-
2011-04-21
ئۇيغۇر توربەتلىرىدىكى قىززىق نوقتىلار Uyghur Torbetliridiki Qizziq Noqtilar - [ئۇيغۇرلار]
ئۇيغۇر توربەتلىرىدىكى قىززىق نوقتىلار
Uyghur Torbetliridiki Qizziq Noqtilarئۇيغۇر تورچىلىقى دۇنيانىڭ ئۇچۇرلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشى بىلەن ئۆزىنىڭ رولى ۋە فۇنكىسىيىسىدە ئۆزىگە خاس قەدەم بېسىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ھازىرقى تۇرىۋاتقان ھالىتىنى نۇرغۇنلىغان چەتئەللەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرىۋاتىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆز يېزىقىدا ئۆزىنىڭ تور ساھەسىنى قۇرۇپ چىقىۋاتقان جۇڭگونىڭ غەرىبىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر تورچىلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى ۋە يېڭىچە تۇرمۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىۋاتىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگودىكى 2-چوڭ تور ساھەسىدە مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ۋە كۆلەملەشكەن مىللەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تور ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەندىن بېرى نۇرغۇنلىغان سىناقلارغا دۇچ كەلدى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشنى مىسلىسىز دەرىجىدە كېڭەيىتتى. ھەمدە بۇ جەرياندا بېشىدىن نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزدى ۋە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر تاۋلاندى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. گەرچە مەزگىللىك تور ئۈزۈكلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تورچىلىقىغا ۋە تور ساھەسىگە بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ قەددىنى تېز سۈرئەتتە كۆتۈرۈپ ۋە قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تەرەققىي قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ھەم كىشىنى ئۈمۈدلەندۈرىدۇ.
بۇ جەرياندا يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۇيغۇر توربەتلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارىتقان بىرقانچە نوقتىلارنى كۆزۈتۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى بىرقانچە تېمىلار تورداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنۇلدى. بۇ تېمىلار ھەرقايسى مۇنبەر ۋە بلوگلاردىن ئېلىغان بولۇپ يېقىندىن بۇيانقى ئىنتايىن قىززىق مۇنازىرە بولغان ۋە كەسكىن مۇنازىرە ئارقىلىق تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارىتقان تېمىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تورداشلارنىڭ ئاكتىپ باھا بېرىشى ۋە تەنقىدى پىكىردە بولۇشى قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قىززىق نوقتىلاردا بولسۇن.
قىسقىچە مەزمۇنى:«كائىنات»تورى خەۋىرى: قاسىم سىدىق ئەپەندى ئاساس سالغان «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى»نىڭ 29-تېئۇرمىسى يېقىندا يەتتە كىشلىك بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن 300 قېتىمدىن ئارتۇق قايتا-قايتا تەجىرىبە قىلىنىپ ئىسپاتلاندى...
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ <<فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى>> توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرە ۋە بۇنىڭغا ئەگەشكەن تۈرلۈك گۇمانىي قاراشلار ۋە قوللاش، قارشىلىق سادالىرى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان نوقتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە 29-تېئورمىنىڭ ئىسپاتلىنىش خەۋىرى بۇ نوقتىنىڭ يەنە بىر يارقىن نوقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2.بېيجىڭدا ئەلىشىر نەۋائىي تەنتەنىسىقىسقىچە مەزمۇنى:«بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلەيمىز» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تېز خاتىرىسى. 2011-يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى، پايتەخت بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى باشچىلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلەيمىز» ماۋزۇلۇق بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى داغدۇغىلىق ۋە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن تارقاتقان تەكلىپنامىنىڭ باش بېتىگە ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ھايات ۋاقتىدا سىزىلغان سىزما رەسىمىنىڭ باش قىسمى چۈشۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئاستىغا «بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلەيمىز» دېگەن خاتىرىلەش كۈنى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىڭ ماۋزۇسى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە يېزىق بىلەن دۇرۇس ئىملالىق قىلىپ بېرىلدى. ئۇنىڭ ئاستىغا تەكلىپ سۆز تېكىستى يېزىلدى. تەكلىپنامەنىڭ ئارقا يۈزىگە بولسا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان مىلادىيە 1551-يىلى، ئۆزىنىڭ «تارىخى رەشىدىي» ناملىق مەشھۇر تارىخ كىتابىغا تاشقا مۆھۈر باسقاندەك قىلىپ يېزىۋەتكەن «نەۋائىينىڭ ئاتاسى ئۇيغۇر باخشىلارىدىن ئەردى، ئاتىنى ‹غىياسۇددىن كىچىكىنە› دەر ئەردىلەر- يەنى ئەلىشىر نەۋائىينىڭ دادىسى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن بولۇپ، ئىسمى غىياسىددىن كىچىكىنە ئېدى» دېگەن ھۆججەت ئۈزۈندىسى يۇقىرىقى ئۈچ خىل يېزىقتا بېرىلدى...
«مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»دە: «تور›-- ‹تورغا چۈشمەك› تىكى تور؛ ‹تۇر› -- تەلەپپۇزى يۇقىرىقىدىن تارراق بولۇپ، قۇش ئولتۇرىدىغان ياغاچنى بىلدۈرىدۇ؛ ‹تۆر› -- تەلەپپۇزى يۇقىرىقىدىن تارراق بولۇپ، ئۆينىڭ تۆرىنى بىلدۈرىدۇ؛ ‹تۈر› -- تەلەپپۇزى ھەممىدىن تار بولۇپ، ‹تۈرمەك› پېئىلىنىڭ بۇيرۇق شەكلى ھېسابلىنىدۇ» قاتارلىق مول پاكىتلار ئارقىلىق، ئۆز تىلىنىڭ ئۇنداق «ئو، ئۇ» ئىككىلا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشى بولغان ئوزبەك تىلى ئەمەس، بەلكى «ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ» بولۇپ، جەمئىي تۆرت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشى بار مۇبارەك ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەندۇر» دېگەن ئاخىرقى يەكۈن ۋە كەسكىن ھۆكۈم خاراكتېرلىك بىر ئابزاس بېرىلگەن بولدى. دىگەن بايانلار ئارقىلىق نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ كىملىك سالاھىتىگە يەنە بىر قېتىم نەزەر سېلىش ۋە نەۋائىي شۇناسلىقنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ۋە بۇنىڭ تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئەڭ مۇھىم نوقتىسى نەۋائىينى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئالىم،ئەدىبى دەپ قاراشنىڭ زۆرۈرلىكى قەيىت قىلىنغان.
قىسقىچە مەزمۇنى:ئاتاتۈرك، تۈرك تارىخىدىكى نادىر، مىسلىسىز كىشىلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تۈرك مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ رەھبىرى، سېكولار، دېموكراتىك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا تۈرك زامانىۋىلىشىش ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسىدۇر. ئۇ ھەربى، دۆلەت ئەربابى ۋە ئىنقىلابچى بولۇش سالاھىيىتىدىن باشقا يەنە، پىكىر جەھەتتىمۇ سەرخىل مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ...
مەزكۇر تېما يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر توربىكەتلىرىدە ئەڭ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان تېما بولۇپ 50 بەتتىن ئارتۇق مۇنازىرە قوزغاپ يېقىندىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان تېما رېكورتىنى ياراتتى دەپ ئېيىتىشقا بولىدۇ. ھەمدە ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
4.ئۆتكۈر ھەسەن جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندىقىسقىچە مەزمۇنى: 16 ــ مارت ، جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو دۆلەت كوماندىسى ۋە جۇڭگو ئولىمپىك كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى . مىرئەخمەت بىلەن بارى يەنە بىر قېتىم جۇڭگو ئولىمپىك كوماندىسى تىزىملىكىگە كىردى . كىشىلەرنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى ، مىرئەخمەتنىڭ شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق يۇرتدىشى ئۆتكۈر ھەسەن ، جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى تىزىملىكىگە كىرىپ ، مىرئەخمەتتىن قالسا ئىككىنچى بولۇپ جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان ئۇيغۇر پۇتبولچى بولۇپ قالدى ...
ئۆتكۈرنىڭ جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىشى ئۇيغۇر پۇتپۇلچىلىقىدىكى يەنە بىر خۇشاللىنارلىق نەتىجە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۆتكۈرنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلىرى بىلەن پۇتپۇلچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشىشىغا تىلەكداشمىز.
