• 2010-10-06

    ئۆزبىكىستانلىق:مەن ئۆزبىك چوڭلار ئۇيغۇر... ...Özbikistanliq:Men Özbik Chonglar Uyghur - [باشقىلار]

    ئۆزبىكىستانلىق:مەن ئۆزبىك چوڭلار ئۇيغۇر... 

    ...Özbikistanliq:Men Özbik Chonglar Uyghur 

    كوچىلىرىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن چەتئەللىكلەرنى كۆرىسىز. ئاساسلىق ئۆزبىك،ئورۇس،قازاق،پاكىستانلىق،ئافغانىستانلىق ۋە ياۋروپا-ئامېرىكىدىن كەلگەنلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەتتى. پاكىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ بەزەن ياشلىرىنى كۆرۈپ ئىچ-ئىچىمدىن ئۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ قوزغىلاتتى. چۈنكى ئۇلار <<ئالتۇن ھېلال ئاي>> رايونىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن <<ئاقچى>> دىگەن <<ياغلىق قاپاق>>قا ئېرىشكەنىدى. شۇنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك بەزەن پاكىستانلىقنى كۆرسەم مۇشۇنداق ھېسىيات مەندە تېزلا شەكىللىنەتتى.

     

         بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قاراپ ئايرىپ بولالمايدىغان يەنە بىر خەلقمۇ بار ئىدى. ئۇلار دەل  <<ئۆزبىك>>لەر ئىدى. ئادەتتە يېنىڭىزدا بىللە مېڭىۋاتقان بولسا گەپ قىلمىغىچە بىلگىلى بولمايدۇ. لىكىن كۆرىۋەرسىڭىز بىر كۆرۈپلا بىلەلەيدىغان بولىدىكەنسىز، ئۇلار بىزگە قارىغاندا پاكىز ۋە رەتلىك كېيىنىپ قەددىنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. ئۇلارنىڭ چىرايىدىن پاكىزلىقىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى. لېكىن بىزنىڭ كۆپۈنچىمىزنىڭكىدىن بولسا توپا يېغىپ تۇراتتى. يەنە بىر مەن بايقىغان ئالاھىدە تەرىپى ئۇلارنىڭ ئالتۇن قاپلاتقان چىشلىرى بىزنىڭ بۇ يەردىكىسىگە قارىغاندا ئالاھىدە يالتىراپ تۇراتتى. مانا مۇشىنىڭدەك بىر قانچە تەرەپتىن مەن ئۇلارنى پەرىقلەندۈرەتتىم. بۇ يەرگە كەلگەن ئۆزبىكىستانلىقلار ئاساسەن سودا ئىشلىرى بىلەن كېلىدىغان بولۇپ، كۆپۈنچىسى خەنزۇچىنى تولۇق بىلمەيدىغانلار. شۇڭلاشقىمىكىن ئۇلار كۆپۈنچىسى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يەرلەردىن ياتاق ئېلىپ ياتاتتى،چۈنكى ئۇلار بۇ يەردە تىل ۋە مەدەنىيەت مۇھىمى غىزا جەھەتتە ئەندىكىش ھېس قىلمايتتى. بەزەن ۋاقىتلاردا بازار ئارلاۋاتقان ۋاقتىمدا بەزەن ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈرەلمەيۋاتقان ئۆزبىكىستانلىقلار ياردەم قىلىشقا تەكلىپ قىلاتتى. مەن ئۇلارغا خۇددى ئۆز خەلقىمگە مۇئامىلە قىلغاندەكلا مۇئامىلە قىلاتتىم ۋە ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلدرۈپ قويغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ يولىغا راۋان بولاتتىم. ئۆزۈمنىڭ ئۆزبىكلەر بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىش نىيتىم بار ئىدى. بەزەن ۋاقىتلاردا ئازراق گەپلىشىپمۇ باقاتتىم.

     

