• 2010-10-08

    <<10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى>> نىڭ تەشۋىق رەسىمىنى چىقىرىش ئۇسۇلى "10 Chong Blogni Bahalap Chiqish Paaliyiti"ning Teshwiq Resimini Chiqirish Usuli - [بلوگ بىلىملىرى]

     

      <<10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى>>نىڭ تەشۋىق رەسىمىنى چىقىرىش ئۇسۇلى

    "10 Chong Blogni Bahalap Chiqish Paaliyiti"ning Teshwiq Resimini Chiqirish Usuli 

      

     

     

    <div id="content"> 

     

    چۈشۈرۈش1   چۈشۈرۈش2

     

     

     

    چۈشۈرۈشتە قىينالغۇچىلار ئۈچۈن بۇ خەنزۇچە بەتنىڭ رەسىملىك چۈشۈرۈش ئۇسۇلى يوللاندى.

    ئىككىنجىسىنى بېسىڭ(چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىش)

    خالىغان بىرسىنى باسسىڭىز بولىدۇ(ئوڭ تەرەپتىكىنى بېسىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن)

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بۇنىڭغا خلى كۆپ بلوگلار ئاۋاز قوشۇپتۇ،پىقىرمۇ سىز كۆرسەتكەن ئۇسۇل بويىچە تەشۋىقات ئىلانىنى بلوگىمغا چىقىرىپ قويدۇم.
    回复بارخان说:
    سىزنىڭمۇ بۇ رەسىمنى چىقارغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ ئىنتايىن سۆيۈندۈم. بۇ يازمىنىڭ بلوگگىرلارغا ئازراق بولسىمۇ قولايلىق ئېلىپ كېلەلىگەنلىكدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-15 19:50:22
  • بىلىم بايلىق بلوگىمۇ بۇ تەشۋىققا كۈچ قوشۇپ تەشۋىق ئىلانىنى باش بەتگە ئورۇنلاشتۇردى
    回复ehlas说:
    سىزنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ تەشۋىق رەسىمىنى چىقىرىۋالغىنىڭىزنى كۆرۈپ ئىنتايىن سۆيۈندۈم. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن قېرىندىشىم. ئامان بۇلۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-13 23:22:55
  • بىزنى تۈرلۈك يېڭىلىقلاردىن دەل ۋاختىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرۋاتىسىز،سىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم.
    回复ھونزادە 说:
    ئەرزىمەيدۇ قېرىندىشىم. بۇ پائالىيەتنى ھەممىمىز قوللىشىمىز كېرەك. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم،چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!


    تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇرلاردىكى <<10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى>> 2008-يىلى يۈكسەل بلوگىنىڭ ئويۇشتۇرىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 2009-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمى تور چەكلەنگەنلىكتىن بۇ بەت ئاق قالغان ئىدى. 2010-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى يەنىلا قۇرۇق قالغان بولىسمۇ لېكىن تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بلوگلار تېزدىن قۇرۇلۇپ ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلدى. بۇ يىللىق <<10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى>> 10-ئاينىڭ 1-كۈنى دەسلەپكى قەدەمدە پىكىر-ئېلىش تەرىقىسىدە ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بىز بلوگگىلار ئۈچۈن ياخشى بىر يۈزلىنىش ئەلۋەتتە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەۋەندازلار بلوگى بۇ يىللىق <<10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى>>نىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداشلىق بۈلدۈرىدۇ ۋە كونا يېڭى بلوگگىرلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىدۇ.

    تەكلىپتە تەشۋىق رەسىم لاھىيىلەپ بارلىق بلوگگىرلار بۇ پائالىيەتنى ئۆزىنىڭ بلوگلىرىغا چىقىرىپ بۇ پائالىيەتنىڭ كەڭ تۈردە قانات يايدۇرىلىشىغا تۈرىتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىق رەسىمى يوللىنىلدى ۋە بىر قانچە بلوگلار ئۆزلىرىنىڭ بلوگلىرىدىن بۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا سورۇن ھازىرلىدى. شۇمۇ ناسىۋەت بىلەن مەن بۇ رەسىمنى چىقىرىدىغان ئورۇننىڭ مۇناۋىۋەتلىك ئورنى ۋە كودىنى يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپپىق كۆردۈم.

