-
2010-08-29
چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-3 Qawandazlar uqturushi-3 - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-3
Qawandazlar uqturushi-3
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار. چەۋەندازلار بلوگىدىن ھەممىڭلارنىڭ رامىزان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن! چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ھەر ئايدا ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان چەۋەندازلار ئۇقتۇرشىغا ئىشتىراك قىلىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. چەۋەندازلار بلوگى بۇ بىر چەۋەندازلار ئېيىدا(ھەر ئاينىڭ 29-كۈنىدىن كىلەركى ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە) ئۆزىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئۇتۇقلىرىنى قولغا كەلتۈردى. ‹‹تىز ئۇلاش›› دىتالىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم بلوگباس بلوگ سۇپىسىدىكى چەۋەندازلار بلوگىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ‹‹تىز ئۇلاش›› دىتالىغا كىرگۈزدى ۋە بلوگگىرلارغا تەشۋىق قىلىندى. بۇ جەھەتتە ھەمكارلاشقان ئاتەش گۈزەل-سەنئەت بلوگىغا ئالاھىدە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. يەنە بىر زور خۇشاللىق ئىش www.ulinix.cn ئۇلىنىش تورى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى بلوگ سەھىپىسىنى قۇردى ۋە بىر قانچە بلوگلار تەستىقتىن ئۆتتى. بۇ ھەممە بلوگگىرلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىش ئەلۋەتتە. بۇ قاتاردا چەۋەندازلار بلوگىمۇ بىر كىشلىك ئورۇنغا ئېرىشتى. 3- قېتىملىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ مول بولۇپ سىزنى چەۋەندازلار بلوگى بىلەن چوڭقۇر تونۇش ھاسىل قىلدۇرىدۇ. قېنى دىققىتىڭلار سەرخىل مەزمۇنلاردا بولسۇن!
چەۋەندازلار بلوگى بۇ بىر چەۋەندازلار ئېيى ئىچىدە ئۆزىنىڭ قەدىمىنى پۇختا ئېلىپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ۋە بىرقىسىم تور بىكەت ۋە بلوگلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورىناتتى. بەزەن بلوگلارنىڭ تېخىنىكىلىق مەسىلىلىرى ھەل قىلىنىپ بلوگگىرلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
يۇقىرىدىكىلىرى دوستانە مۇناسىۋەت ئورىناتقان تور بىكەت ۋە بلوگلار
تور بىكەتلەر
بلوگلار
يۇقارقى تور بىكەت ۋە بلوگلارغا چەۋەندازلار بلوگى زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ ۋە ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ!
ئەمدى دىققىتىڭىز بلوگنىڭ بىر قىسىم ئىچكى ئارخىپلىرىدا بولسۇن!
چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغان 2 يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئالدىنقى 10 ئۇلىنىش
بلوگدىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلار قاتارى
ئەڭ يىڭى 10 ئىزدەش ئارقىلىق كىرگەن ھالقىلىق سۆز
ئالدىنقى قېتىملىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىلىرىدا بلوگباس ئۆزى تەمىنلىگەن سانىغۇچنىڭ ياخشى ۋە تولۇق ئەمەسلىكى كۆرسىتىلگەنىدى. يۇقىرىدىكىسى چەۋەندازلار بلوگى ئۆزى ئورىناتقان سىتاستىكا تور بىكىتىنىڭ تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلىرى
تۆۋەندىكىسى ئۈنۋېرسال كۆرسەتكۈچى
بۇ ئايلىق ئومومىي ئىستاستىكا ئەھۋالى
سانىغۇچنى ئورىناتقان 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن ھازىرغىچە بولغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن زىيارەتچىلەر كۆرسەتكۈچى
سانىغۇچنى ئورىناتقان 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن ھازىرغىچە بولغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن زىيارەتچىلەر نىسبىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇنم رايونىدىكى چەۋەندازلار بلوگىنىڭ زىيارەت ئەھۋالى (2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن ھازىرغىچە)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن باشقا ئاپتونۇم رايون،ئۆلكە،شەھەردىكى ئالدىنقى 3 رايوندىكى چەۋەندازلار بلوگىنىڭ زىيارەت ئەھۋالى (2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن ھازىرغىچە)
چەۋەندازلار بلوگى يەنىلا نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ۋە بلوگگىرلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە مۇھتاج. چەۋەندازلار بلوگىنىڭ تەرەققىياتى ھەممىمىزنىڭ تەكلىپ-پىكىرى ۋە قوللىشى ئارقىلىق تېخىمۇ راۋاجلانغۇسى!
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
评论
سىز تەۋسىيە قىلغان دېتالنى چۈشۈردۈم بىراق قاچىلىغىلى بولمىدى، چۈنكى كومپىيوتېرىمنىڭ سەل كاشىلىسى كۆرۈلگەن ئوڭشىۋېلىپ ئاندىن ئورنىتاي.
مەن بۇ دىتالنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورۇنغا ئالاھىتەن دۇنياقارا،تارىم،يۈكسەل قاتارلىق بلوگلارنىڭمۇ چوقۇم كىرگۈزىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتۈم. دىتال ئىشلەپ چىقارغۇچىمۇ تەكلىپىمنى قوبۇل ئەتتى. سىزنىڭ تېزراق ئالاقىلىشىپ بلوگ ئىسمىڭىز ۋە تۇغ ئادرىسىنى يوللاپ قويسىڭىز تېزلا تەستىقتىن ئۆتۈشىگە ئىشىنىمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم،چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
مۇشۇ تېمىنى يوللاۋاتقان ۋاقىتتا بلوگباستا مۇشىنىڭغا ئوخشاش خاتالىق كېلىپ كۆرۈلگەنىدى. <<تىز ئۇلاش دىتالىغا بلوگىڭىزنى قوشىۋېلىڭ!>> يەنە مۇشۇ تېمىمۇ شۇنداققۇ دەيمەن. شۇ ۋاقىتتا IE دا نورمال كۆرسىتەلمەي تولا ئۆزگەرتىپ ئاخىرى نورمال چىقىدىغان بولدى. كېيىن بۇنداق ئىش يۈزبەرمەيدىغان بولدى.