•  

    http://chewendazlar.com

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ ھېرىسمەنلىرى! چەۋەندازلار بىلوگى ئۇدا نەچچە ئاي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يېڭى سېپىلىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە مۇستەقىل نامدا چەۋەندازلار بىلوگىنى قۇرۇپ چىقتى. چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ كونا سېپىلىدىكى تېمىلار ۋە ئىنكاسلار غەلبىلىك ھالدا يۆتكەپ كېلىندى. ۋە ئىلگىرىكى بىر قىسىم تېمىلار سېپىل كۆچۈش سەۋەبىدىن قىسقارتىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى ۋە مۇشۇ جەرياندا تورداشلارنىڭ بىر قىسىم قىممەتلىك پىكىر-ئىنكاسلىرى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىپ قالدى. چەۋەندازلار بۇ سەۋەبدىن بارلىق تورداشلاردىن چوڭقۇر ئەپۇ سورايدۇ. ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ خالىسا بارلىق ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا زاپاسلاپ ۋە ساقلاپ مېڭىشقا ۋەدە بېرىدۇ. ئۇنداقتا يېڭى سېپىلغا مەرھەمەت قىلىڭ!

  • 点击查看下一张 

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنىڭ چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-12 گە ئىشتىراك قىلىشىڭىزلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن! چەۋەندازلار بىلوگى بۇندىن بىر يىل بۇرۇن چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى. مانا بۈگۈن 12-سانىنى يوللاپ تورداشلار بىلەن بىرگە چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سېلىپ ئولتۇرماقتىمىز. بۇ بىر يىللىق ساندا چەۋەندازلار بىلوگى ئىزچىل تۈردە تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. چەۋەندازلار بىلوگى يېقىندا ئۆزىنىڭ چوڭ بىر قەدىمىنى ئېلىپ تەرەققىيات قەدىمىنى تىزلەتمەكچى. ھەمدە چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى مۇشۇ سان بىلەن تامام. ئۇنداق بولسا تورداشلارنىڭ بۇ سانلىق ئومۇمىي خۇلاسىلىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-12گە نەزەر سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • 点击查看下一张

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنى چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-11>> غا تەكلىپ قىلىمەن. چەۋەندازلار بىلوگى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر بىلوگلىرى ئارىسىدا رەسمىي ھالدا قەرەللىك ھالدا ئۆز بىلوگىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن ۋە ئىچكى ئەھۋالىدىن تورداشلارنى خەۋەردار قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ھەر ئاينىڭ 29-كۈنى چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلىپ كەلدى. 2-ئاي 28 كۈنلۈك ئاي بولغانلىقىتىن يوللانمىدى. بۇ بىر چەۋەندازلار ئېيىدا چەۋەندازلار بىلوگى ئىزچىل ھالدا تىرىشىپ ئۆزىنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات قەدىمى ئۈچۈن ئىزدىنىپ كەلدى. پات ئارىدا ئاللاھ نىسىپ قىلسا تېخىمۇ زور تىرىشچانلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ يېڭىچە شەكىلدە تورداشلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولغۇسى! ئۇنداق بولسا بۇ قېتىملىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىنىڭ نادىر مەزمۇنلىرىدىن بەھىرلەنگەيسىزلەر!

     

     

  • 点击查看下一张

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنىڭ 10- قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى>>غا ئىشتىراك قىلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. چەۋەندازلار بىلوگى قۇرۇلۇپ 3 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە بلوگباس سۇپىسىدا ئۆزىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى بېسىپ كەلدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئۆتتى ۋە تورداشلارنىڭ، بىلوگگىرلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلدى. بۇ جەرياندا چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىگە خاس قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەپ تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. ھەمدە خەلقىمىز ياقتۇرغان بىلوگلارنىڭ بىرى بولدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ ئايلىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى يېقىندىن بۇيان چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ يەنى بلوگباس سۇپىسىنىڭ سۇۋىشى سەۋەبىدىن زىيارەت ئېقىم مىقدارى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا سەل تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. چەۋەندازلار بىلوگى مەيلى زىيارەت قېتىم سانى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۈزلۈلدۈرمەي ھالدا ئۆزىنىڭ <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى>>نى ئېلان قىلىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشىدىن چەۋەندازلار بلوگىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالايسىز دەپ قارايمەن. ئۇنداقتا نەزىرىڭىزلار <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-10>>دا بولسۇن!