    مۇناسىۋەتلىك كود ھۆججەت شەكلىدە يوللاندى. بلوگنىڭ ئۈستىگە چىقىرىش ئۈچۈن <<چۈشۈرۈش1>>نى بېسىپ مۇناسىۋەتلىك كودنى ئۇسلۇپ تەڭشەش رايونىدىكى indix ۋە detile نىڭ ئىچىدىكى
    نىڭ ئاستىغا قىستۇرسىڭىز تەشۋىق رەسىمى بلوگنىڭ ئۈستىدە كۆرىنىدۇ.

    <<چۈشۈرۈش2>>نى بېسىپ مۇناسىۋەتلىك كودنى باش بەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش(首页布局设置) دىكى يان ستون ئىختىيارى بۆلەك (HTML 自定义) نىڭ ئىچىگە قىستۇرسىڭىز يان ستوندا كۆرىنىدۇ. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

    2010-10-12 20:49:48
  • كاتتا ئىش قىپسىز بۇرادەر...
    回复ئۇيغۇربەگ说:
    ئۇيغۇربەگ-پىرىستان ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشىغا ۋە تەرەققىياتىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭمۇ بۇ تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرىشىغا تىلەكداشمەن. ۋورىدپىرەسنى تونۇتۇشتىكى تۆھپەڭلارغا ئاپىرىن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم،چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-10 16:29:01
  • ئەسلى مەن بۇ تەشۋىقاتنى بلوگنىڭ يېڭى ئۇسلۇبى پۈتكەندە بىراقلا ئېلان قىلاي دېگەن ،لىكىن چەۋەنداز ئەپەندىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى ئالدىدا سەل خىجىل بولۇپ قالدىم ، مەنمۇ تەشۋىق قىلىشنى باشلىۋەتتىم ئەمسە.
    回复Atash说:
    سىزنىڭ يېڭى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ ئىنتايىن ئېسىل چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن قېرىندىشىم، سىزنىڭ بۇ پائالىيتنى قانات يايدۇرغىنىڭىز ياخشى بولۇپتۇ. ھەممىمىز ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم،چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-10 16:25:23
  • ئەپۇ قىلغايسىلەر ، مەن خاتا چۈشۈرۈپتىمەن ، ئەمدى ئوڭۇشلۇق بولدى .
    回复كۆكيال说:
    سىزنىڭمۇ بۇ پائالىيەتنىڭ تەشۋىقات سۈرىتىنى تېزلىتىشىڭىزنى تىلەيمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم،چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-08 19:17:33
  • بۇرادەر ، مەن نېمىشقا سىز دېگەن مەشغۇلاتلارنى ئوڭۇشلۇق قىلالمايمەن .
    回复كۆكيال说:
    ئىنتايىن خىجىلمەن. بلوگقا تېما يوللاشتا خاتالىق كۆرۈلدى. 1 ھەپتىدىن بېرى تىما يوللاش تازا ئوڭۇشلۇق ئەمەس. خەتلەر نورمال كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. مۇشۇ كودنى يوللاشمۇ تەسكە توختاپ txt ھۆججەت قىلىپ يوللاندى.
    2010-10-08 19:11:34
  • باشقا بلوگلارنىڭمۇ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا مۇناسىپ كۈچ قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز!
    回复يۈكسەل说:
    باشقا بلوگلارمۇ چوقۇم بۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كۈچ چىقىرىدۇ دەپ قارايمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم،چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-08 19:09:46
  • چەۋەنداز بلوگىنىڭ مەزكۇر 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ كۈچ چىقارغانلىقىغا ، تەشكىللىگۈچى يۈكسەل بلوگى نامىدىن تەشەككۈر ئېيتىمىز!
    回复يۈكسەل说:
    بۇنى ھەممىمىز قېلىشقا تېگىشلىك ئىش دەپ قارايمەن. بۇتېمىنى يېزىش ھەقىيقەتەنمۇ تەسكە توختىدى. خەتلەر نېمىشقىدۇر نورمال ئەمەس، ئاددىيسى بلوگباسنىڭ ئىچىدىكى كودلارنىمۇ تونىتىش ۋە يوللاش مۇمكىن بولمىدى. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.
    2010-10-08 19:03:14