5.شىرئەلى دۆلەت ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللاندى!قىسقىچە مەزمۇنى: 8- ئاپرىلدىكى tencent تورىدا ، جۇڭگو ۋاسكىتبول جەمئىيىتى يىڭى بىر قارار دۆلەت ۋاسكىتبول كوماندىسىنى تەشكىللىمەكچى بولدى ھەمدە ئەزالارنى بۇ قىتىملىق cba نىڭ ئاياقلىشىشىغا قارىتا 3 تۈركۈمگە بۆلۈپ 37 ئادەمنى چاقىرىق قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسىدىن شىرئەلى بىلەن جاڭچىڭ پىڭ تاللاندى...
شىرئەلىنىڭ دۆلەت ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللىنىشى ئۇيغۇر تەنتەربىيە ساھەسىدىكى يەنە بىر خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىرئەلىنىڭ ئۆزىنىڭ بارلىق تېخنىكا ئۈستۈنلۈكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋاسكىتبول ساھەسىدە چاقنىغان يۇلتۇز بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
6.ئۇيغۇرلار بىلەن تالاشتا قالغان قازاق كۈيلىرىقىسقىچە مەزمۇنى: - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، رادىئو ئاڭلىغۇچىلار نۆۋەتتە نەزىرىڭىز ‹‹ چەتئەلدە تالاش – تارتىشتا قالغان كۈيلىرىمىز ›› ناملىق سۆھبەتتە بولسۇن. قازاق سەنئىتىنى قۇرۇمايدىغان كەۋسەر بۇلاق دېسەك، بۇ زۇمرەت بۇلاقنىڭ ئېقىنى نۆۋەتتە باشقىلار تەرىپىدىن لېيىتىلىپ، باشقا تەرەپلەرگە بۇرالماقتا ھەمدە بۇنداق قىلمىش – ھەرىكەتلەر كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىپ، كۆڭلىڭىزنى كىر قىلىپ، غورۇرىڭىزغا تېگىپ، سىزنى ئويغا پاتۇرماقتا. خەلق ناخشىلىرىمىزنى ۋە خەلقىمىز سۆيگەن كومپوزىتورلىرىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى مىللىي سەنئىتىمىزگە قىلىنغان زور خىيانەتتۇر...
مەزكۇر تېما يوللىنىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ۋە قازاق توربەتلىرىدە زور بەس-مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلىرى ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان ناخشىلىرىنىڭ نۇمۇسسىزلارچە كۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلگەن خەلقىمىز غەزەپ-نەپرەتلەر بىلەن ئۇ نۇمۇسسىزلارغا لەنەت ئوقۇشتى. ۋە بۇ بىر قىسىم يارىماس ناخشىچى ۋە كومپىزوتۇرلارنىڭ خەلق ئالدىدىكى ئوبرازى پەيخان بولدى. ھەمدە بۇ ئىككى قېرىنداش مىللەت ئارىسىدىكى ئاز بولمىغان ئارازچىلىقلارغا سەۋەبچى بولۇشتى. بۇ بىر قىسىم يارىماس ۋە جان بېقىشنىڭ، نام چىقىرىشنىڭ، پۇل تېپىشنىڭ كويىدا قالغان ناخشىچى كومپىزوتۇر، ئاكوردلاشتۇرغۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتى ۋە قەرزى بارلىقى ھەتتا ئاشكارا كەچۈرۈم سوراشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرماقتا. ۋە جان بېقىش ۋە نام چىقىرىش <<قايغۇسى>> ئىچىدە قالغان ياش ناخشىچى ۋە بىر قىسىم يېتىلگەن سەنئەتكارلاردا چوقۇم ئۆزلۈك ۋە ئىجاتكارلىق تۇيغۇسى ۋە ماھارىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرماقتا. ئەلۋەتتە سەنئەتخۇمارلاردىنمۇ باشقا چەتنىڭ ناخشىلىرىنىڭ بىر كىچىدە ئوغۇرلارپلا تىلىنى <<ئۆرۈپ>> ئېيتىدىغان ناخشا ۋە ناخشىچىلارنى بايقۇت قىلىشنىڭ ۋە ئۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا ئۆزلۈك قىممىتىنىڭ ئەزىزلىنىشى ھەمدە قەدىرلىنىشى زۆرۈرلىكى تەلەپ قىلىدۇ. دەر ھەقىقەت تورداشلىرىمىز ئېيىتقاندەك دانىشمەنلىرىمىز << قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىن بىلىنەر>> دىگەن ئىكەن. گەرچە بۇ ئىش نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلغان بولسىمۇ ئۇزاق ۋاقىت تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن ئۇيغۇر-قازاق دوستلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ ۋە قېرىنداشلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنىڭ توغرا كۆزى بىلەن تونۇپ يېتىشىنى ۋە تۆۋەنلىك بىلەن ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
