• 2010-10-29

    ئادەم، ئاتىمىز، ھەۋۋا،ئانىمىز. Adam,Atimiz,Hewwa,Animiz.

    ئادەم، ئاتىمىز، ھەۋۋا، ئانىمىز .
    ئابدۇرېھىم ئابلەتخان 

     

     
    تارام-تارام ئېقىنلار قوشۇلۇپ، ھەيۋەتلىك دەريالارنى ھاسىل قىلىدۇ. يىگانە قورام تاشلار يىغىلىپ ئىگىز تاغلار شەكىللىنىدۇ. بىز تەڭرى تاغلىرىغا ھەيرانلىق ئارىلاشقان ھۆرمەت بىلەن قاراپ كېتىمىز.  بىز قارا-قۇرۇمنىڭ چوققىلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز تاغلار دەپ پەخىرلىنىمىز. بىز ئەشۇ تاغلارنىڭ پارچىسى بولغان سايدا ياتقان يالغۇز تاشلارنى ھەر-خىل شەكىللەرگە كەلتۈرۈپ، ئېھتىياجىمىز بويىچە ئىشلىتىمىز.گاھىدا بىنالارنىڭ ئۇلىغا قويساق، گاھىدا تاش  ھەيكەل ياساپ، دەرۋازا ئالدىغا بېزەك قىلىمىز.
     ئۇلار بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىزنى ئەيمەندۈرىدىغان تەڭرى تېغى ئەمەس شۇنداقلا قارا-قۇرۇم چوققىسىمۇ ئەمەس. چۈنكى بۇ تاغلار پارچە تاشتىن تۈزۈلگەن بىر گەۋدە بولغانلىقى ئۈچۈن بوزەك قىلالمايمىز. ئىتىپاقلىققا قارا تاشلارمۇ شۇنچىلىك مۇھتاج بولىدۇ. بىز دىگەن ئىنسان.
    جوڭگودىكى مىلادىدىن بۇرۇنقى خەن سۇلالىسىدىن باشلانغان ھوقوقنى مەركەزلەشتۈرۈش مەخسىتىدىكى سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مىڭ،يۇئەن سۇلالىرىغا يېتىپ كەلگەندە مۇكەممەللەشتى. ، مىللەت ئاساسىدىكى خانلىقلارنىڭ ئورنىغا كۆپ مىللەت ۋە رايونلار بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت قۇرۇلمىسى شەكىللەندى.
    تارىختىكى ھوقوقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچى تۆھپىكارلاردىن ۋەكىل خاراكتىرلىكلىرى خەن سۇلالىسىدىكى چاۋسو، مىڭ سۇلالىسىدىكى جاڭجۇيجېڭلاربولۇپ، ئۇلار بۆلۈنمە بەگلىك ۋە خانلىقلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، مەركەزلەشكەن ھاكىمىيەت ئورنۇتۇشنى دەسلەپ تەشەببۇس قىلغۇچىلار ئىدى.
     كېيىن ئۇلار  مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن بۆلگۈنچى بەگلىكلەرنىڭ خاپىلىقىنى بېسىش مەخسىتىدە مەركىزى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئۇلارنىڭ مەركەزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇش ئۈچۈن ئوڭۇشسىز شارائىتتا دۆلەت ئۈچۈن ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق تەغدىرى بولسىمۇ، ئۇلاردىن باشلانغان مەركەزلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقى توختاپ قالمىدى.  

     


    تارىخنىڭ چېكىتى چىڭ سۇلالىسىغا كەلگەندە ھوقوقنى مەركەزلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى پەللىگە يېتىپ،مۇستەبىت تۈزۈم ئاساسىدىكى كۆپ مىللەتلىك تەرەققىي قىلغان بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن جوڭگو دۇنيا كەلدى.

    مەيلى ئاز سانلىق مىللەتتىن ياكى خەنزۇلاردىن بولغان نۇرغۇن غايىلىك ئەزىمەتلەر بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ تار ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قايرىپ قويۇپ نۇرغۇن قېتىملاركۆپ مىللەتلىك جوڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك ئۇلۇغۋار خىزمەتنى ئورۇنداشقا ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشتى.

    جوڭگونىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ئىرق، مىللەتلەرنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىدىن مەلۇمكى دۇنيادىكى باشقا ئەللەرگە ئوخشاشلا ساپ مىللى دۆلەت شەكىللىنىش ئىمكانىيىتى يوق. شۇڭا مىللى مۇستەقىللىق بايراقدارلىرىنىڭ شوئارلىرىمۇ ئومومى ۋەزىيەت ۋە ئومومى خەلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن. خوشنا دۆلەتلەردىكى مەدەنىيەت ۋە دىنىي قېرىنداشلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئۆز ئەھۋالىنىمۇ ئوڭشىيالماسلىقتەك نامرات، تىنىچسىز شارائىتى بۇ زىمىننى سىرتقا قارىغاندا ئىچكى قىسىمغا بەكرەك ئۇيۇشۇشقا مەجبۇرلىغان. دىمەك بۇ رايوندىكى خەلىقلەرنىڭ تىنىچ تۇرمۇش كاپالىتى پۈتۈنلۈكنى تەقەززا قىلغان.

    چوڭ دۆلەتتە ھەر-خىل مىللى مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈپ تۇرىلىشى تەبىئى ئىش. بۇ دۇنيادىكى باشقا ئەللەردىمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مەسىلىلەرنى يوق دىيىش بىلەنلا يوق بولۇپ قالمايدۇ. بار دىيىش بىلەن ئەۋج ئېلىپمۇ كەتمەيدۇ. ئېتىراپ قىلىش مەسىلىلەرگە سەمىمى بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ.

    دىموكىراتىيەنىڭ يۈكسەك پەللىسى سانىلىدىغان دۆلەتلەردىمۇ ئىرقىي، دىنىي ۋە مىللى مەسىلىلەر بۈگۈنمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدىمۇ كۆرىلىدۇ.

    دۇنيادا ھەل بولمىغان مەسىلە نۇرغۇن.دۇنيانىڭ ئۈزلۈكسىز تەرقىياتى بىلەن ماس قەدەمدە ئۈزلۈكسىز ھاسىل بولۇپ تۇرىدىغان زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەر-بىر دۆلەتنىڭ شەرەپلىك ئازابى.

    بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى، ئىچكى ئامانلىق سېستىمىسى ۋە ئىدارە قىلغۇچى ئاپارات قاتارلىق قاتتىق ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددى كۈچى بىلەن سىياسەت، قانۇن-ئەدلىيە ۋە ئاۋامنىڭ ئاۋازى شۇنداقلا ئىجتىمائى تەشكىلات، مەدەنىي-مائارىپ سېستىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىۋى كۈچىنىڭ  بىرلىكى بۇ دۆلەتنىڭ مۇكەممەل قىياپىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

    پەقەت ماددى كۈچنىڭلا مۇكەممەل بولىشى دۆلەتنىڭ مۇكەممەللىكى ھىساپلانمايدۇ. شۇنداقلا مەنىۋى كۈچنىڭ يالغۇز تەرەقىياتىمۇ دۆلەتنىڭ ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ماددى كۈچ بىلەن مەنىۋى كۈچنىڭ ئىستىخىيىلىك ئۇيۇشۇش نۇقتىسى دۆلەت مەنپەئەتى دىيىلىدۇ.

    پۇقرالارنىڭ ئىدىلوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقى دۆلەت ئەھۋالى دىيىلىدۇ. مانا بۇ دۆلەت ئەھۋالى دۆلەت تۈزۈلمىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالى بىلەن دۆلەت تۈزۈلمىسى شۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئۇنۋېرسال مەدەنىيلىكىنى ئاساس قىلىدۇ.  

    بىر دۆلەت قۇرۇلىشى  بىلەنلا ئالدى بىلەن ماددى كۈچ ئاندىن ماس قەدەمدە مەنىۋى كۈچ ئۈزلۈكسىز تەرەقىي قىلىپ ماڭىدۇ. ئىدىلوگىيە مەنىۋىلىكىمۇ ئۈزلۈكسىز يۇقۇرىلاپ ماڭىدۇ. دۆلەت تۈزۈلمىسىمۇ بۇلارغا مۇناسىپلىشىشقا يۈزلىنىدۇ.

    دۆلەتتە دىكتاتورا دىموكىراتىيەدىن بۇرۇن تۇغۇلغان. دىكتاتورا مەۋجۇت بېسىم. بىز ئۇنى ھېس قىلالايمىز ھەمدە ماسلىشىشقا تىرىشىمىز.

    دۆلەتنىڭ رىئاللىقى، دىكتاتورانىڭ  مەۋجۇت بولىشىنى مەڭگۈ تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى كوللىكتىپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى يالغۇز دىموكىراتىيەنىڭ كاپالىتى بىلەنلا ئەمەس بەلكى دىكتاتورىنىڭ چەكلىمىسمۇ بولغان ئەھۋالدىلا مەۋجۇت بولالايدۇ.