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنىڭ 7- قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>غا ئىشتىراك قىلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. چەۋەندازلار بلوگى ئالدىنقى بىر چەۋەندازلار ئېيىدا ئۆزىنىڭ بلوگ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەمنى بېسىپ 2010-يىللىق<<ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگىنى باھالاش پائالىيىتى>> گە قاتنىشىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا <<2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ>>نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. بۇ نەتىجە ئەلۋەتتە نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چەۋەندازلار بلوگى بۇ بىر ئايدا ياخشى بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ قېتىمقى <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>نىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ ئوخشاشلا ھەم سىزنى قايىل قىلغۇسى! قېنى ئەمسە نەزىرىڭىزلار <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى-8>>دە بولسۇن!


  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنىڭ 7- قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>غا ئىشتىراك قىلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. ئۆتكەن بىر چەۋەندازلار ئېيىدا چەۋەندازلار بلوگى زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەمدە ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم تارقاتقان <<كۆك چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىنى تارقاتتى. ئوخشاشلا ھەم بۇ ئايدا چەۋەندازلار بلوگى زور ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. دەل مۇشۇ ئايدا چەۋەندازلار بلوگى ئىلگىرى ئىشلىتىپ كەلگەن رەسىم يوللاش توربىكىتىدىكى ھېساباتىدىن چاتاق چىقىپ بلوگ يۈزىدىكى رەسىملەر پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا كېلىپ قالدى. 30 سائەتكە يېقىن ئۈزۈلدۈرمەي تىرىشىش ئارقىلىق تېزلا بلوگىنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بەزەن رەسىملەرنى زاپاسلىۋالمىغانلىقىم تۈپەيلى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قېيىنغا توختىدى. ھازىر ئاساسەن بلوگ يۈزى نورمال ھالەتكە قايتىپ كەلدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>مۇ سىزلەرنى قايىل قىلدۇرغۇسى! قېنى ئەمسە نەزىرىڭلار <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى-7>> دە بولسۇن!

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! چەۋەندازلار بلوگى بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئىشلىتىپ كەلگەن ئۇسلۇبى <<كۆك چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىنىڭ يېڭى نەشىرىنى تارقاتماقچى. مەزكۇر ئۇسلۇبنى مەن بەت يۈزىنىڭ پاكىزلىقى ۋە ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ ياخشىلىقى ۋە رەڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۇزۇندىن بېرى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇسلۇب ئىدى. بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىش جەريانىدا خېلى كۆپ بلوگگىرلار بۇ ئۇسلۇبنى ئەۋەتىپ بېرىشنى ئېيىتقان ئىدى. بۈگۈن بۇ ئۇسلۇبنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ھازىر بلوگگىرلار ياقتۇرىدىغان ۋە ئاساسلىق ئېقىم بولغان ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ يوللىنىلدى. ھەمدە <<كۆك چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىنىڭ يېڭى نەشىرىگە ھازىر چەۋەندازلار بلوگى ئىشلىتىۋاتقان <<كۆكتىكى چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىدىكى ئالاھىدىلىكلەر قوشۇلغان بولۇپ سىزنىڭ ئۇسلۇبقا بولغان تەلىپىڭىزدىن تولۇق چىقالايدۇ.

     



  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار. چەۋەندازلار بلوگىنىڭ 6-قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>غا دىققەت قىلىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>> ئۇدا 6 نۆۋەت ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. ھەمدە بۈگۈنكى كۈندە چەۋەندازلار بلوگى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا 30مىڭلىق ئۆتكەلدىن بېسىپ ئۆتتى. بۇ ئەلۋەتتە تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە مەدىتىدىن كەلگەن نەتىجە ئەلۋەتتە. بۇ بىر چەۋەندازلار ئېيىدا چەۋەندازلار بلوگى گەرچە بلوگباس سۇپىسىدىن كاشىلا چىققان بولسىمۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆزىنىڭ قەدىمىنى تىزلىتىپ تەرەققىيات سۈرىتىنى ساقلاپ كەلدى. بۇ قېتىمقى <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى-6>>دە چەۋەندازلار بلوگى ئۆزى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئورىناتقان چەتئەلنىڭ IP خاتېرلىگۈچىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ ھەم ئاشكارىلىماقچى. سىلەرنىڭ نەزىرىڭلارنى سېلىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ قېتىمقى <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>نىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ ئوخشاشلا ھەم سىزنى قايىل قىلغۇسى! قېنى ئەمسە نەزىرىڭىزلار <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى-6>>دە بولسۇن!

