ھەمدە بۇ خالىسانە بېسىلغان قەدەم خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيتىگە يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى!

    گۇرۇپپىنىڭ  ئاساسلىق خىزمىتى: باشقا تىللاردىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش  ، ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرىغا تەييارلىق قىلىش ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا  ئائىت  نادىر يازما ، كىتاب ، فىلىم ، نۇتۇقلارنى ئانا تىلىمىزغا  تەرجىمە قىلىش ، تارقىتىش ؛ توردا ئوقۇتقۇچى تەربىيلەش ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ؛ چەتئەلنىڭ نادىر مائارىپ تۈزۈلمىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ؛ مەكتەپ ، كەسىپ  تاللاش ، ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلىش ، تەۋسىيە خېتى ، تونۇشتۇرۇش خېتى ، نەتىجە جەدۋىلى ئىشلەش ، ۋىزا-پاسپورت بېجىرىش...ئىشلىرىدا مەسلىھەت بېرىش ، يول كۆرسىتىش .

    گۇرۇپپاخالىسانە تۆھپە قوشىدىغان ئاۋانگارتلاردىن تەشكىللىنىدۇ  . تەييارلانغان ۋە تارقىتىلغان ماتىرياللار  بىردەك گۇرۇپپا  نامىدا تارقىتىلىدۇ . گۇرۇپپا  قەرەلسىز ھالدا ھەرخىل مەزمۇندىكى كورنىر ، تەجىربە ئالماشتۇرۇش ، سۆھبەتلىشىش كۆرىكى ، "تالانت كۆرىكى " ، تەربىيلەش  كورۇسى ۋە باشقا  پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ . 

    <<بەكتۇر گۇرۇپپىسى>> پات ئارىدا ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى باشلايدۇ. تۆۋەندە بەكتۇر ئېنگىلىزتىلى كۇلۇبىنىڭ <<بەكتۇر گۇرۇپپىسى>> ئۈچۈن چىقارغان ئەزا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرشىنىڭ مەزمۇنى يوللاندى.

  • بۈگۈن ئىلگىرى توردىن ئۇچرىتىپ قېلىپ ساقلىۋالغان گىرمان تىلى ۋە گىرمانىيەگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان تور بىكەتلەرنى تىزىپ چىقتىم. مەزكۇر تور بىكەتلەر گىرمان تىلى ئۈگىنىش، گىرمان تىلى تېلىۋىزىيە قاناللىرى، ھۆكىمەت ئورگانلىرى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئائىت تور بىكەتلەر، تەنتەربىيە، تۈرلىك مېدىيا ۋاستىلىرى، مۇزىي ۋە گىرمانىيە تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك 100دىن ئارتۇق توربىكەت بولۇپ گىرمان تىلى ۋە گىرمانىيەگە قىززىقىدىغانلارغا ئىنتايىن ياخشى سوۋغا دەپ قارايمەن. قېنى ھوزۇرلانغايسىز.

  •  

    تور ئارىلاۋېتىپ تىلغا ئائىت تور بىكەتلەرنى ئۇچىرىتىپ قالدىم،  بۇ تور بىكەتتە دۇنياۋى 10 چوڭ تىلنىڭ كىرىش قىسمىدىن باشلاپ ئۈگىتىدىغان بولۇپ بۇ تور بىكەتتىن ھەرخىل تىلغا ئائىت كۆپلىگەن ماتېرىياللارنى تاپالايدىكەنسىز. سىز ھەربىر تىلنىڭ ئاۋازلىق ئېلىپبەسىدىن تارتىپ تاكى ئاددىي ساۋاتلار، سۆزلۈكلەر، دىئالوگلار، ناخشا، كىنولىرىدىن تارتىپ نۇرغۇنلىغان تۈرلىرىدىن بىلىم ئىگەللىيەلەيسىز. بۇنى ئۈگىنىش ئۈچۈن خەنزۇتىلىدىن ئانچە-مۇنچە ساۋادىڭىز بولسا تېزلا داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلەيسىز دەپ قارايمەن.

     

  •  

    ئالدىنقى قېتىم تۈركچىدىن دەسلەپكى ئاساس-ئېسىل سوۋغا نامىدىكى تېما يوللىنىلغاندىن كېيىن ھەرقايسى مۇنبەرلەردە تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن تورداشلارنىڭ تۈرك تىلىغا بولغان قىززىقىشىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۈگۈن توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ تۈرك تىلىدىكى تاۋۇشلار ۋە ئاددى گىرامماتىكىسى يوللاندى. تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.