• 点击查看下一张 

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنىڭ چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-12 گە ئىشتىراك قىلىشىڭىزلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن! چەۋەندازلار بىلوگى بۇندىن بىر يىل بۇرۇن چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى. مانا بۈگۈن 12-سانىنى يوللاپ تورداشلار بىلەن بىرگە چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سېلىپ ئولتۇرماقتىمىز. بۇ بىر يىللىق ساندا چەۋەندازلار بىلوگى ئىزچىل تۈردە تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. چەۋەندازلار بىلوگى يېقىندا ئۆزىنىڭ چوڭ بىر قەدىمىنى ئېلىپ تەرەققىيات قەدىمىنى تىزلەتمەكچى. ھەمدە چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى مۇشۇ سان بىلەن تامام. ئۇنداق بولسا تورداشلارنىڭ بۇ سانلىق ئومۇمىي خۇلاسىلىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-12گە نەزەر سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • 点击查看下一张

     

    تورنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بىلوگلارمۇ ھازىرقى تور ساھەسىدىكى زور كۈچكە ئايلاندى. تېخى مىكرو بىلوگ بارلىققا كەلگىنى ئۇزاق بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ دىيارىمىزغا كېلىشى ئىلگىرى ۋاقىتلاردىكى تور تېخنىكىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە قارىغاندا تېز بولدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مىكرو بىلوگ توردا يېڭىچە ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈپ سۆزلىرىنىڭ قىسقا، مەزمۇنىنىڭ مىغىزلىق، تېتىملىق بولىشى بىلەن يېڭىچە مۇھىتنى ئېلىپ كەلدى.

    تېخى يېقىندىلا قارلۇق شىركىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان <<گۈدۈك>> مىكرو بىلوگى تېزلا تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر تەرىپى مەزكۇر مىكرو بىلوگ <<بىلوگ ئاسقۇسى>> قىستۇرمىسىنىمۇ ھەم ئېلان قىلغان بولۇپ سىز بۇ مىكرو بىلوگ ئاسقۇسى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ بىلوگىغا چىقىرىۋالسىڭىز ھەقىيقەتەنمۇ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك ئىش بولىدىكەن! بىر تەرەپتىن بىلوگ يازسىڭىز يەنە بىر تەرەپتىن سىزنىڭ دۇنيارىڭىزغا باشقىلار تېخىمۇ يېقىنلىشىپ سىزنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. مەنچە بۇ بىلوگگىرلار ئۈچۈن ھەقىيقەتەنمۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش دەپ قارايمەن.

  • 点击查看下一张

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنى چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-11>> غا تەكلىپ قىلىمەن. چەۋەندازلار بىلوگى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر بىلوگلىرى ئارىسىدا رەسمىي ھالدا قەرەللىك ھالدا ئۆز بىلوگىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن ۋە ئىچكى ئەھۋالىدىن تورداشلارنى خەۋەردار قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ھەر ئاينىڭ 29-كۈنى چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلىپ كەلدى. 2-ئاي 28 كۈنلۈك ئاي بولغانلىقىتىن يوللانمىدى. بۇ بىر چەۋەندازلار ئېيىدا چەۋەندازلار بىلوگى ئىزچىل ھالدا تىرىشىپ ئۆزىنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات قەدىمى ئۈچۈن ئىزدىنىپ كەلدى. پات ئارىدا ئاللاھ نىسىپ قىلسا تېخىمۇ زور تىرىشچانلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ يېڭىچە شەكىلدە تورداشلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولغۇسى! ئۇنداق بولسا بۇ قېتىملىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىنىڭ نادىر مەزمۇنلىرىدىن بەھىرلەنگەيسىزلەر!

     

     

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنىڭ 7- قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>غا ئىشتىراك قىلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. چەۋەندازلار بلوگى ئالدىنقى بىر چەۋەندازلار ئېيىدا ئۆزىنىڭ بلوگ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەمنى بېسىپ 2010-يىللىق<<ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگىنى باھالاش پائالىيىتى>> گە قاتنىشىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا <<2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ>>نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. بۇ نەتىجە ئەلۋەتتە نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چەۋەندازلار بلوگى بۇ بىر ئايدا ياخشى بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ قېتىمقى <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>نىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ ئوخشاشلا ھەم سىزنى قايىل قىلغۇسى! قېنى ئەمسە نەزىرىڭىزلار <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى-8>>دە بولسۇن!


