• 2011-03-04

    دۇنياۋى تىللارنى ئۈگىنىش دېتالى Rosetta Stone - [تىل باغچىسى]

    دۇنياۋى تىللارنى ئۈگىنىش دېتالى Rosetta Stone
    Dunyavi Tillarni Üginish Détali Rosetta Stone

      点击查看下一张

     

         Rosetta Stone دېتالى يەنى روسىتتا ئابىدىسى دېتالى يېڭىچە ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن دېتال بولۇپ رەسىم، ئاۋاز، يېزىق ئارقىلىق سىزگە تىل ئۈگىتىدۇ. ئىلگىرى مەن دوستۇمدىن ئۆزىنىڭ بۇ دېتال ئارقىلىق روس تىلى ئۈگىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. دەسلىپىدە دوستۇم بۇ دىتالنى تەۋسىيە قىلغاندا ئانچە ئېرەنشىپ كەتمىگەن ئىدىم. كېيىن 2 ئاي بۇرۇن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ خەلقارادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تىل ئۈگىنىش دېتالى ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم. بۇ دىتالدا سىزگە ھېچ بىر تىل ئارقىلىق سىز ئۆگەنمەكچى بولغان تىلنى چۈشەندۈرۈپ ئۈگەتمەيدۇ، پۈتۈنلەي رەسىم دىئالوگ ۋە سۆزلەرگە قاراپ ئۆگىنىسىز. خۇددى ئانا تىلنى ئۆگەنگەندەك پۈتۈنلەي سىز ئۆگەنمەكچى بولغان تىلغا چۆمۈپ كېتىسىز.

         سىز بۇ دىتالدىن سۆزلۈك، گىرامماتىكا ۋە جۈملە قائىدىسىنى چۈشىنىۋالالايسىز. بۇ دىتالغا ئوخشاشلا ئوقۇشلۇق، يېزىقچىلىق قاتارلىق قىسقا-قىسقا تۈرلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن. دىمەك سىز بۇ دىتالدىن پايدىلىنىپ ئۈگىنىش نىيتىڭىز بولسىلا تىرىشىپ ئۆگەنسىڭىز تۇرمۇشىڭىزدىكى ئاددىي ساۋاتلاردىن خەۋەردار بولۇپ ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان سەۋىيىگە يېتەلەيسىز دەپ قارايمەن. 

         بۇ دىتالغا ئېنگىلىزچە (ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلى ۋە ئەنگىلىيە ئېنگىلىز تىلى)، ياپون تىلى، فىرانسوز تىلى،  گىرمان تىلى، كورىيان تىلى، روس تىلى، ئىسپان تىلى (ئىسپانىيە ئىسپان تىلى، لاتىن ئامېرىكىسى ئىسپان تىلى)، ئىتالىيان تىلى، ئەرەب تىلى، پورتىگال تىلى، خەنزۇ تىلى... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تىللار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ سىز ئۆزىڭىز لازىم بولغانلىرىنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

         مەزكۇر دىتالنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن سىزدە <<ئېلىكتىر ئېشەك>> چۈشۈرۈش دىتالى بولىشى كىرەك. ئاندىن سىز تاللايدىغان يەردە بۇنداق كۆرسەتكۈچ بار. سىز ئاۋال ھەممىنى تاللاشنى بىكار قىلىۋېتىپ ئۆزىڭىز چۈشۈرمەكچى بولغاننى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.  دىمەكچى بولمىسا ھەممىنى چۈشۈرسىڭىز سىغىمى زىيادە چوڭ بولغانلىقتىم ۋاقىت يەتمەسلىكى مۇمكىن. مەن ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلىنى چۈشۈرگەن ۋاقتىمدا 3~2 سائەتكىچە كەتكەن ئىدى.  

    这是最后一张


    سىزگە ئەمدى ئۇتۇق تىلەيمەن. بۇنى دوستلىرىڭىزغىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ، كىچىك بالا بولسىمۇ ئۈگىنەلەيدۇ. ھەربىر تىلنىڭ سىغىمى 1.5GB~2GB ئەتراپىدا كېلىدۇ.

    تۆۋەندە دىتالدىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر بېرىلدى.

