• 2011-01-01

    يېڭى يۇلتۇز-بەكتۇر گۇرۇپپىسى Yéngi Yultuz-Bektur Guruppisi - [ئۇيغۇرلار]

    يېڭى يۇلتۇز-بەكتۇر گۇرۇپپىسى
    Yéngi Yultuz-Bektur Goruppisi

    بەكتۇر ئىنگلىز تىلى كۇلۇبى   2010-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ نىشانى  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز ئانا تىل-يېزىقىدا  ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش  ، ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرىغا تەييارلىق قىلىش ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا  مۇناسىۋەتلىك  بىر قەدەر مۇكەممەل ،كەسپىي   تور  بېكىتى  بولماسلىققا خاتىمە بېرىپ ،  كەڭ ئىنگلىز تىلى ھەۋەسكارلىرى ۋە  چەتئەلگە چىقىپ  ئوقۇش ، ساياھەت قىلىش ئارزۇسى بار ئوت يۈرەكلەرگە خىزمەت قىلىش .

    يېقىندا <<بەكتۇر گۇرۇپپىسى>> قۇرۇلغان بولۇپ بۇ گورۇپپا ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تۈزۈلگەن مەخسۇس گورۇپپا ھېسابلىنىدۇ. بۇ گورۇپپا ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى يورۇق يۇلتۇز كەبى چاقنىغۇسى! ھەمدە بۇ خالىسانە بېسىلغان قەدەم خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيتىگە يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى!

    گۇرۇپپىنىڭ  ئاساسلىق خىزمىتى: باشقا تىللاردىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش  ، ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرىغا تەييارلىق قىلىش ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا  ئائىت  نادىر يازما ، كىتاب ، فىلىم ، نۇتۇقلارنى ئانا تىلىمىزغا  تەرجىمە قىلىش ، تارقىتىش ؛ توردا ئوقۇتقۇچى تەربىيلەش ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ؛ چەتئەلنىڭ نادىر مائارىپ تۈزۈلمىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ؛ مەكتەپ ، كەسىپ  تاللاش ، ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلىش ، تەۋسىيە خېتى ، تونۇشتۇرۇش خېتى ، نەتىجە جەدۋىلى ئىشلەش ، ۋىزا-پاسپورت بېجىرىش...ئىشلىرىدا مەسلىھەت بېرىش ، يول كۆرسىتىش .

    گۇرۇپپاخالىسانە تۆھپە قوشىدىغان ئاۋانگارتلاردىن تەشكىللىنىدۇ  . تەييارلانغان ۋە تارقىتىلغان ماتىرياللار  بىردەك گۇرۇپپا  نامىدا تارقىتىلىدۇ . گۇرۇپپا  قەرەلسىز ھالدا ھەرخىل مەزمۇندىكى كورنىر ، تەجىربە ئالماشتۇرۇش ، سۆھبەتلىشىش كۆرىكى ، "تالانت كۆرىكى " ، تەربىيلەش  كورۇسى ۋە باشقا  پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ . 

    <<بەكتۇر گۇرۇپپىسى>> پات ئارىدا ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى باشلايدۇ. تۆۋەندە بەكتۇر ئېنگىلىزتىلى كۇلۇبىنىڭ <<بەكتۇر گورۇپپىسى>> ئۈچۈن چىقارغان ئەزا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرشىنىڭ مەزمۇنى يوللاندى.