    ھاكىمىيەت مەلۇم گۇرۇھقا تەۋە . بۇ تەۋەلىك ماھىيەتتە ۋاكالەتەن ئىدارە قىلىش. مەزكۇر گۇرۇھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئاۋامنىڭ نەرقى-ئەھۋالى ئىدارە قىلىشنىڭ چارىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئۆمرى، ئاۋام بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ ئارلىشىش دەرىجىسى ياكى ھاكىمىيەت يىلتىزلىرىنىڭ ئاۋام ئىچىدە يېيىلىش مىقدارى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.

    غايىۋى ھوقوق _ مەنىۋى ۋە ماددى كۈچنىڭ باراۋەر جۈپلىشىشى بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىغا، دىكتاتورا بىلەن دىموكىراتىيە ئۆتۈشمىسىدىكى  مۇنبەت تۇپراق كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    مەيلى غەرپنىڭ ياكى شەرقنىڭ دىموكىراتىيەسى ياكى دىكتاتورىسى بولسۇن، بۇلار ئەڭ توغرا ئۇسۇل بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئومومى ئىنسانىيەتكە ئورتاق ھاكىمىيەت ئەلۋەتتە بۇ ئىككىسىلا ئەمەس. رەڭدار ئىدىلوگىيە ۋە رەڭدار تۇرمۇش ئادىتى ۋە رەڭدار كەچۈرمىش ئەلۋەتتە رەڭدار ھاكىمىيەت قارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

    دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئىدىلوگىيە قىممەت قارىشى شۇ دۆلەتنىڭ بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي مۇساپىسى جەريانىدا شەكىللىنىدۇ . مەنىۋى-مەرىپەتنىڭ تەرەقىياتى تارىخىي كەچۈرمىش بىلەن باغلانغاندەك، ئىدىلوگىيەنىڭ تەرەقىياتىمۇ مەدەنىيلىك دەرىجىسى بىلەن باراۋەر كۆتۈرىلىدۇ.

    تارىختا كومىناغا يەتكەن خەلىقلەرمۇ ياشىغان، قۇللۇق ياكى كاپىتالىستىك تۈزۈمدە ياشىغان خەلىقلەرمۇ بولغان. ئىنسانلار ئۇرۇقداشلىق تۈزۈلمىسى ياكى تەڭ تەقسىماتچىلىق دەۋرىنىمۇ باشتىن كەچۈرگەن.

    ھەر-بىر شەخستىن يۇقۇرقى تۈزۈلمىلەردىن قايسىسىنى خالايدىغانلىقى سورالغاندا، چوقۇمكى ھەممەيلەندىن رەڭدار جاۋاپ چىقىدۇ.

     بىر دۆلەت ئەھۋالىغا قايسى تۈزۈمنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئومومى خەلىقنىڭ كۆپ سانلىق ئاۋازى ئەڭ توغرا جاۋاپ بېرەلەيدۇ.

    شەرق خەلىقلىرى غەرپنىڭ تۇرمۇش مەھسۇلاتلىرىغا ھەۋەس قىلىدۇ. ئەمما دۇنيا قارىشىغا پۈتۈنلەي ھەۋەس قىلىپ كەتمەيدۇ.

    غەرپلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشىدىن تولۇق رازى بولۇپ كەتمىگەچكە، شەرقنىڭ ئىس باسقان قەدىمى تار كوچىلىرىنى ئارىلاپ يۈرىيدۇ..............

    دىموكىراتىيەنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېچكىم پەرەز قىلالمايدۇ. ئۇ كەلگۈسىگە تەۋە، بەلكىم بەك يەڭگىل بولىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقلا بىز ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر بولۇپ يەلكىمىزنى پۇكىۋېتىشى ھەم مۇمكىن.

    غەرپ دىموكىراتىيەسى بىلەن شەرق دۆلەتلىرىنى بىر كېچىدىلا ئۆزگەرتىش نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟!

    بىر بولسا قوتاننىڭ ئىشىكىنى بىراقلا ئېچىۋەتكەندەك، ياكى مويسىپىت ئادەمنى قىسقا ئارىلىققا يۈگەرتكەندەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

    قوتاننىڭ ئىشىكىنى  ئېچىش ئاچماسلىقنى، قانداق چاغدا ۋە قايسى سۈرئەتتە ئېچىشنى قوتاندىن خەۋەردار ئادەم ئوبدان بىلىدۇ.

    غەرپنىڭ تۈزۈلمىسى ياكى شەرقنىڭ باشقۇرۇش ئەندىزىسى بولسۇن ھىچكىم بۇلارنى ئىنسانىيەت ھاكىمىيەت ئىدىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەللىسى دىيەلمەيدۇ.

