• 2010-10-29

    چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز! Qawandazlar Blogining Qurulghanliqining 3 Yilliqini Qutluqlaymiz! - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]

    چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز!

    Qawandazlar Blogi Qurulghanliqining 3 Yilliqini Qutluqlaymiz!


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بۈگۈن 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىق كاتتا تەنتەنە كۈنى. بۈگۈنكىدەك چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلۇپ 3 يىل بولغان قۇتلۇق كۈندە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى يېرىدىن زىيارەت قىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ ئالىي ئېھتىرامىنى بىلدۈرىدۇ! چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ 3 يىللىق مۇساپىسىدە نۇرغۇنلىغان ئەگرى توقايلىقنى بېسىپ ئۆتتى. نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە مەدىتىگە ئېرىشىپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەۋەندازلار بلوگى پۈتۈن تورداشلارغا ئۆزىنىڭ ئالىي سالىمىنى يوللايدۇ ۋە بارلىق تورداشلارغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ! چەۋەندازلار بلوگى ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ يولىدا توغرا ۋە مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەپ كەلدى. بۇ ئىلگىرلەش ۋە مۇۋاپپىقىيەتلەرنى ئەلۋەتتە تورداشلارنىڭ ۋە بلوگگىرلارنىڭ قىزغىن مەدىتى، ياردىمى ۋە قوللىشى ئارقىلىق قولغا كەلتۈردى ئەلۋەتتە. بۇ جەرياندا چەۋەندازلار بلوگى بىلەن ھەمكارلىق ۋە دوستانە مۇناسىۋەت ئورىناتقان تور بىكەت ۋە بلوگىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15  ۋە 66 بولۇپ (يۇقاردىكىسى پەقەت چەۋەندازلار بلوگىدىكى دوستانە ئۇلىنىش قاتارىدىكى بلوگلارنى كۆرسىتىدۇ) بۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەش ئىلگىرى سۈرۈلدى. چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ مۇساپىسىدە كىچىكلىكتىن زورىيىپ كۈندىلىك ئېقىم مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بلوگلار قاتاردىن ئورۇن ئالدى ھەمدە بۇ جەرياندا ھەرخىل تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە ئۇچرىغان بلوگگىرلارغا ئۆزىنىڭ ياردىمىنى بېرىپ كەلدى. چەۋەندازلار بلوگى بارلىق يېڭى ۋە قابىل بلوگگىرلارغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ!

     

     

    چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغان 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇيغۇر بلوگىلىرى ئارىسىدا تۇنجى نۆۋەت ئۆزىنىڭ ھەر ئايلىق زىيارەت ئەھۋالى ۋە ئومۇمىي ئەھۋالىدىن پۈتۈن تورداشلارنى قەرەللىك ھالدا ئورتاق خەۋەرلەندۈرۈپ ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ھەربىر قەدىمىنى پۈتۈن تورداشلار بىلەن بىللە بېسىش ئىستىراتىگىيىسىنى قوللاندى. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ يېڭىلىققا ئۆزىنىڭ قوللاش ۋە تەبرىكلەش تىلەكلىرىنى يوللاپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەۋەندازلار بلوگىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق تورداشلار ۋە بلوگگىرلارغا چەۋەندازلار بلوگى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ ۋە تەشەككۈر ئېيتىدۇ!

     

     

    مەزكۇر يوللانما يەنىلا 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ھەر ئاينىڭ 29-كۈنىدىن كېيىنكى ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان بىر ئاي ۋاقىتتا يەنى  قىسقارتىلىپ بىر چەۋەندازلار ئېيىدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>نى بىللە ئېلىپ بارماقچى يۇقارقىلىرى چەۋەندازلار بلوگىنىڭ <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى-5>> بولۇپ تورداشلارنىڭ ھوزورىغا سونۇلدى. بۇ قېتىمقىسى چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئومومىي يۈزلۈك سىتاستىكا ئارخىبىنىڭ ئاشكارلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     

    يۇقاردىكىسى بلوگ ئۆزى ئورىناتقان ئستستىكا تور بىتىنىڭ تەمىنلىگەن سانلىق ئامبىرى. 