    بەكتۇر گۇرۇپپىسى ئەزا قوبۇل قىلىدۇ

                          بەكتۇر ئىنگلىز تىلى كۇلۇبى   2010-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى  تورداشلارغا  رەسمىي ئېچىۋىتىلگەن قىسقىغىنە تۆت ئايدىن  بۇيان تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ-قۇۋەتلىشى ، مەدەت بېرىشى  نەتىجىسىدە  بۈگۈنكى  كۈنگە ئۇلاشتى . نۇرغۇن ئەزىزلەر بىۋاستە توربېتىمىزگە ياكى  تېلېفۇن ، ئېلخەتلەر  ئارقىلىق  بىزگە  ياخشى تىلەكلەر تىلەش  بىلەن بىرگە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى سۇندى . بەكتۇر ئىنگلىز تىلى كۇلۇبى قۇرۇلغاندىن تارتىپ  "  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز ئانا تىل-يېزىقىدا  ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش  ، ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرىغا تەييارلىق قىلىش ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا  مۇناسىۋەتلىك  بىر قەدەر مۇكەممەل ،كەسپىي   تور  بېكىتى  بولماسلىققا خاتىمە بېرىش  ،  كەڭ ئىنگلىز تىلى ھەۋەسكارلىرى ۋە  چەتئەلگە چىقىپ  ئوقۇش ، ساياھەت قىلىش ئارزۇسى بار ئوت يۈرەكلەرگە خالىسانە  خىزمەت قىلىش "نى ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس نىشانى قىلىپ كەلدى . بۇنىڭدىن كېيىنمۇ  بۇ نىشاندىن ئاداشماي ئالغا قاراپ ماڭغۇسى .

                       تور بېكىتىمىز يېڭى قۇرۇلغان بولغاچ نۇرغۇن كەمچىلىك ، سەۋەنلىكلەردىن خالىي ئەمەس ،  بىر قانچە ئادەم كەڭ ئىنگلىز تىلى ھەۋەسكارلىرى ۋە ھەر ساھە قېرىنداشلارنىڭ تەلىپىدىن چىقىپ بولالمايدۇ . كونىلار  " يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس ، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس " دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان . شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە  بىز  تېخىمۇ ئۆز-ئارا قوللاشقا ، ياردەمگە، ھەمكارلىشىشقا  موھتاج .بەكتۇر ئىنگلىز تىلى كۇلۇبى كەڭ  ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى  خىزمەت قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن  ، تورداشلاردىن خالىسانە تۆھپە قوشۇش  ئويى بار ، ئىنگلىز تىلى ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن ئاز-تولا خەۋىرى ۋە ھەۋىسى بار  ئاۋانگراتلاردىن بىر گۇرۇپپا  تەشكىللىمەكچى .

    گۇرۇپپىنىڭ  ئاساسلىق خىزمىتى: باشقا تىللاردىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش  ، ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرىغا تەييارلىق قىلىش ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا  ئائىت  نادىر يازما ، كىتاب ، فىلىم ، نۇتۇقلارنى ئانا تىلىمىزغا  تەرجىمە قىلىش ، تارقىتىش ؛ توردا ئوقۇتقۇچى تەربىيلەش ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ؛ چەتئەلنىڭ نادىر مائارىپ تۈزۈلمىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ؛ مەكتەپ ، كەسىپ  تاللاش ، ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلىش ، تەۋسىيە خېتى ، تونۇشتۇرۇش خېتى ، نەتىجە جەدۋىلى ئىشلەش ، ۋىزا-پاسپورت بېجىرىش...ئىشلىرىدا مەسلىھەت بېرىش ، يول كۆرسىتىش .

    گۇرۇپپىمىز خالىسانە تۆھپە قوشىدىغان ئاۋانگارتلاردىن تەشكىللىنىدۇ  . تەييارلانغان ۋە تارقىتىلغان ماتىرياللار  بىردەك گۇرۇپپا  نامىدا تارقىتىلىدۇ . گۇرۇپپىمىز  قەرەلسىز ھالدا ھەرخىل مەزمۇندىكى كورنىر ، تەجىربە ئالماشتۇرۇش ، سۆھبەتلىشىش كۆرىكى ، "تالانت كۆرىكى " ، تەربىيلەش  كورۇسى ۋە باشقا  پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ . 