    كەلگۈسى تارىخقا ئايلانغان چاغدا ئىنسانلار يەنىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىشى مۇمكىن.

    دىموكىراتىيە ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈنلا بېرىلمەيدۇ.

    مەسىلەن كىچىك بالا ياكى يېتىلگەن ئادەمنىڭ ئاممىۋى سورۇندىكى ئىككى خىل ئىپادىسى ئىككى خىل چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. يېتىلگەن ئادەمگە ئارتۇق چەكلىمە قويۇشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق. ئەمما كىچىك بالا شوخلۇق قىلىپ ئۆزىگە خەۋپ يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن ھەتتا ئانىسى تەرىپىدىنمۇ مەلۇم چەكلىمە ئىچىدە تۇرىدۇ.

     دىمەك مائارىپ ۋە جەمىيەت ئاساسىدا ئېرىشكەن ياشاش كۆز قارىشىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىكى ئۇنىڭ قانچىلىك دىموكىراتىيەنى كۆتۈرەلەيدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.

     شەخس نۇقتىسىدىن كىچىك بالا ياكى يېتىلگەن ئادەم بولسۇن، چەكسىز ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. دەل مۇشۇ چەكسىزلىك ئېھتىياجى ھەممە ئادەمنى خاتالاشتۇرىدۇ. چۈنكى ئۆزى ئېھتىياجلىق دىموكىراتىيەنى ئۆزى ھېساپلىسا بولمايدۇ. بۇنى ئومومى جەمىيەت ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتقاندا توغرا ھېساپلىغىلى بولىدۇ. 

    شۇڭا دۆلەتلەرنىڭ دىموكىراتىيە دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەن بولىشى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ  ئىدىلوگىيە كۆز قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە يۇقۇرى-تۆۋەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

    بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز مەغلۇبىيەتنى توسايدىغان بىردىن-بىر قالقان. كۆرۈلگەن مەسىللەرگە نېسبەتەن سەمىمى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلەر ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ يوقىتىپ قويمىغان. AbdurehimAblathanAbdurehimAblathanAbdurehimAblathan

    تارىخ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە خەلقنىڭ جۇمھۇرىيىتى يېڭى جوڭگو قۇرۇلدى. يېڭى دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئازراق ئوڭۇشسىزلىقلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ بىراق پارتىيە مەركىزى كومىتىتىنىڭ يۈكسەك ھۇشيارلىقى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ۋەزىيەت تېزدىن ئوڭشىۋېلىندى.

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 57-58-يللىرىدىكى ئوڭچىللارغا قارشى كۈرەشنى مىسالغا ئالساق، ئاتالمىش ئوڭچىللارغا قارشى بىر نەچچە سولچىلنىڭ خاتالىغى بىلەن مەملىكەت بويىچە ئوڭچى ئۇنسۇرلارنىڭ سانى 550 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

    ھەتتا ئەينى دەۋردە بىرەر كەنىتنىڭ ئەترەت باشلىقىغا سەت كۆرۈنۈپ قالغانلارمۇ ئوڭچى قالپىقىنى كىيىپ قالدى. قىسقىسى كىم پارتىيىنىڭ كۈنلىكى ئاستىغا كىرىۋېلىپ ئادەم يىسىمۇ خەلق سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاندى. ئۆزى ئۇچرىغان ناھەقچىلىققا پىكىر قىلغانلىكى ئادەم ھەتتا قوتۇر قوي بولسىمۇ تا ئۆلگىچە ئەشەددى بۆرە ھېساپلىنىپ جازالاندى ۋە ھەر-خىل ئۇسۇللار بىلەن چەتكە قېقىلدى. 

    59-يىلدىن باشلاپ، ئاتالمىش ئوڭچىللارغا قارشى ھەركەتنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەش ئېلىپ بېرىلغاندا  98٪ ئادەمنىڭ خاتا ئوڭچى قىلىپ قويۇلغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇنداق زور كۆلەمدە مەجبۇرى دۈشمەن سايلايدىغان ھەركەت تارىختا تولىمۇ ئاز كۆرۈلگەن ئىدى.

     كېيىن پارتىيە مەركىزى كومىتىت بۇ ۋەقەگە قارىتا خاراكتىرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل زىدىيەت، قاتتىق پەرقلەندۈرمەي ئىدىيىۋى تونۇش مەسىلىسى بىلەن سىياسى مەسىلە ئارلاشتۇرۋېتىلدى. نورمال تەنقىد-تەكلىپلەر بىلەن پارتىيىگە قىلىنغان ھۇجۇملار ئارىلاشتۇرۋېتىلدى. ( ئاستى سىزىلغان جۈملىلەرنىڭ نەقىل مەنبەلىرى تۆۋەندە ئەسكەرتىلدى)دەپ باھالاپ تەنقىت قىلدى. .