    تۆۋەندىكىسى ئۈنۋېرسال كۆرسەتكۈچى

    بۇ ئايلىق ئومومىي ئىستاستىكا ئەھۋالى

     

     

    2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان  زىيارە قىلىنغان تور بىكەتلەر ئىچىدىكى ئالدىنقى 30 ئۇلىنىش



    2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئاپتونۇم رايون، ئۆلكە، شەھەرلەردىن كىرگەن ئالدىنقى 10 رايون

     

     2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت،ئوبلاست، شەھەرلەردىن كىرگەن ئالدىنقى ئون رايون

     

    2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كىرگەن زىيارەتچىكلەر كۆرسەتكۈچى

     

    2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان چەۋەندازلار بلوگىنى ھالقىلىق سۆز ئارقىلىق ئىزدەپ كۆرگەن ئىزدەش ماتورلىرى كۆرسەتكۈچى

      

    2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان چەۋەندازلار بلوگى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ئېكران ئېنىقلىق پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى كۆرسەتكۈچى

     

     2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان چەۋەندازلار بلوگى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ئىشلەتكەن تور كۆرگۈچ كۆرسەتكۈچى

     

    2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان چەۋەندازلار بلوگى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ئىشلەتكەن مەشغۇلات سېستىمىسى كۆرسەتكۈچىسى

     

    2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان چەۋەندازلار بلوگى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ئىشلەتكەن مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ تىل ئايرىمىسى كۆرسەتكۈچىسى

     

     

    2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان چەۋەندازلار بلوگى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ جىنىس ئايرىمىسى كۆرسەتكۈچى

     

     2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان چەۋەندازلار بلوگى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ياش ئايرىمىسى كۆرسەتكۈچىسى

     

     

    2009-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان چەۋەندازلار بلوگى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى كۆرسەتكۈچىسى

     چەۋەندازلار بلوگىنىڭ بۇ كۆرسەتكۈچىلىرى ئارقىلىق سىز تېخىمۇ يۇقىرى ھالدا چۈشەنچە ھاسىل قىلالايسىز. ئىشىنىمىزكى چەۋەندازلار بلوگى كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگۈسى. تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىنىدۇ. چەۋەندازلار بلوگى بارلىق تورداشلارنىڭ ۋە بلوگگىرلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە مەدىتىگە مۇھتاج. چەۋەندازلار بلوگىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى!