7.ئالىمجاننىڭ ماتورى VS ئۇيغۇرنىڭ IQ سى
قىسقىچە مەزمۇنى:وپورغىنىڭ سىيەك يېزىسىدىن چىققان ھەۋەسكار ئالىمجاننىڭ ھاۋانى يېقىلغۇ قىلىدىغان ماتور كەشىپ قىلغانلىقى ، پۈتكۈل تور دۇنياسىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتتى ھەتتا ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك تېلۋىزىيە ئىستانىسىدەك نوپوزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ، بۇ ئىشنى كۈچەپ كۆپتۈرۈپ تەشىق قىلدى . بۇنىڭ نەتىجىسىدە ، بەزى تورداشلىرىمىز ھاياجان ئىلكىدە ، ئالىمجاننىڭ فىزىكىدا مۆجىزە يارتقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇشتى ، ئالىمجاندىن پەخرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن مەستخۇش بولۇپ ، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئۇيغۇرغا يېقىنلىشۋاتقانلىقىغا ۋە يەنە بىر قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر كەشپىياتچى تەرىپىدىن باشلىندىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەندى ...
مەزكۇر تېما مۇزات بىلوگىغا يوللىنىغان بولۇپ مىسرانىم تورىدا <<ئالىمجاننىڭ ماتورى VS ئۇيغۇرنىڭ IQ سى>> نامىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈرلۈك بەس-مۇنازىرىلەرنى قوزغىدى. ئالىمجاننىڭ كەشپىياتى 2009-يىلى ئۇيغۇر توربەتلىرىدە كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ كېلىنگەندىن بېرى تاكى ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان بەس-مۇنازىرە ئالقىش ۋە گۇمانلىنىشلار داۋام قىلىپ كېلىنمەكتە. مەزكۇر يوللانما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن< ‹‹ئالىمجاننىڭ ماتورى VS ئۇيغۇرنىڭ IQ سى›› غا رەددىيە> دىگەن تېما مىسرانىم تورىغا يوللىنىپ تېخىمۇ كۆپ بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. ئالىمجان ۋە ئۇنىڭ كەشپىياتى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنىلا قىززىق نوقتىلارنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس.
8.خارۋارد ئەركىسى قۇدرەت بىلەن سۆھبەت (مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانسىسى تۇرمۇش پىروگىراممىسى)قىسقىچە مەزمۇنى: 2005-يىلى خارىۋاردتا ئۆزىنىڭ ئوقۇش ھاياتىنى باشلىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئاچچىق ھاياتىنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، غەيرەت-شىجائىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۈنىۋېرىستىتنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋە پەخىرلىك ياش قۇدرەت ياقۇپ ۋە ئانىسى بىلەن بولغان سۆھبەت مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانسىسى تۇرمۇش پىروگىراممىسىدا ئېلان قىلىندى...
قۇدرەت ياقۇپنىڭ تىرىشچانلىق ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشى ۋە ياشلىرىمىزغا بولغان ئىلھام كۈچى ئىنتايىن زور دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئارىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ يېتىشىپ چىقىپ پەن-تەتقىقات ساھەسىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمىز.
9.ۋاپادارىم ( ئەيساجان ) غا بېلەت تاشلايلى!