    点击查看下一张

    点击查看下一张

     

    ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلى 1\2\3\4\5 دەرىجە دەرىسلىكى

    点击查看下一张

    点击查看下一张

     

    ئەنگىلىيە ئېنگىلىز تىلى 1\2\3 دەرىجە دەرىسلىكى

    点击查看下一张

    点击查看下一张

     

    ياپون تىلى 1\2\3 دەرىجە دەرىسلىكى

    点击查看下一张

    点击查看下一张

     


    فىرانسوز تىلى 1\2\3 دەرىجە دەرىسلىكى

    点击查看下一张

     


     گىرمان تىلى 1\2\3\4\5 دەرىجە دەرىسلىكى

    点击查看下一张


    كورىيان تىلى 1\2\3 دەرىجە دەرىسلىكى

    点击查看下一张

     


    روس تىلى 1\2\3 دەرىجە دەرىسلىكى

    点击查看下一张

     

    لاتىن ئامېرىكىسى ئىسپان تىلى 1\2\3\4\5 دەرىجە دەرىسلىكى

    点击查看下一张

     

    ئىسپانىيە ئىسپان تىلى 1\2\3 دەرىجە دەرىسلىكى

    点击查看下一张

     

     ئىتالىيان تىلى 1\2\3 دەرىجە دەرىسلىكى

    点击查看下一张

     

     

     ئەرەب تىلى 1\2\3 دەرىجە دەرىسلىكى

    点击查看下一张

     
    پورتىگال تىلى 1\2\3 دەرىجە دەرىسلىكى

    点击查看下一张

     


     خەنزۇ تىلى 1\2\3 دەرىجە دەرىسلىكى

    点击查看下一张

     

     

     چۈشۈرۈش تور بىكەت ئادرېسى:http://www.verycd.com/topics/2793461/#theCon

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئېسىل دىتالتى بۇ ، 64 بىتلىق نەشرىنى تاپقىلى بولارمۇ ؟ رەھمەت سىزگە !
    回复ئالىم121说:
    ئەرزىمەيدۇ قېرىندىشىم. مەنمۇ بۇنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تاپالمىغان. يۇقاردا بېرىلگەن تىللاردىن باشقا يەنە Rosetta Stone دىگەن سۆزنى ئىزدەش ماتورلىرىغا كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز سىز ئىزدىمەكچى بولغان باشقا تىللارمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن، مەسىلەن مەن بۇ تېمىدا كۆرسىتىلمىگەن ئېرلاند تىلى دېگەندەك تىللارنىمۇ ئۇچراتتىم. ئەگەر سىز قايسى تىلغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز شۇ Rosetta Stone دىگەن سۆزنىڭ ئارقىسىغا سىز ئىزدىمەكچى بولغان تىلنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ يازسىڭىز چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن مەن ھازىر تۈركچىسىنىڭكىنى ئىزدەپ تاپتىم.
    يۇقاردىكىسى Rosetta Stone تۈركچە دەرىسلىكىنىڭ ئادرىسى(ئىككى ئادرىس تېپىلدى قايسىسىدىن تېز چۈشسە شۇنىڭدىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ)
    http://www.verycd.com/files/9fe97ee32788feef70c7f038f4e704e0250082473

    http://xidong.net/file001/file_26357.html

    بۇنىڭدىن باشقا چۈشەندۈرىشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە سىز بۇ دېتالنى ئىشلەتكەندە بىر قانچە ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ ئىشلىتەلەيسىز. سىز دەل شۇ يېڭىدىن بىر ئۈگەنگۈچىنىڭ ئىسمىنى كۆپەيتكەن ۋاقىتتا بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. ئۇيەردە سىز ئۆگەنمەكچى بولغان تىلنىڭ ھەرخىل دەرىجىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك بار مەزمۇنلار كۆرسىتىلگەن. مۇشۇ مەزمۇنلارنى ياخشى ئوقۇپ ئۆزىڭىزگە ماس كەلگىنىنى تاللىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بەزەن تورداشلار بۇ يەرگە دېققەت قىلماي بەكلا ئاددىي سۆزلەر بار ئىكەن دىگەن قاراشقا كېلىپ قاپتۇ. مۇشۇ يەرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ئاندىن بۇ دېتالنىڭ ئۇنداق ئاددىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ نوقتىغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-03-20 21:50:16
  • ياخشى دېتالكەن. داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز. بلوگىڭىزنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويدۇم. مېنىڭ بلوگۇمنىمۇ خالىسىڭىز قوشۇۋالسىڭىز. چوغدىل بلوگى http://choghdilim.blogbus.com
    回复چوغدىل说:
    چەۋەندازلار بلوگىنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشىۋالغىنىڭىزغا رەھمەت! بلوگىڭىز دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇلدى. ھەمكارلىقىمىز راۋاجلانغاي قېرىندىشىم. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-03-12 19:10:22
  • چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقاي ،ئىنگىلىز تىلىغا خىلى قىززىقىپ قاپتىم يىقىننىڭياقى..
    回复بارخان说:
    ئەلۋەتتە بولىدۇ قېرىندىشىم. سىزنىڭ تىل ئۈگىنىشىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-03-08 17:36:56