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • كۆپ ئەجىر قىلىۋاتىسىز،ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن.(ئۇقتۇرۇشتىن كېچىكىپ خەۋەر تاپساممۇ كېلىۋەردىم.)
    回复گېنېرال说:
    گېنېرال ئەپەندىنىڭ قەدىمىگە مەرھابا! سىزنىڭ تىلەكلىرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر! بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! مەيلى ھازىر تەبرىكلىسىڭىزمۇ ئوخشاشلا كۆڭلىڭىز تېگىل بولدى قېرىندىشىم. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-11-10 15:13:04
  • چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلەيمەن !!! بولسا ئېگىلىك تىكلەش توغرىسىدىمۇ يازمىلارنى كۆپرەك يېزىلسا دېگەن ئۈمۈدتە مەن !!!
    回复كارۋان بلوگى说:
    سىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر قېرىندىشىم. بۇنىڭدىن كېيىن ئامال بار مۇشۇ تېما توغرىسىدا يوللانمىلار يوللاشقا تىرىشىمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-11-04 16:25:36
  • بەك ئالدىراش بۇلۇپ كىتىپ،ۋاختىدا تەبرىكلىيەلمەي قالدىم. مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشىم،قۇت بولسۇن بىلوگىڭىزغا، تىرىشچانلىقىڭىز بىلەن ئۈچ يىلنى تامام قىلىپسىز،تېخىمۇ زور شان-شەرەپ سىزگە يار بولغاي.
    回复ھونزادە 说:
    ھونزادە ئەپەندىنىڭ تەبرىكلىرىگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر. بۇ ئۈچ يىلنى بېسىشمۇ ئوڭايغا چۈشمىدى. چەۋەندازلار بلوگى تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ھەمكارلىقىمىز راۋاجلانغاي! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-11-04 16:23:19
  • ئالدىراشچىلىقتا ماۋۇ قۇتلۇق ئىشتىن خەۋەرسىز قالغىلى تاس قاپتىمەنغۇ. چەۋەندازلار بلوگىنىڭ 3 ياشقا كىرگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
    回复تارىم说:
    تارىم ئەپەندىنىڭ چەۋەندازلار بلوگىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى قۇتلۇقلاپ كەلگىنىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر قېرىندىشىم. ھەمكارلىقىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-11-03 14:29:10
  • بارخان تۇراسىدىن تەبرىكنامە!!!!مەن چەۋەندازلار بلوگى بىلەن تۇنۇشقىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ بۇ بلوگنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ياخشى بولدى.ھارمىغايسىز.!!!!!تايمىغايسىز!!!!
    回复بارخان说:
    بارخان بلوگىنىڭ تەبرىكنامىسىگە ھەقىقەتەنمۇ تەشەككۈر. چەۋەندازلار بلوگى بارخان بلوگى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان بارخان بلوگىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بارخان بلوگىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمۇ ئاز ئەمەس. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! چەۋەندازلار چوقۇم زور تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىدۇ. چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-11-02 00:34:04
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بىلوگىڭىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىلىقىنى تەبرىكلەيمەن ! تىرشىڭ قېرىنىدىشىم .
    回复ئەزىز说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم. سىزنىڭ تەبرىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت! چەۋەندازلار بلوگى سىزگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ. ھەمكارلىقىمىز راۋاجلانسۇن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم،چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-11-01 20:26:12
  • قۇتلۇقلايمەن . تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار سىزگە قۇچاق ئاچسۇن . ئەلگە خىزمەت قىلغان بىر چەۋەنداز بۇلۇپ چىقىڭ .
    回复baydadam说:
    تەلەك ۋە مەدەتلىرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر قېرىندىشىم، چەۋەندازلار بلوگى چوقۇم تىرىشىدۇ. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-11-01 00:09:11
  • چەۋەندازلار بىلوگى ھەقىقەتەن كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشىپتۇ .سىزنى قۇتلۇقلايمەن .
    مىنى ئۇلىنىشقا قوشۇۋالغان بولسىڭىز .
    回复زەردار说:
    سىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم. يېڭىدىن قۇرۇلغان بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! بلوگىڭىز دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇلدى. ھەمكارلىقىمىز راۋاجلانغاي! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-31 16:39:35
  • مۇبارەك بولسۇن. 3 يىل ئۈزۈپ قويماي ماڭدۇرماق ئاسان ئەمەس.
    回复Jeck说:
    2008-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك 10 چوڭ بلوگ شەرىپىگە ئېرىشكەن جىك ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا قۇرۇقلىقىدىن سالام ئېلىپ كەلگىنىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم. بلوگنىڭ يان ستونىدىكى IP خاتىرلىگۈچتىن ئامېرىكىنىڭ پۇلمان (Pullman) دىگەن يېرىدىن كىرگىنىڭىز كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. سىزنىڭ چەتئەلدە تېخىمۇ تىرىشىپ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن! پەقەت ئۈزلۈكسىز تىرىشقاندىلا ئىلگىرلىگىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم،چەۋەندازلار بلوگى سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-30 17:06:56
  • مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشىم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ چەۋەندازلاردەك قاسارەتلىك بۇلۇڭ
    回复پادىشاھ 说:
    پادىشاھ بلوگىنىڭ تەبرىكىگە كۆپ تەشەككۈر. چەۋەندازلار بلوگى پادىشاھ بلوگىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ! سىزنىڭ مەدىتىڭىز چەۋەندازلار بلوگىغا بېرىلگەن زور ئىلھام بولدى. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-30 01:50:39
  • مۇبارەك بولسۇن،سىزگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە بىلوگۇمنى ئۇلىنىشلىرىڭىز قاتارىغا قوشۇلسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن.http://siraj.blogbus.com
