-
2011-04-21
ئۇيغۇر توربەتلىرىدىكى قىززىق نوقتىلار Uyghur Torbetliridiki Qizziq Noqtilar - [ئۇيغۇرلار]
ئۇيغۇر تورچىلىقى دۇنيانىڭ ئۇچۇرلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشى بىلەن ئۆزىنىڭ رولى ۋە فۇنكىسىيىسىدە ئۆزىگە خاس قەدەم بېسىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ھازىرقى تۇرىۋاتقان ھالىتىنى نۇرغۇنلىغان چەتئەللەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرىۋاتىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆز يېزىقىدا ئۆزىنىڭ تور ساھەسىنى قۇرۇپ چىقىۋاتقان جۇڭگونىڭ غەرىبىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر تورچىلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى ۋە يېڭىچە تۇرمۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىۋاتىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگودىكى 2-چوڭ تور ساھەسىدە مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ۋە كۆلەملەشكەن مىللەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تور ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەندىن بېرى نۇرغۇنلىغان سىناقلارغا دۇچ كەلدى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشنى مىسلىسىز دەرىجىدە كېڭەيىتتى. ھەمدە بۇ جەرياندا بېشىدىن نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزدى ۋە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر تاۋلاندى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. گەرچە مەزگىللىك تور ئۈزۈكلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تورچىلىقىغا ۋە تور ساھەسىگە بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ قەددىنى تېز سۈرئەتتە كۆتۈرۈپ ۋە قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تەرەققىي قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ھەم كىشىنى ئۈمۈدلەندۈرىدۇ.
بۇ جەرياندا يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۇيغۇر توربەتلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارىتقان بىرقانچە نوقتىلارنى كۆزۈتۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى بىرقانچە تېمىلار تورداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنۇلدى. بۇ تېمىلار ھەرقايسى مۇنبەر ۋە بلوگلاردىن ئېلىغان بولۇپ يېقىندىن بۇيانقى ئىنتايىن قىززىق مۇنازىرە بولغان ۋە كەسكىن مۇنازىرە ئارقىلىق تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارىتقان تېمىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تورداشلارنىڭ ئاكتىپ باھا بېرىشىنى ۋە تەنقىدى پىكىردە بولۇشى قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قىززىق نوقتىلاردا بولسۇن.
-
2011-03-21
چەۋەندازلار بلوگى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى قوتلۇقلايدۇ! Qawandazlar" Blogi Barliq Qérindashlarning Noruz Bayrimini Qutluqlaaydu!" - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
نورۇز ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايرىمىدۇر. بۇ بايرام بارلىق تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئىران، تاجىك قاتارلىق پارىسلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ۋە يېڭى يىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نورۇزدا ھەرخىل پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، نورۇز ئېشى ئېتىلىدۇ... بالىلار ئۆزىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشىدۇ، قىزلار ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرى بىلەن يېڭى ئېچىلغان غۇنچىدەك گۈزەللىشىدۇ، چوڭلار ئۆز-ئارا نورۇزنىڭ شادلىقىغا چۆمىدۇ، بوۋا-مومىلار ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق ۋە بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ يىلنىڭ بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتۈپ كېتىپ بارىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھايات مۇساپىسىگە قايتا نەزەر سېلىپ ئۆز ئۆمرىگە ۋە ھاياتىغا شۈكرىلەرنى ئېيتىشىدۇ... دىمەك نورۇز بىزنىڭ خۇشاللىققا ۋە ئۆملۈككە چاقىرىلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمى ھېسابلىنىدۇ.
چەۋەندازلار بلوگى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى قۇتلۇقلايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي سالىمىنى پۈتۈن دۇنيادىكى نورۇز تەنتەنىسىگە چۆمگەن قېرىنداشلىرىغا يوللايدۇ! نورۇز بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن!
-
قارلۇق شىركىتى دىيارىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مېدىئا پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قارلۇق شىركىتىنىڭ لاھىيلىگەن مەھسۇلاتلىرى خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يەرگە قارلۇق شىركىتى لاھىيلىگەن ئەسەرلەرنىڭ 130 دىن ئارتۇق رەسىمى يوللاندى. بۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى رەسىملەردىن ھوزۇرلانغايسىز.
-
...
-
2010-10-24
ئۇلىنىش تورى(www.ulinix.cn) ۋە ئۇيغۇر بلوگىلىرى Ulinix Tori (cn) we Uyghur Blogliri - [جاھاننامە]
ئۇلىنىش تورى(cn)نىڭ <<بلوگ ۋە شەخسىي بەتلەر>> سەھىپىسنىڭ رەسمىي تۈردە يولغا قويۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز!
-
2010-10-20
ئارمان-مۇسۇلمانچە يىمەكلىكنىڭ <
> سىنى ياراتتى Arman-Musulmanche Yimeklikning "Made in China" sini yaratti!!! - [ئۇيغۇرلار]ئارمان-مۇسۇلمانچە يىمەكلىكنىڭ<> سىنى ياراتتى!!!
!!!Arman-Musulmanche Yimeklikning "Made in China" sini yaratti
مەملىكەت خەۋىرىنىڭ يېرىم سائەت داۋاملىشىدىغان خەۋىرىدە مىللىي سانائەتنىڭ پەخرى بولغان <<ئارمان مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر گوروھى>>نى تونۇشتۇرۇپ ئارماننى جۇڭگودىكى مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەرنىڭ <> (جۇڭگو ئىشلەپ چىقارغان) دىگەن ئوبرازىنى تىكلىدى، دەپ يۇقىرى باھا بەردى. ھەمدە فىلىمدە يېقىندا قازاقىستاندىن كەلگەن كارخانىچىلارنىڭ ئارماننىڭ كەمپۈت قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا كىرگۈزىدىغان بولغان، بۇ <<ئارمان مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر سانائىتى گوروھى>> نىڭ بۇيىل 16-تۈركۈمدىكى مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كەلگەن خېرىدار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
...
-
2010-10-19
ئۇيغۇر ياشنىڭ ئاجايىپ ۋاسكىتبول ماھارىتى Uyghur Yashning Ajayip Waskitbol Maharitiu - [رەسىم ۋە فىلىملەر]
ئىلگىرى بۇ ماھارەتنىڭ 1-قىسىمىنى توردا ئۇچرىتىپ قېلىپ يوللىغىنىمدا تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېىشكەن ئىدى، بۇ قېتىم ئىككىنجىسىنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن بولسا كېرەك ئۇچرىتىپلا يوللاپ قويۇشۇم. بەزەن ماھارەتلەرنى مەن ھەرگىزمۇ قىلالمايدىكەنمەن، قولدا توپنى پىرقىراتسام قولۇمدىن ئىككىنى سانىغىچە چۈشۈپ كېتىدۇ. قېنى بۇ قېتىملىق ماھارىتىنى بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى!ئۇيغۇرلاردىن بۇنداق ماھارەتنى ئوينىغان كىشىنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشىم، بۇمۇ بىر ئىلگىرلەش دېيىشكە بولىدۇ.
-
-