• 2011-01-01

    چەۋەندازلار بلوگىنىڭ <<2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ>> بولۇپ باھالانغانلىقىنى قۇتلۇقلايمىز! - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]

    چەۋەندازلار بلوگىنىڭ <<2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ>> بولۇپ باھالانغانلىقىنى قۇتلۇقلايمىز!


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! چەۋەندازلار بلوگى بۈگۈن ئۆزىنىڭ 3 يىللىق ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردا 2008-يىلى باشلانغان <<ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگىنى باھالاش پائالىيىتى>> 2010-يىللىق 2- نۆۋەتلىك 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىگە قەدەم قويۇپ مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئاياغلىشىپ <<2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ>>نىڭ بىرسى بولۇپ باھالاندى. چەۋەندازلار بلوگى تۈنجى نۆۋەتلىك پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراكچى بولۇپ قاتناشقان بولسا 2- نۆۋەتلىك پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقۇچى سۈپىتىدە تورداشلارنىڭ ئالدىدا نامايەن بولدى. بۇ جەرياندا چەۋەندازلار بلوگى نۇرغۇن قېتىملىق ئاچچىق ساۋاق ۋە ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق تورداشلارنى ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بلوگ بولۇپ ئۇيغۇرلاردىكى <<2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ>>نىڭ بىرسى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتى.

       ئەڭ ئالدى بىلەن مەن مېنى ئۆستۈرۈپ چوڭ قىلغان مېھرىبان ئانامغا ۋە ئەزىز دادامغا ۋە قېرىنداشلىرىمغا ئۆزۈمنىڭ تەشەككۈرىنى بىلدۈرىمەن! رەھمەت سىلەرگە دادا ۋە ئانا! سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلار بۈگۈن شۇنچە يىل ياشاپ مۇشۇنچىلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئىلگىرى ئاتا-بوۋام ئۆز يۇرتىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن <<10 مەشھۇر شەخىس>>نىڭ بىرى بولۇپ خاتېرە سارايلىرىغا رەسىملىرى ئېسىلغان بولسا بۈگۈن سىلەرنىڭ پۈشتى-ئەۋلادىڭلار بولغان ئوغلۇڭلار چەۋەنداز ئىسىمى بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى <<10 چوڭ بلوگ>>نىڭ ئېگىسى بولدى. ياتقان يېرىڭلار جەننەتتە بولغاي بوۋا ۋە ئۇلۇغ بوۋا! بۇ جەرياندا مېنى ۋە چەۋەندازلار بلوگىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن بارلىق تورداشلارغا، دوست-بۇرادەرلىرىمگە، ۋە يېقىنلىرىمغا ئۆزۈمنىڭ يەنە بىر قېتىملىق رەھمىتىنى بىلدۈرىمەن.

       ئاخىرىدا بارلىق <<2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ>> قۇرغۇچىلىرىغا ۋە 20 نەپەر نامزاتلارغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن ۋە ئائىلىسىگە بەخىت، ئىشلىرىغا بەركەت تىلەيمەن. ئاللاھ سىلەرنى ئامان قىلسۇن!

