-
2010-12-08
كۆك چەۋەندازلار ئۇسلۇبىنىڭ يېڭى نەشىرى تارقىتىلىدۇ! !Kök Qawandazlar" Uslubining Yéngi Neshiri Tarqitilidu" - [بلوگ بىلىملىرى]
كۆك چەۋەندازلار ئۇسلۇبىنىڭ يېڭى نەشىرى تارقىتىلىدۇ!
!Kök Qawandazlar Uslubining Yéngi Neshiri Tarqitiliduئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! چەۋەندازلار بلوگى بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئىشلىتىپ كەلگەن ئۇسلۇبى <<كۆك چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىنىڭ يېڭى نەشىرىنى تارقاتماقچى. مەزكۇر ئۇسلۇبنى مەن بەت يۈزىنىڭ پاكىزلىقى ۋە ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ ياخشىلىقى ۋە رەڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۇزۇندىن بېرى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇسلۇب ئىدى. بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىش جەريانىدا خېلى كۆپ بلوگگىرلار بۇ ئۇسلۇبنى ئەۋەتىپ بېرىشنى ئېيىتقان ئىدى. بۈگۈن بۇ ئۇسلۇبنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ھازىر بلوگگىرلار ياقتۇرىدىغان ۋە ئاساسلىق ئېقىم بولغان ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ يوللىنىلدى. ھەمدە <<كۆك چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىنىڭ يېڭى نەشىرىگە ھازىر چەۋەندازلار بلوگى ئىشلىتىۋاتقان <<كۆكتىكى چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىدىكى ئالاھىدىلىكلەر قوشۇلغان بولۇپ سىزنىڭ ئۇسلۇبقا بولغان تەلىپىڭىزدىن تولۇق چىقالايدۇ.
تۆۋەندە <<كۆك چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبى يېڭى نەشىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇرۇپ چىقىمەن.
1. بلوگ قېشىدىكى ئەسلىدىكى كۆك رەڭلىك تەگلىكنىڭ ئورنىغا رەسىملىك تەگلىك ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ ئۆز ئېھتىياجىڭىز بويىچە تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ (بلوگ قېشىدىكى بلوگنىڭ نامى چىقىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن بولۇپ ئەگەر يوق قىلماقچى بولسا ياردەملىشىپ تەڭشىلىپ بېرىلىدۇ).
2. بلوگ يازما ئاستىدىكى بىر قاتار تەڭشەكلەر قايتىدىن تەڭشىلىپ زىيارەت قىسمىغا مۇۋاپپىق رەسىم ئالماشتۇرۇلدى، يازمىغا تېمىنى ساقلاش يەنى ھەمبەھىرلىنىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ سىز بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق مەكتەپداشلار تورى (人人网)، گوگىل، Facebook، بەيدۇ، ياھۇ، Delicious ، سىنا، QQ قاتارلىق 26 توربىكەتتە يازمىنى ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولالايسىز. ھەمدە ئىنكاس ۋە جاۋاب رايونىغا مۇۋاپىق بولغان ICON رەسىملەرگە ئالماشتۇرۇلدى.
بۇ ئىككى چوڭ تۈرگە يىغىنچاقلانغان ئالاھىدىلىك ئارقىلىق ئۇسلۇب بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ھاسىل قىلالىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.
تۆۋەندىكىسى ئۇسلۇبنىڭ كۆرۈنىشى
چەۋەندازلار بلوگى تارقاتقان بۇ <<كۆك چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىدا بەلكىم بەزەن يىتەرسىزلىكلەر بولىشى مۇمكىن. بايقىغۇچىلارنىڭ سەمىمىي ئەسكەرتىش بېرىشىنى ۋە تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
收藏到:Del.icio.us
评论