    گۇرۇپپا ئەزالىرىغا قويۇلىدىغان شەرتلەر :

    1. ئاكتىپ ، ئۈمىدۋار ، خالىسانە تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان بولۇش ؛

    2. تەقسىم قىلىنغان ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ، مەسئۇلىيەتچان بولۇش ؛

    گۇرۇپپا ئەزالىرىغا ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى 4- ياكى 6 -دەرىجىدىن ، ياكى توفىل ،ئايلتىس ، GRE لاردىن ئۆتكەن بولۇش  ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇپ باققان بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ . پەقەت سىزنىڭ خالىسانە تۆھپە قوشۇش نىيىتىڭىز بولسىلا سىزگىمۇ گۇرۇپپىمىزدىن ئورۇن بار  .  ئەمما يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن  شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى . يۇقارقى شەرتلەرگە چۈشمىسىڭىزمۇ ، خەنزۇ تىلى (ياكى باشقا تىللار)دىن  خەۋىرىڭىز بولسىمۇ   ، تور-كومپىيۇتېردىن ئالاھىدىلىكىڭىز بولسىمۇ ، خەت بېسىش ، PDF ئىشلەش ، word , exelلاردا ئارتۇقچىلىقىڭىز بولسىمۇ ئوخشاشلا بولىۋېرىدۇ . ماتېرىيال تەرجىمە قىلىپ ، ئېلكىتاب ئىشلەش ، جەدۋەل تۈزۈپ ئىستاتىستىكا قىلىش ئىشلىرىدا چوڭ ياردىمىڭىز تېگىدۇ . گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆزى خالىغان كىچىك گۇرۇپپىغا قاتناشسا  بولىدۇ . ھەر كىم ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ۋەزىپە ئالسا بولىدۇ .

    تىزىملىتىش ئۇسۇلى :

    1.بەكتۇر ئىنگلىز تىلى كۇلۇبى (www.bektur.com) غا ئۆزىڭىز گۇرۇپپا ئىچىدە ئىشلەتمەكچى بولغان نام بىلەن تىزىملىتىسىز .                       

     2. ئۆزىڭىز كۆپ ئىشلىتىدىغان ئېلخەت ئارقىلىق كۇلۇب قۇرغۇچىسىنىڭ ئېلخىتى (bektur@Hotmail.com) گە ئۆزىڭىزنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىڭىز ، قايسى جەھەتتە ، قانداق ئالاھىدىلىكىڭىز بارلىقىنى يوللىسىڭىز بولىدۇ .  يۇقارقى ئۇچۇرلارنى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
    تىزىملىتىش ۋاقتى : 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلىنىدۇ .

    ئالاقىلاشقۇچى : Bektur

    ئېلخەت : bektur@Hotmail.com

    دوستۇم ، قېنى كېلىڭ ،سىزمۇ بىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلۇڭ ! ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىڭىزنى قوشۇڭ !

      ھۆرمەت بىلەن :  بەكتۇر ئىنگلىز تىلى كۇلۇبى

                                   بەكتۇر گۇرۇپپىسى
                        2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

     

    2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلغان بەكتۇر مۇنبىرى 


    ئاخىرىدا مانا مۇشۇنداق ئۇيۇشۇش روھىنى ئۆزىنىڭ باش پروگراممىسى قىلغان گورۇپپىلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇپ خەلقىمىزنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋىيىتىنى قاندۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ۋە يېڭى يۇلتۇز-بەكتۇر گورۇپپىسىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز!


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن قاتناشماقچى ئىدىم.
    Email:mavlan147@hotmail.com
    回复مەۋلان说:
    سىزنىڭ بۇ گورۇپپىغا قاتناشماقچى بولغىنىڭىز ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ قېرىندىشىم. بۇنى مەن بەكتۇر ئەپەندىگە يەتكۈزۈپ قوياي. سىز بىۋاستە بەكتۇر ئەپەندىنىڭ ئېلخىتىگە خەت يازسىڭىز بولىدۇ ياكى بولمىسا بىۋاستە بەكتۇر تورىدىكى ئەزا قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
    http://www.bektur.com/a/student/2010/1130/185.html
    2011-01-02 01:19:25