قىسقىچە مەزمۇنى:تور ئەھلىگە يۈكسەلدىن يېتىپ مەلۇم بولغايكى، تور دۇنياسىدىكى مېھىر- شەپقەت ئەلچىسى، ‹‹ بىر سوم پىلانى ›› نىڭ مەسئۇلى،بىر مەزگىل ‹‹ ئەبجەش چۈش ›› كۆرۈپ داڭقى چىققان ‹‹ مەجنۇن ››، تورداشلارغا تونۇلغان ساتېرىك شائىر ۋاپادارىم ( ئەيساجان نىزامىدىن ) شەرەپ بىلەن 10-نۆۋەتلىك ‹‹ شىنجاڭ 4- ماي مېدالى ›› مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. مەزكۇر مۇكاپات شىنجاڭ ياشلىرى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ بولۇپ، ھەر ساھەدىن خىللانغان دەۋر روھىغا ئىگە مۇنەۋۋەر ياشلارغا بېرىلىدۇ...
ۋاپادارىم ئۆزىنىڭ كىچىككىنە ئىشتىن تۇتۇش قىلغان <<بىر سوم پىلانى>> مانا بۈگۈن نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇشتىن قىينالغان ۋە ئۈگۈنۈش نەتىجىسى ياخشى لېكىن ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئوقۇشقا پۇرسەت بولمايۋاتقان ياشلىرىمىزغا ۋە بالىلىرىمىزغا ئۆزىنىڭ ئەقلىگە تايىنىپ قۇرۇپ چىققان ۋە مېھرىبانلىقنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلغان <<بىر سوم پىلانى>> ئارقىلىق ياردەم قوللىرىنى سۇنۇپ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە تارتماقتا. ئەيساجان مەسئۇللىقىدىكى بۇ <<بىر سوم پىلانى>> گەرچە شۇنداق ئاددىي نام بىلەن ئاتالغان بولسىمۇ نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك <<ماركا>>سىنى پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە تونۇتىۋاتىدۇ. <<بىر سوم پىلانى>> ۋە ئەيساجان باشچىلىقىدىكى مەسئۇل كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇپ خەيرى-ساخاۋەت ئۈچۈن ئاتلانغان قەدەملىرىدىن گۈللەرنىڭ ئۈنۈپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
قىسقىچە مەزمۇنى: يېقىندا www.uyghurlar.tv تورىدا بىر ماقالە ئۇچرىتىپ قالدىم ، ماقالەنىڭ ئىسمى «بۈيۈك ئۇيغۇر ماتىماتىكا ئالىمى- مۇھەممەد مۇسا خارەزمى» بولۇپ، ماقالىدا بۇ ئالىمنى ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرۇلغان ، بىراق ئالىمنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە ئېتنىك تەركىۋىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋىكى قامۇسى، ئىنسىكىلىپېدىيە، بەيدۇ ..قاتارلىق قامۇس توربەتلەردىن بۇ ئالىمنىڭ ئۇيغۇر ئەمەس بەلكى فارىس مىللىتىدىن ئىكەنلىگىنى بايقىدىم ، ۋە بۇ تونۇشتۇرۇش ماقالىسى يازغۇچىنىڭ نەقەدەر تەنتەك ۋە ئويدۇرما ياساشقا ئامراقلىقىنى بىلىپ يەتتىم...
مەزكۇر تېما يوللانغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. خارازىمىنىڭ كىملىكى توغرىسىدىكى بۇ دەتالاش <<مۇسا خارازىمى ئۇيغۇر !>> دېگەن تېما بىلەن يەنە بىر قېتىم داۋاملاشتى. بۇ نوقتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدىغان نوقتا ئەلۋەتتە.
مانا بۇلار يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر توربەتلىرىدە كەسكىن بەس-مۇنازىرە قىلىنغان ۋە قىززىق نوقتىغا ئايلانغان تېمىلار ئارىسىدىكى تاللانغان 10 تېما بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تورداشلارنىڭ يەنىلا سوغۇققانلىق بىلەن مەسىلىگە قاراپ تەنقىدى پوزىتسىيەدە بولىشىنى ۋە مەسىلىلەر بولسا دادىل ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
收藏到:Del.icio.us
评论
مۇشۇ توغرىسىدىمۇ ئويلىنىپ بېقىش كېرەككەن . رەھمەت دوستۇم .