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مۇباراك بولسىن!
    تۇركى مىللەتتەردىڭ تور مادەنيەتىن ورتاق دامىتايىلى.
    回复ايبىن说:
    تەبرىكنامىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر قېرىندىشىم. قازاق،قىرغىز،تاتار قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ بلوگلىرىنى كۆرىۋاتىمىز. تەبىئىيكى بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز بىر-بىرىمىزگە تۈرىتكىلىك رول ئوينايدۇ. خۇددى بۇرۇن ئەجدادلىرىمىز بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگىنىدەك ھازىرمۇ ھەم شۇنداق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئاخىرىدا بارلىق تۈركىي قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىرىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-01-14 00:06:30
  • مۇباراك بولسىن!
    回复نۇرلان说:
    تەبرىكنامىڭىزگە تەشەككۈر قېرىندىشىم. قازاق قېرىنداشلارنىڭمۇ بلوگچىلىقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن! بلوگىڭىزدىكى يازمىلاردا بىزلەر قىززىقىدىغان مەزمۇنلارمۇ بار ئىكەن. بولسا تاتار بلوگىدەك بەزى تېمىلارنى ئۇيغۇرچىسى بىلەن قۇشۇپ يوللاپ قويسىڭىز زىيارەت قېتىم سانى ۋە تەسىرى ياخشى بولغان بولاتتى. ئاخىرىدا بارلىق قازاق بلوگگىر قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك بولۇپ كېتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئۇيغۇر-قازاق دوستلىقى راۋاجلانغاي!
    2011-01-13 14:01:51
  • توۋا، نەچچە ئىنكاس يازسام بىرىمۇ يوققۇ، يەنىلا جاھىللىق بىلەن يوللاپ باقاي، نادىر بلوگ بولۇپ باھالانغانلىقىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
    回复شاھ ئۇيغۇر说:
    تەبرىكنامىڭىزگە تەشەككۈر قېرىندىشىم. سىزنىمۇ قۇتلۇقلايمەن قېرىندىشىم. نىمىشقا ئىنكاس يازسىڭىز كۆرۈنمەيدىغاندۇ؟ بلوگباسنىڭ ئىشىمىدۇ يا؟ ئىنكاسلار يۇشۇرۇنۇپمۇ قالماپتۇ بولمىسا.
    2011-01-05 15:22:17
  • بىلوگىڭىزنىڭ 2010-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بىلوگ شەرىپىگە نائىل بولغانلىقىنى قۇتلۇقلايمەن!
    回复baydadam说:
    رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم. چەۋەندازلار بلوگى باي دادام بلوگىنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-01-05 00:18:19
  • چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ 10 چوڭ بىلوگ بولۇپ باھالانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.
    回复ئابرال说:
    رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم. ئابرال ئېلكىتاب بلوگىنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-01-05 00:18:43
  • چەۋەندازلار بلوگىنىڭ بۇندىن كىيىن تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمىز!
    回复er-oghuz说:
    سىزگە كۆپ تەشەككۈر قېرىندىشىم. چەۋەندازلار بلوگىمۇ ھەم ئەرئوغۇز ئېنگىلىزتىلى بلوگىنىڭ ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن ئىلگىرىلەپ يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-01-03 00:56:27
  • چەۋەندازلارنىڭ شەرەپ قۇچقانلىقىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمىز!
    回复يۈكسەل说:
    يۈكسەل بلوگىنىڭ تەبرىكنامىسىگە كۆپ تەشەككۈر! سىزنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزگىنىڭىز ۋە بلوگگىرلار ئۈچۈن ياخشى بىر سەھنە ھازىرلاپ بەرگىنىڭىز ھەممەيلەننى سۆيۈندۈردى. يېڭى يىلدا يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشلىق بۈلدۈرىمەن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-01-03 00:54:40
  • بىلوگىڭىزنىڭ 2010-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بىلوگە شەرىپىگە نائىل بولغانلىقىنى قۇتلۇقلايمىز،باسقان ئىزلىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن.
    يىڭى يىلدا يىڭى نەتىجىلارنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن.
    回复xjmtv说:
    سىزگە كۆپ تەشەككۈر قېرىندىشىم. سىزنىڭ بلوگىڭىزغىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-01-03 00:51:12
  • بىلوگىڭىزنىڭ 2010-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بىلوگە شەرىپىگە نائىل بولغانلىقىنى قۇتلۇقلايمىز،باسقان ئىزلىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن!
    回复جەلىپكار说:
    جەلىپكار بلوگىنىڭ تەبرىكنامىسىگە كۆپ تەشەككۈر! جەلپكار بلوگىمۇ نۇرغۇنلىغان مۇۋاپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. جەلىپكار بلوگىنىڭ بۇ يىلدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-01-01 18:52:20