•  

    سۇمرۇغ تورى خەۋىرى: موڭغۇلىيەدە تۈركلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەدىمكى قەۋرىسى تېپىلغان بولۇپ، يېقىندا قەدىمكى قەۋرىدىن تېپىلغان بۇيۇملار رەسمىي ھالدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان. بۇ ھەم موڭغۇلىيەنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركلەرنىڭ دەۋرىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى كۆرگەزمىگە قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەدىمىي قەۋرىنى موڭغۇلىيە بىلەن روسىيە بىرلەشمە ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى موڭغۇلىيەنىڭ جامار ناھىيىسىدىن بايقىغان بولۇپ،قەۋرە 6 مىتىر چوڭقۇرلۇقتا كۆمۈلگەن ئىكەن. كۆرگەزمە خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر قەۋرىنىڭ تۆت ئەتراپى 90 مىتىر ئېگىزلىكتىكى توپا تام بىلەن قورشالغان بولۇپ، جەنۇب تەرىپىدە بىر چىقىش ئېغىزى بار ئىكەن. ھەمدە قەۋرىنى بايقاشتىن بۇرۇن تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بىر كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەۋرىسى دەپ بېكىتكەن.

    ...

  • ئۇيغۇر تورچىلىقى دۇنيانىڭ ئۇچۇرلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشى بىلەن ئۆزىنىڭ رولى ۋە فۇنكىسىيىسىدە ئۆزىگە خاس قەدەم بېسىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ھازىرقى تۇرىۋاتقان ھالىتىنى نۇرغۇنلىغان چەتئەللەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرىۋاتىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆز يېزىقىدا ئۆزىنىڭ تور ساھەسىنى قۇرۇپ چىقىۋاتقان جۇڭگونىڭ غەرىبىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر تورچىلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى ۋە يېڭىچە تۇرمۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىۋاتىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگودىكى 2-چوڭ تور ساھەسىدە مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ۋە كۆلەملەشكەن مىللەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تور ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەندىن بېرى نۇرغۇنلىغان سىناقلارغا دۇچ كەلدى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشنى مىسلىسىز دەرىجىدە كېڭەيىتتى. ھەمدە بۇ جەرياندا بېشىدىن نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزدى ۋە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر تاۋلاندى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. گەرچە مەزگىللىك تور ئۈزۈكلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تورچىلىقىغا ۋە تور ساھەسىگە بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ قەددىنى تېز سۈرئەتتە كۆتۈرۈپ ۋە قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تەرەققىي قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ھەم كىشىنى ئۈمۈدلەندۈرىدۇ.

    بۇ جەرياندا يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۇيغۇر توربەتلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارىتقان بىرقانچە نوقتىلارنى كۆزۈتۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى بىرقانچە تېمىلار تورداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنۇلدى. بۇ تېمىلار ھەرقايسى مۇنبەر ۋە بلوگلاردىن ئېلىغان بولۇپ يېقىندىن بۇيانقى ئىنتايىن قىززىق مۇنازىرە بولغان ۋە كەسكىن مۇنازىرە ئارقىلىق تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارىتقان تېمىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تورداشلارنىڭ ئاكتىپ باھا بېرىشىنى ۋە تەنقىدى پىكىردە بولۇشى قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قىززىق نوقتىلاردا بولسۇن.

  • 点击查看下一张

    قارلۇق شىركىتى دىيارىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مېدىئا پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قارلۇق شىركىتىنىڭ لاھىيلىگەن مەھسۇلاتلىرى خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يەرگە قارلۇق شىركىتى لاھىيلىگەن ئەسەرلەرنىڭ 130 دىن ئارتۇق رەسىمى يوللاندى. بۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى رەسىملەردىن ھوزۇرلانغايسىز.

     

  • ئارمان-مۇسۇلمانچە يىمەكلىكنىڭ<> سىنى ياراتتى!!!

     !!!Arman-Musulmanche Yimeklikning "Made in China" sini yaratti

    مەملىكەت خەۋىرىنىڭ يېرىم سائەت داۋاملىشىدىغان خەۋىرىدە مىللىي سانائەتنىڭ پەخرى بولغان <<ئارمان مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر گوروھى>>نى تونۇشتۇرۇپ ئارماننى جۇڭگودىكى مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەرنىڭ  <> (جۇڭگو ئىشلەپ چىقارغان) دىگەن ئوبرازىنى تىكلىدى، دەپ يۇقىرى باھا بەردى. ھەمدە فىلىمدە يېقىندا قازاقىستاندىن كەلگەن كارخانىچىلارنىڭ ئارماننىڭ كەمپۈت قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا كىرگۈزىدىغان بولغان، بۇ <<ئارمان مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر سانائىتى گوروھى>> نىڭ بۇيىل 16-تۈركۈمدىكى مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كەلگەن خېرىدار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ...

