• 2011-03-04

    تۈركىيە فىلىمى دادام ۋە ئوغلۇم ۋە ئۇنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالى Türkiye Filimi Dadam ve Oghlum ve Uning Ishlinish Ehwali - [رەسىم ۋە فىلىملەر]

    تۈركىيە فىلىمى دادام ۋە ئوغلۇم ۋە ئۇنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالى
    Türkiye Filimi Dadam ve Oghlum ve Uning Ishlinish Ehwali

    点击查看下一张


    تۈركىيە فىلىمى ‹‹دادام ۋە ئوغلۇم››نى بەلكىم نۇرغۇنلىغان تورداشلار كۆرگەن بولىشى مۇمكىن. ھەقىيقەتەنمۇ بۇ فىلىم ئىنتايىن تەسىرلىك چىققان فىلىم دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئىلگىرى بۇ فىلىمنى چالا-پۇلا كۆرۈپ چىققان ئىدىم. يېقىندا ۋاقىت چىقىرىپ يەنە بىر قېتىم تولۇق كۆرۈپ چىقتىم. ۋەقەلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇلغان مۇزىكا سىزنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ.

    فىلىم ۋەقەلىكى:
    سادىق دادىسى ھۆسەيىننىڭ ئىستانبولغا بېرىپ يېزا-ئىگىلىك كەسپىدە ئوقۇپ ئۆزنىڭ يۇرتىدىكى يېرىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈمۈدىنى رەت قىلىپ مۇخبىر بولۇشنى تاللايدۇ ۋە دادىسىنى خۇددى ئۆزىنىڭ پۈتۈن تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويغاندەك ھېس قىلىدۇ. ھەمدە دادىسى بىلەن كېلىشەلمەي ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ.

    سادىق توي قىلىدۇ ۋە ئايالى تۇغۇت ئۈستىدە ھېچ بىر ئىلاجسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇ كېچىسى ھەربىي ئۆزگۈرۈش يۈزبەرگەن ئىدى. سادىق بالىسىنىڭ ئىسمىنى دېڭىز قويىدۇ. ئۇ ھەربىي ئۆزگۈرۈش جەريانىدا تۈرمىدە ئۆزىنىڭ بىر مەزگىللىك ھاياتىنى ئۆتكۈزىدۇ. ۋە تۈرمىدىن قايتىپ چىقىپ بالىسى دېڭىزنى ئۆزى باقىدۇ. تۈرمىدىكى قاتتىق قىيىن-قىستاق ۋە ناچار شارائىتتا ئۇنىڭ ئۆپكىسىگە سۇيۇقلۇق يېغىلىپ قالىدۇ. گەرچە بىر مەزگىل سەللامازا ساقىيىپ كەتكەن بولسىمۇ لىكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كېسىلى قايتا قوزغىلىدۇ. ئۆز ئۆمرىنىڭ كۆپ قالمىغانلىقىنى بىلگەن ھەمدە ئانا مېھرىدىن تۇغۇلىشىدىن ئايرىلىپ قالغان دېڭىزنىڭ ئەمدى ئاتا مېھرىدىنمۇ ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى سەزگەن سادىق بالىسىنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ...

    سادىق بىلەن دېڭىز ئۆزىنىڭ ‹‹باغرى قاتتىق›› دادىسىنىڭ قېشىغا بارىدۇ ئەمدى بۇ ھېكايىنىڭ تەسىرلىك مەزمۇنلىرىنى ئۆزىڭىز ھېس قىلغايسىز. سىزگە چوقۇم شۇنى دەيمەنكى ھەربىر كۆزى كۆرەلەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان ۋە كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان كىشىنىڭ ھەربىرى بىلىپ بىلمەي مەڭزىدىن ياشلار سىرغىپ چۈشىشى مۇمكىن.

     دادام ۋە ئوغلۇم


    فىلىمدىكى ئارتىسلار ۋە ئىشلىنىش جەريانى

    点击查看下一张

    点击查看下一张

     

    点击查看下一张

    点击查看下一张

     

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

     

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    这是最后一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

     

     

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张


     点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

    点击查看下一张

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ياخشى تىلىكىڭىزگە رەھمەت! بولسا كۆپرەك يوقلاپ تۇرارسىز. مەنغۇ بۇ بلوگىڭىزنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولاي دەپ قالدىم.[cusFace:9]
    回复چوغدىل说:
    ئەرزىمەيدۇ قېرىندىشىم. قارىغاندا بلوگ يېزىش ئۇسۇلىمىزدا ئانچە-مۇنچە ئورتاقلىقلارمۇ بار ئىكەن. بلوگىڭىزنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرغايسىز! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم. چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-03-08 17:36:03
  • بۇ فىلىمنى مەنمۇ كۆرگەن. راستىنلا بەك تەسىرلىك.
    回复چوغدىل说:
    مەنمۇ ئىنتايىن تەسىرلەنگەن ئىدىم. ھەقىيقەتەنمۇ نادىر چىققان فىلىم دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مەيلى سىنارىيىسى ياكى رول ئېلىشتا بولسۇن ئېسىل چىققان فىلىم دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! يازمىللىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ سەرخىللىشىپ نادىر بلوگ بولۇپ قېلىشىغا تىلەكداشمەن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-03-06 21:28:15