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغان 3 يىلدىن بېرى نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ،بلوگگىرلارنىڭ قوللاپ قوۋۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلدى. چەۋەندازلار بلوگى ئۇزۇندىن بېرى ئۆزى ئىشلىتىپ كەلگەن ئىلگىرىكى <<كۆك چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇپ 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10- كۈنى رەسمىي ھالدا ئۆزى مۇستەقىل تەرجىمە قىلىپ گۈزەللەشتۈرگەن <<كۆكتىكى چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئالاھىدىلىكى بەت يۈزى كەڭ ھەم ئازادە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بلوگباس ئىلگىرى ئۆزلىرى تەمىنلەيدىغان بەزەن بۆلەكلىرى چىقىرىۋېتىلگەن ھەمدە بىر قىسىم ئۈنۈملەر قوشۇلغان دېيىشكە بولىدۇ. مەن بۇ جەرياندا دۇنياقارا بلوگى تارقاتقان <<بلوگباسنى ئىشلىتىش قوللانمىسى>> ۋە پرېستان ئەپەندىنىڭ 4 قىسىملىق سۆرەتلىك دەرسلىكىدىن پايدىلىنىپ ۋە ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ توپلىغان تەجىربىلىرىمگە تايىنىپ تەرجىمە قىلىپ چىقتىم ۋە ئۇنى ماس ھالدا گۈزەللەشتۈرۈپ چىقتىم. بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق چەۋەندازلار بلوگىنىڭ <<كۆكتىكى چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا پۈتتۈرۈپ چىقىلدى. بۇ جەرياندا بلوگنىڭ باش قىسمىدىكى سۆرەتنىڭ ئورنىنى تەڭشەشكە ياردەم بەرگەن پرېستان ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

    تۆۋەندە بۇ قېتىملىق <<كۆكتىكى چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.

     


  •      ئەسسالامۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بۈگۈن 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىق كاتتا تەنتەنە كۈنى. بۈگۈنكىدەك چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلۇپ 3 يىل بولغان قۇتلۇق كۈندە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى يېرىدىن زىيارەت قىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ ئالىي ئېھتىرامىنى بىلدۈرىدۇ! چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ 3 يىللىق مۇساپىسىدە نۇرغۇنلىغان ئەگرى توقايلىقنى بېسىپ ئۆتتى. نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە مەدىتىگە ئېرىشىپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەۋەندازلار بلوگى پۈتۈن تورداشلارغا ئۆزىنىڭ ئالىي سالىمىنى يوللايدۇ ۋە بارلىق تورداشلارغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ! چەۋەندازلار بلوگى ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ يولىدا توغرا ۋە مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەپ كەلدى. بۇ ئىلگىرلەش ۋە مۇۋاپپىقىيەتلەرنى ئەلۋەتتە تورداشلارنىڭ ۋە بلوگگىرلارنىڭ قىزغىن مەدىتى، ياردىمى ۋە قوللىشى ئارقىلىق قولغا كەلتۈردى ئەلۋەتتە. بۇ جەرياندا چەۋەندازلار بلوگى بىلەن ھەمكارلىق ۋە دوستانە مۇناسىۋەت ئورىناتقان تور بىكەت ۋە بلوگىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15  ۋە 66 بولۇپ (يۇقاردىكىسى پەقەت چەۋەندازلار بلوگىدىكى دوستانە ئۇلىنىش قاتارىدىكى بلوگلارنى كۆرسىتىدۇ) بۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەش ئىلگىرى سۈرۈلدى. چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ مۇساپىسىدە كىچىكلىكتىن زورىيىپ كۈندىلىك ئېقىم مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بلوگلار قاتاردىن ئورۇن ئالدى ھەمدە بۇ جەرياندا ھەرخىل تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە ئۇچرىغان بلوگگىرلارغا ئۆزىنىڭ ياردىمىنى بېرىپ كەلدى. چەۋەندازلار بلوگى بارلىق يېڭى ۋە قابىل بلوگگىرلارغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ!

    چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغان 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇيغۇر بلوگىلىرى ئارىسىدا تۇنجى نۆۋەت ئۆزىنىڭ ھەر ئايلىق زىيارەت ئەھۋالى ۋە ئومۇمىي ئەھۋالىدىن پۈتۈن تورداشلارنى قەرەللىك ھالدا ئورتاق خەۋەرلەندۈرۈپ ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ھەربىر قەدىمىنى پۈتۈن تورداشلار بىلەن بىللە بېسىش ئىستىراتىگىيىسىنى قوللاندى. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ يېڭىلىققا ئۆزىنىڭ قوللاش ۋە تەبرىكلەش تىلەكلىرىنى يوللاپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەۋەندازلار بلوگىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق تورداشلار ۋە بلوگگىرلارغا چەۋەندازلار بلوگى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ ۋە تەشەككۈر ئېيتىدۇ!