  • ئىلگىرى بۇ ماھارەتنىڭ 1-قىسىمىنى توردا ئۇچرىتىپ قېلىپ يوللىغىنىمدا تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېىشكەن ئىدى، بۇ قېتىم ئىككىنجىسىنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن بولسا كېرەك ئۇچرىتىپلا يوللاپ قويۇشۇم. بەزەن ماھارەتلەرنى مەن ھەرگىزمۇ قىلالمايدىكەنمەن، قولدا توپنى پىرقىراتسام قولۇمدىن ئىككىنى سانىغىچە چۈشۈپ كېتىدۇ. قېنى بۇ قېتىملىق ماھارىتىنى بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى!ئۇيغۇرلاردىن بۇنداق ماھارەتنى ئوينىغان كىشىنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشىم، بۇمۇ بىر ئىلگىرلەش دېيىشكە بولىدۇ.

  •  

         تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇرلاردىكى <<10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى>> 2008-يىلى يۈكسەل بلوگىنىڭ ئويۇشتۇرىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 2009-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمى تور چەكلەنگەنلىكتىن بۇ بەت ئاق قالغان ئىدى. 2010-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى يەنىلا قۇرۇق قالغان بولىسمۇ لېكىن تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بلوگلار تېزدىن قۇرۇلۇپ ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلدى. بۇ يىللىق <<10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى>> 10-ئاينىڭ 1-كۈنى دەسلەپكى قەدەمدە پىكىر-ئېلىش تەرىقىسىدە ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بىز بلوگگىلار ئۈچۈن ياخشى بىر يۈزلىنىش ئەلۋەتتە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەۋەندازلار بلوگى بۇ يىللىق <<10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى>>نىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداشلىق بۈلدۈرىدۇ ۋە كونا يېڭى بلوگگىرلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىدۇ.

     

         تەكلىپتە تەشۋىق رەسىم لاھىيىلەپ بارلىق بلوگگىرلار بۇ پائالىيەتنى ئۆزىنىڭ بلوگلىرىغا چىقىرىپ بۇ پائالىيەتنىڭ كەڭ تۈردە قانات يايدۇرىلىشىغا تۈرىتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىق رەسىمى يوللىنىلدى ۋە بىر قانچە بلوگلار ئۆزلىرىنىڭ بلوگلىرىدىن بۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا سورۇن ھازىرلىدى. شۇمۇ ناسىۋەت بىلەن مەن بۇ رەسىمنى چىقىرىدىغان ئورۇننىڭ مۇناۋىۋەتلىك ئورنى ۋە كودىنى يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپپىق كۆردۈم. 

  •  

  •  

    2009-2010- يىللىق <<جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمە پۇتپۇل مۇسابىقىسى>> دە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۈنۋېرىستىتى كوماندىسى تۇنجى قېتىم چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ خەلقىمىزگە زور خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى، مۇسابىقە 2:1 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشقان بولۇپ ئالدىنقى ۋە كېيىنكى مەيداندا بىردىن توپ كىرگۈزۈلگەن. بۇ توغرىسىدا <<شىنجاڭ تەنتەربىيىسى>> پىروگراممىسىدا تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بىز بۇ ئوغلانلىرىمىزغا  ھەمدە بۇلتۇر << تۇنجى جۇڭگو كوماندىسىغا كىرگەن ئۇيغۇر پۇتپولچى-ئەخمەتجان مۇزەپپەر>> گە (19 ياش، جۇڭگو ئولىمپىك كوماندىسىغا  ۋەكىل بولۇپ توپ ئويناش سالاھىتىگە ئېرىشكەن) زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.

    شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۈنۋېرىسىتىتى كوماندىسى تەنتەنە قىلماقتا

     

     

     

    شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۈنۋېرىسىتىنىڭ مۇكاپات تاپشۇرىۋالغاندىكى سۆرەتلىك فىلىمى

     

  • سىز كۆرىۋاتقان ئېلىپبە ئېلىپەنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخۇسى بولۇپ، ھەقىيقەتەن ياخشى لاھىيىلەنگەن، بۇنىڭغا يەنە ھەرىپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە،ئېنگىلىزچە،خەنزۇچە چۈشەندۇرۈلىشى كىرگۈزۈلگەن. سىز قايسى ھەرىپنى تاللىسىڭىز شۇ ھەرپنىڭ ئوقۇلۇشىنى ئوقۇپ بېرىدۇ ۋە سىز تاللىغان ھەرىپكە مۇناسىۋەتلىك بىرمۇنچىلىغان مەزمۇنلار تەڭ ئېچىلىدۇ. سىز بۇ دىتال ئارقىلىق  باشقىلارغا ئانا تىلدىن ساۋادنى چىقىرىشقا ياردەم قىلالايسىز.

    ئۇيغۇرچە ئېلىپبە جەدىۋىلى