-
2010-11-10
چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ! !Qawandazlar Sizge Hemrah - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
!Qawandazlar Sizge Hemrah
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغان 3 يىلدىن بېرى نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ،بلوگگىرلارنىڭ قوللاپ قوۋۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلدى. چەۋەندازلار بلوگى ئۇزۇندىن بېرى ئۆزى ئىشلىتىپ كەلگەن ئىلگىرىكى <<كۆك چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇپ 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10- كۈنى رەسمىي ھالدا ئۆزى مۇستەقىل تەرجىمە قىلىپ گۈزەللەشتۈرگەن <<كۆكتىكى چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئالاھىدىلىكى بەت يۈزى كەڭ ھەم ئازادە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بلوگباس ئىلگىرى ئۆزلىرى تەمىنلەيدىغان بەزەن بۆلەكلىرى چىقىرىۋېتىلگەن ھەمدە بىر قىسىم ئۈنۈملەر قوشۇلغان دېيىشكە بولىدۇ. مەن بۇ جەرياندا دۇنياقارا بلوگى تارقاتقان <<بلوگباسنى ئىشلىتىش قوللانمىسى>> ۋە پرېستان ئەپەندىنىڭ 4 قىسىملىق سۆرەتلىك دەرسلىكىدىن پايدىلىنىپ ۋە ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ توپلىغان تەجىربىلىرىمگە تايىنىپ تەرجىمە قىلىپ چىقتىم ۋە ئۇنى ماس ھالدا گۈزەللەشتۈرۈپ چىقتىم. بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق چەۋەندازلار بلوگىنىڭ <<كۆكتىكى چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا پۈتتۈرۈپ چىقىلدى. بۇ جەرياندا بلوگنىڭ باش قىسمىدىكى سۆرەتنىڭ ئورنىنى تەڭشەشكە ياردەم بەرگەن پرېستان ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
تۆۋەندە بۇ قېتىملىق <<كۆكتىكى چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.
1. بلوگنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى رەسىم
بلوگنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى رەسىم بولسا چەۋەندازلار بلوگىنىڭ تىپىك خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، ئوتتۇرسىدىكى غۇۋا رەسىم دىيارىمىزدا بايقالغان قەدىمكى قىياتاش رەسىمىدىكى چەۋەندازلارنىڭ رەسىمى بولۇپ بلوگ خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى، ئىككى ياندىكى رەسىم بولسا كۈچلۈك دەۋىرچانلىققا ۋە جەڭگىۋارلىققا ئىگە قىلىندى.2. سەھىپە كۆرسەتكۈچى
سەھىپە كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق سىز بىۋاستە ھالدا چەۋەندازلار بلوگىنىڭ نوقتىلىق سەھىپىلىرىگە كىرەلەيسىز. سەھىپىگە ئورىناتقان ھەربىر رەسىملەرمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ چىقىلغان ۋە تەھرىرلەپ چىقىلغان رەسىملەر بولۇپ سىزگە ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالايدۇ. بۇ قېتىملىق ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلىدىكى <<ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش>> سەھىپىسى <<چەۋەندازلار كۈتۈبخانىسى>> قىلىپ ئۆزگەرتىلدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ھەرخىل ئېلكىتابلار يوللىنىدۇ ۋە نەشىردىن چىققان بىر قىسىم كىتابلار تونۇشتۇرۇلۇپ چىقىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە <<تىل باغچىسى>> سەھىپىسى قۇرۇلدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئانا تىلىمىز-ئۇيغۇر تىلىغا ۋە باشقا تىللارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل يازمىلار يوللىنىدۇ.
3. زىيارەت كۆرسەتكۈچى
ئەسلىدىكى زىيارەت كۆرسەتكۈچىسى يەنى تولۇق ئوقۇش قېتىم سانىنى چىقىرىدىغان كودتىكى خەت بىلەن ئىپادىلەش شەكلىنى مۇۋاپىق بولغان رەسىملىك شەكىلگە ئايلاندۇرۇلدى.4. تېمىنى ھەرقايسى تور بىكەتلەردە ساقلاش ئىقتىدارى
دىققەت قىلغان بولسىڭىز ھەربىر تېمىنىڭ ئاستىغا بىر كىچىك بەلگە قىستۇرۇلغان بولۇپ سىز بۇ بەلگە ئارقىلىق سىزگە يارىغان تېمىنى ساقلاش مەشغۇلاتىنى قىلالايسىز بۇ بەھىرلىنىش (分享) مەشغۇلاتىغا ئوخشاش بولۇپ مەكتەپداشلار تورى (人人网)، گوگىل، Facebook، بەيدۇ، ياھۇ، Delicious ، سىنا، QQ قاتارلىق 26 توربىكەتتە ساقلىغىلى بولىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر بىكەتنى تەمىنلىگەن تارىم بلوگىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىلىدۇ.5. ھەرخىل رەسىملەر بلوگنىڭ ماس جايلىرىغا ئالماشتۇرۇلدى
ئىنكاس ۋە جاۋاب دىگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا پرېستان ئەپەندى تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبلاردىكى رەسىملەرگە ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىق رەسىملەرگە ئالماشتۇرۇلدى. ھەمدە تېمىنىڭ يوللانغا ۋاقتىنى كۆرسىتىدىغان ئورۇنغا مۇۋاپىق رەسىم ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزەن يەرلەرگىمۇ مۇۋاپىق رەسىملەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.ئەلۋەتتە بۇ نەتىجىلەر مېنىڭلا نەتىجەم ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىۋاتقان بارلىق تىرىشچانلىق روھى ۋە ئىزدىنىش روھىغا باي بلوگگىرلارنىڭمۇ ھەم نەتىجىسىدۇر!
بەلكىم <<كۆكتىكى چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىدا بەزەن يىتەرسىزلىكلەر ساقلانغان بولىشى مۇمكىن. تورداشلارنىڭ بۇنداق مەسىلىلەرگە تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتۇپ تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. چەۋەندازلار بلوگى تورداشلارنىڭ ھەربىر ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيدۇ!
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
评论
بىراق،ئوت تۈلكە،IE6لەردە چوڭ مەسىلە كۆرۈلدى.
تىرىشچانلىقلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي، قىرىندىشىم.