  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنىڭ 7- قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>غا ئىشتىراك قىلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. ئۆتكەن بىر چەۋەندازلار ئېيىدا چەۋەندازلار بلوگى زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەمدە ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم تارقاتقان <<كۆك چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىنى تارقاتتى. ئوخشاشلا ھەم بۇ ئايدا چەۋەندازلار بلوگى زور ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. دەل مۇشۇ ئايدا چەۋەندازلار بلوگى ئىلگىرى ئىشلىتىپ كەلگەن رەسىم يوللاش توربىكىتىدىكى ھېساباتىدىن چاتاق چىقىپ بلوگ يۈزىدىكى رەسىملەر پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا كېلىپ قالدى. 30 سائەتكە يېقىن ئۈزۈلدۈرمەي تىرىشىش ئارقىلىق تېزلا بلوگىنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بەزەن رەسىملەرنى زاپاسلىۋالمىغانلىقىم تۈپەيلى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قېيىنغا توختىدى. ھازىر ئاساسەن بلوگ يۈزى نورمال ھالەتكە قايتىپ كەلدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>مۇ سىزلەرنى قايىل قىلدۇرغۇسى! قېنى ئەمسە نەزىرىڭلار <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى-7>> دە بولسۇن!



  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار. چەۋەندازلار بلوگىنىڭ 6-قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>غا دىققەت قىلىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>> ئۇدا 6 نۆۋەت ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. ھەمدە بۈگۈنكى كۈندە چەۋەندازلار بلوگى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا 30مىڭلىق ئۆتكەلدىن بېسىپ ئۆتتى. بۇ ئەلۋەتتە تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە مەدىتىدىن كەلگەن نەتىجە ئەلۋەتتە. بۇ بىر چەۋەندازلار ئېيىدا چەۋەندازلار بلوگى گەرچە بلوگباس سۇپىسىدىن كاشىلا چىققان بولسىمۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆزىنىڭ قەدىمىنى تىزلىتىپ تەرەققىيات سۈرىتىنى ساقلاپ كەلدى. بۇ قېتىمقى <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى-6>>دە چەۋەندازلار بلوگى ئۆزى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئورىناتقان چەتئەلنىڭ IP خاتېرلىگۈچىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ ھەم ئاشكارىلىماقچى. سىلەرنىڭ نەزىرىڭلارنى سېلىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ قېتىمقى <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>نىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ ئوخشاشلا ھەم سىزنى قايىل قىلغۇسى! قېنى ئەمسە نەزىرىڭىزلار <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى-6>>دە بولسۇن!


  •      ئەسسالامۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بۈگۈن 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىق كاتتا تەنتەنە كۈنى. بۈگۈنكىدەك چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلۇپ 3 يىل بولغان قۇتلۇق كۈندە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى يېرىدىن زىيارەت قىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ ئالىي ئېھتىرامىنى بىلدۈرىدۇ! چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ 3 يىللىق مۇساپىسىدە نۇرغۇنلىغان ئەگرى توقايلىقنى بېسىپ ئۆتتى. نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە مەدىتىگە ئېرىشىپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەۋەندازلار بلوگى پۈتۈن تورداشلارغا ئۆزىنىڭ ئالىي سالىمىنى يوللايدۇ ۋە بارلىق تورداشلارغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ! چەۋەندازلار بلوگى ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ يولىدا توغرا ۋە مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەپ كەلدى. بۇ ئىلگىرلەش ۋە مۇۋاپپىقىيەتلەرنى ئەلۋەتتە تورداشلارنىڭ ۋە بلوگگىرلارنىڭ قىزغىن مەدىتى، ياردىمى ۋە قوللىشى ئارقىلىق قولغا كەلتۈردى ئەلۋەتتە. بۇ جەرياندا چەۋەندازلار بلوگى بىلەن ھەمكارلىق ۋە دوستانە مۇناسىۋەت ئورىناتقان تور بىكەت ۋە بلوگىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15  ۋە 66 بولۇپ (يۇقاردىكىسى پەقەت چەۋەندازلار بلوگىدىكى دوستانە ئۇلىنىش قاتارىدىكى بلوگلارنى كۆرسىتىدۇ) بۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەش ئىلگىرى سۈرۈلدى. چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ مۇساپىسىدە كىچىكلىكتىن زورىيىپ كۈندىلىك ئېقىم مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بلوگلار قاتاردىن ئورۇن ئالدى ھەمدە بۇ جەرياندا ھەرخىل تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە ئۇچرىغان بلوگگىرلارغا ئۆزىنىڭ ياردىمىنى بېرىپ كەلدى. چەۋەندازلار بلوگى بارلىق يېڭى ۋە قابىل بلوگگىرلارغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ!

    چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغان 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇيغۇر بلوگىلىرى ئارىسىدا تۇنجى نۆۋەت ئۆزىنىڭ ھەر ئايلىق زىيارەت ئەھۋالى ۋە ئومۇمىي ئەھۋالىدىن پۈتۈن تورداشلارنى قەرەللىك ھالدا ئورتاق خەۋەرلەندۈرۈپ ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ھەربىر قەدىمىنى پۈتۈن تورداشلار بىلەن بىللە بېسىش ئىستىراتىگىيىسىنى قوللاندى. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ يېڭىلىققا ئۆزىنىڭ قوللاش ۋە تەبرىكلەش تىلەكلىرىنى يوللاپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەۋەندازلار بلوگىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق تورداشلار ۋە بلوگگىرلارغا چەۋەندازلار بلوگى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ ۋە تەشەككۈر ئېيتىدۇ!