     فېئودالىزىمنىڭ سىنىپىي نەزىريىسىدىكى مىڭى خاتا كەتسىمۇ، بىرنىمۇ قاچۇرماسلىق . بىرنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق دىگەن بىر تەرەپلىمە شوئارى بىلەن  چېكىدىن ئاشقان سولچىللىقنىڭ دەردىنى، جوڭگولۇقلار يەتكىچە تارتتى.  

    مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ دەسلىپىدە، يەنى 1962-يىلى پارتىيە 8-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 10-ئومومى يىغىندا ماۋزېدوڭ سىنىپي كۈرەشنى ھەر يىلى سۆزلەش ھەر ئايدا سۆزلەش، ھەر كۈنى سۆزلەش لازىم دىگەننى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇنىڭ بىلەن  ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئىدىلوگىيە ساھەسىدە مەۋجۇت بولىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر كاپىتالىزىمنىڭ تىرىلىشى، جاڭ جيېشىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشى ۋە خەلقارادىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ جوڭگوغا قارشى ئېلىپ بارغان بىر قاتار ھەركەتلىرى بىلەن چېتىپ قويۇلدى. خەلق ئىچىدىكى  زىدىيەت-مەسىلىلەر مەجبۇرى ھالدا دۈشمەن كۈچلەر بىلەن باغلىنىپ سىياسى مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلدى.

    ئىجتىمائى، ئىقتىسادى زىدىيەتلەرنىڭ بولىشى نورمال ئىش. بۇنداق زىدىيەت دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار. خەلق ئىچىدىكى بۇ خىل نورمالنى ھەق-ناھەق كۆز قارىشىغا نېسبەتەن ئىتىپاقلىق ئاساسىدىكى مۇزاكىرە بىلەن تەنقىدنى بىرلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىش كېرەك ئىدى. بىر قىسىم بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلار زىدىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈش مەخسىتىدە بۇنداق مەسىلىلەرگە قورققان ئاۋال مۇش كۆتۈرۈپتۇ دىگەندەك ئۆكتە پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئۆزىدىن باشقا بارلىق ئادەم دۈشمەندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشتى. خەلقنى نۇرغۇن دۈشمەن ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ئەندىشىگە يېتەكلەشكە ئۇرۇندى.  

    بۇنداق سۈزۈك سۇنى لېيىتىدىغان ۋەزىيەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ماھىرلار ئۆزىنىڭ شەخسى زىدىيىتىنىمۇ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى دىگەن قالپاق ئاستىغا يوشۇرۇپ، ئەتراپىدىكىلەردىن ئۆچ ئالدى. ئاددى ھەق-ناھەقنى ئايرىش مەخسىتىدە قانۇننىڭ ئادالىتىنى تەلەپ قىلغان ئادەممۇ چەتئەلگە باغلانغان ئەكسىيەتچى بۆلگۈنچى ھىساپلاندى.  ئازاتلىقتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بولسۇن بۇ خىلدىكى سىياسى پۇرسەتپەرەسلىك نۇرغۇن جوڭخۇا ئەزىمەتلىرىنى ھالاك قىلغان ئىدى.

    ئاخىرىدا، ئون يىلغا سوزۇلغان مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدەك ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇيدىغان ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت رەسمى شەكىللەندى.

    69-يىلى 9- قۇرۇلتايدا لىنبياۋ مازېدوڭنىڭ، سىنىپىي كۈرەشنى ھەر يىلى، ھەر ئايدا، ھەر كۈنى سۆزلەشتەك خاتا نەزىريەسى دىن دۆلەتنى خاتا يولغا باشلاشتەك رەزىل مەخسىتى ئۈچۈن پايدىلىنىش مەخسىتىدە بۇنى پارتىينىڭ ئاساسىي لۇشيەنى قىلىۋالدى.

    شۇنىڭ بىلەن تۈزىتىۋېلىشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلىلەر يەنىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ، جوڭگو خەلقىگە ئېغىر ئاپەت بولغان  مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى، تېخىمۇ خاتا مۇقامغا يورغىلاپ ماڭدى....

    پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتىت 3-ئومومى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى پارتىيە ۋە رەھبىرى يولداشلارنىڭ خىزمىتىگە قايتىدىن باھا بېرىلدى. بولۇپمۇ ماۋزېدوڭنىڭ تارىخىي ئورنىغا باھا بېرىپ،ماۋزېدوڭنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىغىنى لىنبياۋ ۋە جياڭ چىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھلىرىنىڭ سۈيقەستلىك ھەركەتلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. يولداش ماۋزېدوڭنىڭ خاتالىغى بەرىبىر ئۇلۇغ پۇرولېتارىيات ئىنقىلاپچىسى ئۆتكۈزگەن خاتالىق؛ لىن بياۋ ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھى بىلەن جياڭ چىڭ ئەنكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھى بولسا يولداش ماۋزېدوڭنىڭ خاتالىغىدىن پايدىلىنىپ،يولداش ماۋزېدوڭغا تۇيدۇرماستىن،ۋەتەنگە ۋە خەلىققە بالايى-ئاپەت كەلتۈرىدىغان نۇرغۇن جىنايى ھەركەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ پۈتۈنلەي باشقا بىر خاراكتىرىدىكى مەسىلە، بۇ ئىككىسىنىڭ ماھىيىتى تۈپتىن ئوخشاش ئەمەس، بۇ ئىككىسىنى ئارىلاشتۈرۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. دىيىلىپ دۆلەتنىڭ ھەقىقى دۈشمەنلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ چىقىلدى.

    ئامېرىكا زوڭتوڭى نېكسون تەرىپىدىن ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتكەن،مول تەپەككۈرگە ئىگە پەيلاسوپ دەپ باھا بېرىلگەن ماۋزېدوڭنىڭ خەلق ئىچىدىكى زىدىيەتنى توغرا ھەل قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە دىگەن ئەسىرىدە، زىدىيەتنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىلىپ  ئىدىيە خاراكتىرىنى ئالغانلىكى مەسىلىلەرنى، خەلق ئىچىدىكى تالاش-تارتىشقا ياتىدىغان مەسىلىلەرنى پەقەت دىموكىراتىيە ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. پەقەت مۇزاكىرە قىلىش، تەنقىتلەش ۋە قايىل قىلىش-تەربىيە بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. زورلاش بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. دەپ كۆرسىتىپ ئىتىپاقلىق-تەنقىت-ئىتىپاقلىق سىياسىتىنى شەرھىلەپ، مۈمكىن بولىدىغانلىكى ئامىللار بىلەن ئىتىپاقلىقنى ئاساسى مەۋقە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرگەن.

    بىر دۆلەتنىڭ تەغدىرى ئۈستىدە پەقەت ھاكىمىيەت ئاپاراتلىرىنىڭلا باش قاتۇرىشى، چەكلىك بولغان  ۋەتەنپەرۋەلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق ۋەتەنپەرلىك، دۆلەتنى سۆيۈش ۋە قوغداش ۋەزىپىسىنى پەقەت ئاشۇ چەكلىك ئاپاراتلارنىڭلا زىمىسىگە سىغداپ قويىدۇ. خەلىقنى مەنبە قىلغان بۇ ئاپاراتلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىمۇ يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ.

    شۇڭا مۈمكىن بولىدىغان دائىرىدە قانۇنىي ۋە توغرا بولغان ئاچچىق پىكىرلەر بىلەن پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا ئۇرۇنىشى ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئەمەس. بەلكى دۆلەتنىڭ ئامانلىقىغا بولغان مەسئۇلىيەتچان تەلەپ. شۇڭا ماۋزېدوڭ ھەر قايسى ئاپاراتلاردىن دۆلەتنىڭ قايغۇ-ئازابى بىلەن ئورتاقلىشالايدىغان خەلقنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى تەلەپ قىلغان.

    دۆلەتنىڭ ھايات-ماماتىنىڭ پايدا ۋە زىيىنىغا بەكرەك ئۇچرايدىغىنى يەنىلا خەلق. خەلقنىڭ، دۆلەتنىڭ تەغدىرىگە بولغان قوللاش ۋە ئەندىشىسى قوزغالغاندا بۇ دۆلەتنى كىممۇ ھالاك قىلالايدۇ !؟

    يېقىنقى زامان جوڭگو تارىخىدا چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىلا قوزغىلىپ قارشى تۇرغان . ماۋزېدوڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋەزىيىتىنى كۈزىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ،بولۇپمۇ موڭغۇل مىللىتى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ بىۋاستە تەھدىدى ئاستىدا قوزغۇلۇپ كۈرەش قىلماقتا. كەلگۈسىدە خۇابېي خەلقىنىڭ كۈرىشى ۋە قىزىل ئارمىيىنىڭ غەربىي شىمالدىكى ھەركىتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكۈسى. دەپ باھالىغان.

    ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى يىمەك چىقىمىنى تېجەپ شۇ چاغدىكى پۇل ھىساۋىدا 50 مىليون يۈئەن ئىئانە قىلغان. 1937-يىلى 9-ئايدىن 1940-يىلىغىچە 3 مىليون 220 مىڭ يۈئەن يەنى ھەر بىر كىشى بېشىغا بىر ئاقچىدىن ياردەم قىلغان. 1943-يىلى شىنجاڭ دائىرىلىرى بىر ناھىيە بىر كۈرەشچى ئايرۇپىلان ئىئانە قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا شىنجاڭ بويىچە 144 دانە كۈرەشچى ئايرۇپىلان ئىئانە قىلىپ ئەسلىدىكى پىلان 64 دانىدىن ھەسسىلەپ ئاشۇرغان. خەنزۇ،خۇيزۇ،دۇڭزۇ،يىزۇ مىللەتلىرىنىڭ تەيپىڭ-تىيەنگو ھەركىتى، 4-ماي ھەركىتىدىكى جۇاڭزۇ،خەنزۇ،خۇيزۇ،موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ قىلغان كۈرەشلىرى.، ئوباشنىڭ جۇڭغارلارنى باشلاپ ۋەتەنگە قايتىشى، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ چارروسسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشىلىقلىرى، زاڭزۇ خەلقىنىڭ ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش كۈرىشى. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ،خەنزۇ ۋە خۇيزۇلارنىڭ ياقۇپبەگ ھاكىمىيتىگە قىلغان قارشىلىقلىرى.......دەك نۇرغۇن مىساللار دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدىكى  ھەقىقى قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بارچە مىللەت خەلقى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

    دۆلەتنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن شۇنچىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك قىلغان ھەر مىللەت خەلقى ئەلۋەتتە ئەمىنلىكى ئۈچۈنمۇ ئەلۋەتتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش سالاھىيىتىگە ئىگە. رىئاللىققا بولغان ئاددى پىكىر تەكلىپلەرنىڭ زورلۇق كۈچ بىلەن باستۇرلىشى خەلق ئىچىدىكى زىدىيەتنى سىنىپىي زىدىيەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

    يۇقۇرقىدەك سەۋەپلەرنى يەكۈنلىگەن ماۋزېدوڭ خەلق ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى دىمكىراتىيە يولى بىلەن كېڭىشىپ ھەل قىلىش لايىھەسىنى توغرا شەرھىيلىگەن.  

    دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان بۇ دۆلەت ئاتىسىنىڭ سۆزى جوڭگونىڭ تارىخى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلغان بولۇپ تارىختىكى بىر تەرەپلىمە ھالدىلا ھەل قىلشقا ئۇرۇنغان زىدىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىدىن چىقىرىلغان شانلىق ھۆكۈم دىيىشكە بولىدۇ. بۇ ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

    AbdurehimAblathanAbdurehimAblathanAbdurehimAblathan

    دۇنيادىكى ھەر قايسى مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە ئالدى بىلەن مىللى مۇناسىۋەتلەر مەسىلىسى مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.

     بىز جوڭگو تارىخىغا نەزەر سالساق ھەرگىزمۇ ھەر قايسى مىللەتلەر خەلىقلىرىنىڭ ئۆزلىگىدىن بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىش ۋە زىيان سېلىش مەخسىتىدىكى زىدىيەتلىرىنى تاپالمايمىز. بۇ دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا ناھايىتى تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ.

    تارىختىكى مىللى مەسىلىلەر فېودالىزىم ۋە باشقا ئىزىملارنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەزگۈچى ۋە ئېزىلگۈچى بولغان جەمىيەتتە مىللى ئېزىلىشنىڭ بولىشى تەبىئى.

    مىللى باراۋەرلىكنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن ماۋزېدوڭ تارىختىكى مىللى زىدىيەتلەرنىڭ مەنبەسىنى شەرھىلەپ، تارىختا ئۆتكەن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلار، ئاساسەن خەنزۇ مىللىتى ئىچىدىن چىققان ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلار، بىز ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا تۈرلۈك ئايرىمچىلىقلارنى پەيدا قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بوزەك قىلغان. مۇشۇنداق ئەھۋاللار كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىرلەرنى ئەمگەكچى خەلق ئارىسىدىنمۇ ناھايىتى تېزلا تۈگىتىش ئاسان ئەمەس. دەپ تارىختىكى مىللى مەسىلىلەرگە ھەم پارتىيىنىڭ كەلگۈسىدىكى مىللى مۇناسىۋەتلەرنى ھەل قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىغا ئەڭ توغرا يەكۈننى بېرىپ ئۆتكەن.