    بىر قېتىم قەستەن ھالدا ئىككى ئۆزبىككە <<ئىككى خەلقنىڭ تىلى،مەدەنىيىتى ئوخشاش، ئۇيغۇر-ئۆزبىك ئوخشاش>> دىگەن سۆزۈمگە <<ئوخشىمايدۇ>> دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى. كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئۆزبىكىستانلىقلار بىلەن شەخسى پاراڭ قىلىشقا ۋاقىت چىقماي ۋە شارائىت ياربەرمەي قالاتتى. يەنە بىر قېتىم بىر ئۆزبىكىستانلىق بىلەن ئازراق پاراڭلاشقان بولدۇم. مەن ئالدى بىلەن  سالاملاشقاندىن كېيىن<<ئۆزبىكىستاندىن كەلدىمىزمۇ؟>> دەپ سورىدىم ئۇ <<ھەئە>> دەپ جاۋاپ بەردى.ھەي بۇ ئۆزبىكىستانلىق دېگەننىڭ تىلى ھەقىيقەتەن يۇمشاق ئىكەن. گەرچە مېنىڭ ئۇلاردىن كىچىكلىكىم چىقىپ تۇرسىمۇ سۆز ئارىلىرىدا <<ئاكە>>(ئاكا) دەپ سۆز قىستۇرۇپ گەپ قىلىشلىرى كىشىنى باشقىچە ھېسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. كېيىن <<سىز ئۆزبىكمۇ؟>> دېگەن سوئالىمغا ئويلاندىمۇ،ئويلانمىدىمۇ بىلمىدىم <<مەن ئۆزبىك چوڭلار ئۇيغۇر>>دەپ بەرگەن جاۋابى مېنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى. ئارقىدىنلا <<مەن ئۆزبىك چوڭلار ئۇيغۇر دىگەن نىمە گەپ ئۇ؟! چوڭلار ئۇيغۇر بولغاندىكى ئۇيغۇر دىمەمسىز>>دەپ سەل قايناپ قالدىم. ئەتىمالىم ئۆزىنىڭ دەپ سالغان سۆزىدىن خىجىللىق ھېس قىلغان ۋە كەم ئەقىللىق قىلىپ سۆزلەپ قويغىنىنى سەزگەن بولسا كېرەك ئۇياق-بۇياققا قارىغان بولۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ كېتىپ قالدى...

     

         بۇ مەسىلە زادى كاللامدىن ئۆتمىدى، بىر ئادەم قانداقمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل كىملىككە ئىگە بولىدۇ. ياكى يات قەۋىملەر ئارلاشقان <<شالغۇت سورت>> بولمىسا يەنە نېمىشقا ئۆزىنى-ئۆزى ئالدايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇ ئۆزبىكىستانلىقنىڭ بايانى مېنى ئۆزبىكىستاننىڭ سىياسىتىدىن گۇمانلاندۇرسا يەنە بىر جەھەتتە بىر سۇئالنى ماڭا تاشلىدى،<<بۇ زادى قانداق كىملىك؟>>.

     

     

    تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇر-ئۆزبىك مۇناسىۋىتىنى يوتىتىپ بېرىدىغان ۋە ئۆزبىكىستاننىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدىغان بىر قانچىسى يوللىنىلدى. تورداشلار پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

     

     

     

    ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر بىر مىللەتمۇ ؟
    http://ecnuuyghur.com/user_topic_show.asp?boardid=2&topicid=301&viewfig=true

     بۈگۈنكى ئۆزبىكىستان
    http://bbs.misranim.com/read.php?tid-16443-keyword-%D8%A6%DB%86%D8%B2%D8%A8%D9%89%D9%83%D9%89%D8%B3%D8%AA%D8%A7%D9%86.Mhtml

     