  •  

         تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇرلاردىكى <<10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى>> 2008-يىلى يۈكسەل بلوگىنىڭ ئويۇشتۇرىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 2009-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمى تور چەكلەنگەنلىكتىن بۇ بەت ئاق قالغان ئىدى. 2010-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى يەنىلا قۇرۇق قالغان بولىسمۇ لېكىن تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بلوگلار تېزدىن قۇرۇلۇپ ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلدى. بۇ يىللىق <<10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى>> 10-ئاينىڭ 1-كۈنى دەسلەپكى قەدەمدە پىكىر-ئېلىش تەرىقىسىدە ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بىز بلوگگىلار ئۈچۈن ياخشى بىر يۈزلىنىش ئەلۋەتتە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەۋەندازلار بلوگى بۇ يىللىق <<10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى>>نىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداشلىق بۈلدۈرىدۇ ۋە كونا يېڭى بلوگگىرلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىدۇ.

     

         تەكلىپتە تەشۋىق رەسىم لاھىيىلەپ بارلىق بلوگگىرلار بۇ پائالىيەتنى ئۆزىنىڭ بلوگلىرىغا چىقىرىپ بۇ پائالىيەتنىڭ كەڭ تۈردە قانات يايدۇرىلىشىغا تۈرىتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىق رەسىمى يوللىنىلدى ۋە بىر قانچە بلوگلار ئۆزلىرىنىڭ بلوگلىرىدىن بۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا سورۇن ھازىرلىدى. شۇمۇ ناسىۋەت بىلەن مەن بۇ رەسىمنى چىقىرىدىغان ئورۇننىڭ مۇناۋىۋەتلىك ئورنى ۋە كودىنى يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپپىق كۆردۈم. 

  •  

     

     

     

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار. چەۋەندازلار بلوگىنىڭ 4-قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>غا دىققەت قىلىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ 2 يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ياخشى بولغان نەتىجىلارنى قولغا كەلتۈردى. بۇ بىر چەۋەندازلار ئېيىدا ( ھەر ئاينىڭ 29-كۈنىدىن كىلەركى ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە) ئۆزىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېخىمۇ تىزلەتتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق چەۋەندازلار بلوگى تەشۋىق قىلىندى. بەزەن دىتال ۋە تور بىكەتلەرنىڭ لاھىيىلىرى ۋە تۇغلىرى لاھىيىلەپ چىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر بلوگنىڭ تۇغى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا پۈتتى. بۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا ھەمكارلىق تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. بۇ لاھىيىلەر پات ئارىدا تاپشۇرۇلۇپ ھامكارلىق كۈچەيتىلىدۇ. 4- قېتىملىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىنىڭ مەزمۇنى سىزنى قايىل قىلغۇسى! قېنى ئەمسە نەزىرىڭىزلار <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى-4>>تە بولسۇن!

  •  

     

     

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار. چەۋەندازلار بلوگىدىن ھەممىڭلارنىڭ رامىزان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن! چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ھەر ئايدا ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان چەۋەندازلار ئۇقتۇرشىغا ئىشتىراك قىلىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. چەۋەندازلار بلوگى بۇ بىر چەۋەندازلار ئېيىدا(ھەر ئاينىڭ 29-كۈنىدىن كىلەركى ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە) ئۆزىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئۇتۇقلىرىنى قولغا كەلتۈردى. ‹‹تىز ئۇلاش›› دىتالىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم بلوگباس بلوگ سۇپىسىدىكى چەۋەندازلار بلوگىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ‹‹تىز ئۇلاش›› دىتالىغا كىرگۈزدى ۋە بلوگگىرلارغا تەشۋىق قىلىندى. بۇ جەھەتتە ھەمكارلاشقان ئاتەش گۈزەل-سەنئەت بلوگىغا ئالاھىدە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. يەنە بىر زور خۇشاللىق ئىش www.ulinix.cn ئۇلىنىش تورى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى بلوگ سەھىپىسىنى قۇردى ۋە بىر قانچە بلوگلار تەستىقتىن ئۆتتى. بۇ ھەممە بلوگگىرلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىش ئەلۋەتتە. بۇ قاتاردا چەۋەندازلار بلوگىمۇ بىر كىشلىك ئورۇنغا ئېرىشتى. 3- قېتىملىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ مول بولۇپ سىزنى چەۋەندازلار بلوگى بىلەن چوڭقۇر تونۇش ھاسىل قىلدۇرىدۇ. قېنى دىققىتىڭلار سەرخىل مەزمۇنلاردا بولسۇن!