    http://filer.blogbus.com/5009156/resource_5009156_1288062490u.gif
    回复شەمسى说:
    سىزنىڭ چەۋەندازلار بلوگىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى مۇبارەكلىگىنىڭىزگە تەشەككۈر قېرىندىشىم. بلوگىڭىز دوستانە ئۇلىنىشلار قاتارىغا قوشۇلدى. ھەمكارلىقىمىز راۋاجلانغاي! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم،چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-30 01:47:15
  • مېھرىشاد بىلوگىنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى ۋە چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئۈچ يىللىق بولغان تەبىرىكنامىسىنى ئېلىپ كەلدىم !!! ھەمكارلىقىمىز راۋاجلانغۇسى!!!! مېھرىشاد بىلوگىدىن - ئۇيكېر
    回复ئۇيكېر说:
    مېھىرشاد بلوگىنىڭ تەبرىكنامىسىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! چەۋەندازلار بلوگى سىزنىڭ بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ! ھەمكارلىقىمىزنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا تىلەكداشمەن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم،چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-30 01:36:47
  • چەۋەندازلار بىلوگى مەن ياقتۇرىدىغان بىلوگلارنىڭ بىرسى ، مەزمۇنىنىڭ تېخىمۇ مول ، رەڭدار ، ئىسىل بۇلىشىغا تىلەكداشمەن ،ھەم شۇنداق بۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن !!
    回复سەيياھ يازمىسى说:
    سەيياھ بلوگىنىڭ تەبرىكلىرىگە ۋە ئۈمۈد-تىلەكلىرىگە كۆپ تەشەككۈر! سەيياھ بلوگىمۇ ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن جەۋلان قىلىۋاتقان بلوگلارنىڭ بىرسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چەۋەندازلار بلوگى تېرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىدۇ. ھەمدە تورداشلارنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدلىرىنى ئورۇنداشقا تېرىشىدۇ. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-30 01:33:44
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بلوگىڭىز قۇرۇلغانلىغىنىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .بولسا ئاز تولا ياردەمدە بولاسىز . ئاخىردا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇغلۇق داۋاملاشقۇسى ...
    回复ئەتتىرگۈل说:
    ئەتىرگۈل خانىمنىڭ تەبىرىكنامە ئەۋەتكىنىگە ۋە تىلىكىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! قانداق قېيىچىلىق بولسا تەڭ ھەل قىلىشىپ كەتسەك بولىدۇ. چەۋەندازلار بلوگى ئەتىرگۈل بلوگىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-29 18:39:54
  • كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى نامىدىن تەبرىكنامە ئەۋەتىلدى. چەۋەندازلار بلوگىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئىستەيمىز، سىتاتىستىكىڭىز ناھايىتى ئەتراپلىق بوپتۇ.
    回复كۆكيال说:
    كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسىنىڭ تەبرىكنامىسىگە كۆپ تەشەككۈر! چەۋەندازلار بلوگى سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى يەنە بىر نادىر ئۇيغۇر تىبابىتى بلوگى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ! ھەمكارلىقىمىز راۋاجلانسۇن قېرىندىشىم. چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-29 18:36:38
  • مەنمۇ بلوگ قۇرغىلى 2 يىل بۇپتۇ ھىچ ئىلگىرلەش يوق بۇمۇ .ئۇزۇمنىڭ بلوگ بىلەن ئانچە كارىم بوممىغانلىقىدىن . مەنمۇ ئەمدى بىرئاز ھەركەت قلاي . كەپتۇرۇڭ . ھەمكارلاشقاندىلا تەرەققىي تاپقىلى بۇلىدۇ .
    回复ئەلەمدار说:
    مەن سىزنىڭ بلوگىڭىزنى تۇنجى قېتىم تور ئەسلىگە كەلگەن ۋاقىتتا بلوگىمغا ئورىناتقان سانىغۇچتىن كۆرۈپ بىلگەن ئىدىم. سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى مەزمۇنلار ئىنتايىن ياخشى ئىكەنتۇق. سىز پەقەت بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزلا تېخىمۇ زور تەرەققىياتلار ۋە ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشەلەيسىز دەپ قارايمەن. چەۋەندازلار بلوگى سىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم،چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-29 18:33:49
  • مۇشۇ نىڭدىن قارىغاندا ئامرىكىدا ئۇيغۇرلىرىمىز خىلى كۆپكەن مەنمۇ پات پات قارىسام ئامرىكىدىن كىرگەن زىيارەت ئەھۋالىنى كۆرەتتىم مۇبارەك بولسۇنسىزنى قۇتلۇقلايمىز
    回复بايلىق说:
    سىزگە كۆپ تەشەككۈر قېرىندىشىم! بىر تېمىدا كۆرۈشۈمچە ئامېرىكلىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار بار دەپ كۆرگەن ئىدىم، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئۇقۇش ۋاستىسى بىلەن تۇرىۋاتقانلار ئىكەن. ئەگەر بۇ سانىغۇچىنى بلوگ قۇرۇلغاندا قويغان بولسام بەلكىم بارلىق دۆلەتلەردىن كىرگەن سانى بۇنىڭدىن ھېچ بولمىغاندا 2 ھەسسە كۆپ بولغان بولاتتى دەپ ئويلايمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-29 18:22:01
  • بايقىشىمچە،چەۋەندازلار بلوگىدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلە:ئىملا خاتالىقى.ئەلۋەتتە،بۇ مەسىلىدىن بىزمۇ ھېلىھەم تولۇق ساقلانغىمىز يوق.چەۋەندازلارنىڭ ئىنكاسچىلارغا بولغان قىزغىنلىقى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
    回复ئۇيغۇربەگ说:
    سىزنىڭ بۇ مەسىلىنى بايقىغىنىڭىزدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم ۋە تەنقىد-پىكىر بەرگىنىڭىزدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلدىم. دەرۋەقە بلوگىمدا ئىملا توغرىسىدا بەزەن مەسىلىلەر ساقلىنىغلىق. ئىلگىرى تېما يوللىغاندا نەچچە رەت ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن يوللايتتىم. يازما يېزىشتا ئۇيغۇرچە خەتنى بىر قەدەر ئىتتىك باسىدىغان بولغانلىقىمدىن سۆزلەرنىڭ باش-ئاخىرىنىڭ ئۇلىنىشىدا بەزەن سەۋەنلىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندىن بېرە زىيادە ئالدىراش بولۇپ كېتىپ قېلىپ قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقىشقا ۋاقىت ئاجىرىتالمايلا قالدىم. بۇنىڭدىن كېيىن بلوگىنىڭ بۇ كەمچىلىكى تۈزۈتۈلۈپ بلوگىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. سىزنىڭ تەكلىپىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!