    ئىسلام ئەللىرى-02 ئۆزبەكىستان
    http://uyghuracademy.com/?p=10233

    ئۆزبېكىستان تەسىراتلىرى
    http://uyghuracademy.com/?p=10105

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئۇيغۇر-ئۆزبېك بىر ئىدى،بۇغداي ناننى يەر ئىدى.ئەتلەس كۆينەك،دوپپا بىر،بىربىرىگە ئەر ئىدى.كەلدى بىركۈن ئاخىرى،ئۇيغۇر بولدى ئۇيغۇرلا،ئۆزبېك بولدى ئۆزبېكلا،ئەمدى بۇلار بىر ئەمەس...
    回复ئۇيغۇربەگ说:
    ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ قەشقەرلىك،ئەنجانلىق دەپ ئايرىشىدىغان خەلق سىتالىننىڭ سۈيقەستىدە ئىككىگە ئايرىلدى. ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبىكنى قىرغىز،قازاقلار ئوخشاشلا <<سارت>>(تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى مەنىسى-سودىگەر) دەپ ئوخشاش نام بىلەن ئاتايىتتى. مانا مۇشۇنداق ئىسپاتلارمۇ ئىككى خەلقنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بۈلدىرەتتى. ھازىر ئۇلار بىزنى ياراتمايدۇ. ئۇيغۇر بىلەن قەستەن چىقىشمايدۇ، چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى <<ئۇيغۇرنىڭ بالا مىللىتى>> دىيىشىدىن خۇدىكسىرىسە كېرەك، لىكىن نىمىلا قىلغان بىلەن تارىخ ھامىنى تارىخ.
    2010-10-10 16:34:44
  • مىنىڭ توردىن كۆرگەن ماتىرياللىرىمغا ئاساسلانغاندا ئەينى يىللىرى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى ئاسىملاسسىيە ئېلىپ بېرىلغان ، بىر قىسىم كىشلەر ھەتتا ئۈزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتاشتىنمۇ مەھرۇم قالدۇرىلغان .
    回复سەيياھ يازمىسى说:
    دەرۋەقە سىز دىگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئاسىلىماتسىيە قىلىنىشى ئوتتورا ئاسىيا ئەللىرىدە ئىنتايىن ئېغىر. نەبىجان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ ماقالىسىدا ئۆزبىكىستاندا ھېچ بولمىغاندا 6مىلىيوندىن 7مىلىيونغىچە ئۇيغۇر قان سېستىمىسىدىكى كىشى بار دەپ قارايدۇ. بۇ پەقەت 19-ئەسىردىن تاكى ھازىرغىچە بولغان كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى توغرىسىدىكى قىياس. لېكىن مەن ئۆزبىكىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرنىڭ ئاغزىدىن ئۆزبىكىستاندا 1 مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. بولۇپمۇ تاشكەنىتتە كۆپ دېيىلگەن ئىدى. 80-يىللاردا ئۆزبىكىستانغا كۆچۈپ كەتكەن بىر تۇغقىنىمىز بولىدىغان، بۇ قېتىم ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندە ئۆزبىكىستاندا ياشلىرى ئۆزبىكچە چوڭلىرى ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدۇ دەيدۇ بۇراسىتمۇ دەپ سورىغان سوئالىمغا، بىزنىڭ نەۋرىلەرنىڭ تىلىمۇ ئۆزبىكچە چىقتى. لىكىن نوپۇسىدا ئۇيغۇر دەپ يېزىغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت تىپىك ئۆزبىك مۇھىتى بولسا كېرەك. سىزگە ئۆزبىكلەرنىڭ يازغان <<ئۇيغۇر-ئۆزبىك بىر مىللەتمۇ؟>>دىگەن يازمىنى تەۋسىيە قىلىمەن قېرىندىشىم. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-07 23:18:35
  • ئۆزبىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار جىق پەرىقلەنمەيدىكەنغۇ ؟ ئۆزبىكلەرنىڭ تىلىنى ئاساسەن چۈشىنىدىكەنمەن
    回复ئەزىز说:
    توغرا دەيسىز قېرىندىشىم. ئۆزبىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى %95 دىن يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن يېقىندىن بېرى تۈرك دۇنياسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنىڭ بەزەن پەرىقلىرى كۆپۈيۈشكە باشلىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا يات مەدەنىيەتلەرنىڭ غىدىقلىشىغا كۆپراق ئۇچراشقانلىقىدىن بولسا كېرەك. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار بلوگى سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-07 23:11:10
  • FF تا يازمىنىڭ خەتلىرى تازا نورمال كۆرۈنمىدى، شۇنداقتىمۇ تەستىراق ئوقۇپ تۈگەتتىم، يازمىنىڭ ئاخىرى باردەكلا بىلىندى...
    回复تەدبىركار说:
    مېنىڭ كومپىيوتېرىمدا ئۈستىدىكى چوڭ خەتلىك ماۋزۇسىدىن باشقىسى نورمال كۆرۈندى. مۇشۇ تېمىنى يوللىغاندا بلوگباس سۇپىسىدا ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن بىنورمال ئەھۋال كۆرۈنگەن ئىدى. باشقا تېمىنىمۇ يوللىغىلى بولمىغان ئىدى. بلوگ قۇرۇلۇپ 2- قېتىم مۇشۇنداق خەتنىڭ نورمال چىقماسلىق ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم. يازمىنى ئەسلى ئۇزۇن يازغىم بار ئىدى. سەھىپىسىنىڭ ئۇزىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن نەق گەپنىلا قىلغان ئىدىم. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېمىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبىكلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە ئۆزبىكىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالايسىز. تېما ئاستىدىكى ئۇلىنىش ئادرىسىغا قاراڭ. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-07 23:08:03
  • ئۇلار ئۆزبىكلەرگە سىڭىپ كەتتى.ئۇيغۇر دىسە بەك يەكلەمدۇ نىمە؟ ئاناڭنى كىم ئالسا ئاتاڭ شۇ دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ.
    回复ئىزتۈرك说:
    خەلقارادىكى قېرىنداش مىللەتلەر ئاسان ئاسىلىماتسىيە بولىدۇ دىگەن تەلىماتقا تەدبىقلىغاندا بۇ بىر تەبىي ئەھۋالدەك كۆرىنىدۇ. لېكىن سوۋىت پارچىلانماستا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن سىياسەت ئىنتايىن قاتتىق دىيىشكە بولىدۇ.
    2010-10-07 23:02:03