• 2011-04-12

    روس تىلىدىن دەسلەپكى ئاساس Ros Tilidin Deslepki Asas - [تىل باغچىسى]

    روس تىلىدىن دەسلەپكى ئاساس
    Ros Tilidin Deslepki Asas

     

    روس تىلى ئېلىپبەسى

     

    كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلۈكلەر

     

    روس تىلى دۇنيادا خېلى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىللارنىڭ بىرى. دىيارىمىز روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوۋىت ئىتىپاقى پارچىلانغاندا مۇستەقىل بولغان بىر قانچە دۆلەتلەر بىلەن چىگرىداش. شۇڭا روس تىلى ئۈگىنىش دىيارىمىزدا تەرەققىي قىلىپ سودىسىنى كېڭەتمەكچى بولغانلار ئۈچۈن بىر قەدەر مۇھىم بولغان تىللارنىڭ بىرى. ئىلگىرى روس تىلىدىن بىزنىڭ تىلىمىزغا كىرگەن سۆزلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە. بۇنىڭ تىپىك بەلگىسى ئەسلىدە يوق بولغان <<ژ>> ھەرىپىنىڭ ئۇيغۇر 32 ھەرىپىنىڭ ئورنىدىن ئورۇن ئېلىشى بولسا كېرەك. مۇشۇنداق سەۋەبلەردىن بىزنىڭ روسچە ئۈگىنىشىمىز باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا ئوڭايراق توختىسا كېرەك دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە روس تىلى ئۆگەنگۈچى ۋە ئۆگەتكۈچىلەرنىڭ دەسلىپىدە ئۆگەنگەندە ئوڭايلىقىغا قاراپ روس تىلى كۈلۈپ كىرىپ يىغلاپ چىقىدىغان تىل دىگەن باھانى بەرگەن.

    روس تىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ قوشۇمچە ھۆكىمەت تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىل دۆلەتلەردە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. دىيارىمىزدىمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە روسىيىگە چىقىپ سودا قىلىدىغان كىشىلەر كۆپ بولغاچقا تۇرمۇشتىكى ئاددىي سۆزلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قاراشقا بولىدۇ.

    بۈگۈن سىز بۇ قىسقا فىلىم ئارقىلىق روس تىلى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇپ چىقالايسىز دەپ قارايمەن. سىزنىڭ تىل ئۈگىنىش مۇساپىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ماقۇل رەھمەت سىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم مىنىمۇ قىتىپ قويارسىز رەھمەت
    回复ئاغىنىلەر说:
    ئەلۋەتتە بولىدۇ. بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن قېرىندىشىم. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-04-14 23:40:35
  • رەھمەت قىرىندىشىم چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ روسچە ئۇگەنسە ئاجايىپ پەيزى بولىدىكەن
    回复ئاغىنىلەر说:
    بۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ خالىسا نۇرغۇنلىغان تىللار توغرىسىدا تېما يوللىنىدۇ. ۋە چەۋەندازلار بلوگى مۇشۇ ساھەدىكى كىچىككىنە پەقەت كىچىككىنە بوشلۇقنى تولۇقلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ قېرىندىشىم.
    2011-04-14 23:14:29
  • دىۋان بىزگە ئوڭچى قاپتۇدە ھى ھى ھى بىزمۇ روسچە ئۇگۇنۇپ قويايلى رەھمەت تىما ئىگىسىگە
    回复ئاغىنىلەر说:
    مەرھەمەت. چاي قۇياي. روسچىدىن ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرغايلا.[cusFace:6]
    ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-04-14 21:35:59