    ئىنكاسچىلارغا بولغان جاۋابلار مەسىلىسىگە كەلسەك بلوگباس سۇپىسىغا ئىنكاس يازغاندا خەت چەكىلىمىسى بولغاچقا نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنى يېزىش بلوگگىرلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلىنىڭ بىرسىگە ئايلاندى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇنداق شارائىتتا جاۋابلار ئارقىلىق بلوگنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەم ئىنكاس يازغۇچىلارغا بولغان بىرخىل سەمىمىيەتنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايمەن.

    ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-29 18:12:54
  • ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىن تەبرىكنامە ئەۋەتىلدى! چەۋەندازلار بلوگىنىڭ كۈنسىرى روناق تېپىشىغا تىلەكداشمىز!
    回复ئۇيغۇربەگ说:
    ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ تەبرىكنامىسىگە تەشەككۈر! ئۇيغۇربەگ بلوگى بىلەن پرېستان بلوگى ھەمكارلىق ئورۇنتۇپ ۋە بىرلىشىپ ئۇيغۇر بلوگچىلىردا نەمۇنىچىلىك رول ئوينىدى. سىلەرنىڭ بىرلىشىشىڭلار ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا نۇرغۇنلىغان ئۈمۈدلەرنى ئېلىپ كەلدى ۋە بىرلىشىشنىڭ قەدىمىنى تىزلەتتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئىككى بلوگ ھەمكارلاشقاندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ياخشى باھاغا ئېرىشتى دەپ قارايمەن. ئاخىرىدا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!
    2010-10-29 18:00:33