     تارىختىكى ئەكسىيەتچىل خەنزۇ ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن پايدىلانغان بىر قىسىم يەرلىك فېئوداللار، خەلىقنىڭ ھەق-ناھەق قارىشىنى بۇرمىلاپ  كاپىرلارغا قارشى غازات قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قىسمەن مىللى قىرغىنچىلىقلارغا سەۋەپ بولغان.

    ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلىقى نەتىجىسىدە مىللەتلەر ئارىسىدا ماۋزېدوڭ ئېيتقاندەك ئۇزۇنغىچە يوقالمايدىغان ئۆچمەنلىك پەيدا بولغان.

    ماركىس ئادەتتىكى ئەنگىلىيىلىك ئىشچىمۇ ئۆزىنى ئىرلاندىيىلىك ئىشچىنىڭ يېنىدا ھۆكۈمران مىللەتنىڭ ئەزاسى دەپ ھىس قىلاتتى. ئۇلار ئېرلاندىيىلىك ئىشچىلارغا دىنى،ئىجتىمائى ۋە مىللى ئۆچمەنلىك بىلەن قارايتتى.بۇ خۇددى ئامىرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ نېگىر قۇللارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئىرلاندىيىلىك ئىشچىلارمۇ ئەنگىلىيىلىك ئىشچىلارنى كۆزگە  ئىلمايتتى.ئىرلاندىيىلىكلەر ئەنگىلىيىلىك ئىشچىلارنى ئەنگىلىيەنىڭ ئىرلاندىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىكى شېرىكلىرى ۋە نادان قوراللىرى.دەپ قارايتتى.

    فېئودالىزىم دەۋرىدە ياكى كاپىتالىزىم دەۋرىدە بولسۇن، ھۆكۈمران قاتلام  مىللى ۋە ئىرقىي زىدىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئەمگەكچى خەلىقنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان غەزىپىنى مىللەتلەر ئارىسىغا بۇراش مەخسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشاتتى. مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن كۆرىلىدىغان غايەت زور ئتىپاقلىقنىڭ ئۆزلىرىگە خەۋپ يەتكۈزىشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئەمگەكچى خەلىقنى ئۈنۈملۈك كونتۇرۇل قىلىش مەخسىتىدە مىللى ئۆچمەنلىكنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىدە كاتالىزاتورلۇق رول ئوينىغان.

    تارىخنامە، زوزۇڭتاڭ ھەزرەتلىرى پۈتۈكلىرى، موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخى، شۇنداقلا باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ داستان-ئېپوسلىرىغا قارىغاندا مەيلى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى بوي سۇندۇرىشى ياكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ چېگرا رايونلارنى تىنجىتىشى بولسۇن، ئىككىلا تەرەپ يۇقۇرى قاتلام ئاقسوڭەكلىرى قارشى تەرەپنىڭ ئومومى خەلقىنى دۈشمەن ئورنىدا كۆرگەن. بۇ سىياسونلار بارچە مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن دىگەندىن بەكرەك ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قارشى تەرەپنى بېسىۋېلىشنى نىشان قىلغان.

    شىڭشىسەي ھۆكۈمىتىدىن كىچىككىنە مىسال ئالساق، يەرلىك مىللەت ئىچىدىكى ئۆز مىللىتىنىڭ ئادىمىلىك قاتارىدا ياشىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەنلەرنىمۇ، مەسىلەن تاڭجارىق جولدىباي ئوغلى، يېڭىچە مائارىپ ھەركىتى بىلەن خەلىقنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشىلىرىنى ئېلىپ بارغان مەمتېلى ئەپەندىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئادەملەرنى ھەر-خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن. زۇلۇم دەستىدىن بۆلگۈنچىلىكتەك خاتا يولغا ماڭغانلارنىغۇ ئۆلتۈرگەن. ھەتتا مەركىزىي ھاكىمىيەتنى قوللاپ خىزمەت قىلغانلارنىمۇ ئامان قويمىغان. قىسقىسى ھەر مىللەت ئىچىدىكى سەل تەسىرىگە ئىگە بولغانلىكى ئادەمنىڭ خەلق ئىچىدىكى تەسىرىنىڭ خاتا ياكى توغرا بولىشىدىن قەتئىنەزەر  ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتنىڭ دۈشمىنى ھېساپلانغان. ئۇلار بىر مىللەتنىڭ مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان سەركىلەرنىڭ بولىشىنى خالىمىغان.

    ئىرقىي  قىرغىنچىلىق دىگەن نىمە ؟

    بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ  مەيلى قانۇنسىز ياكى قانۇنلۇق يول تۇتىشىدىن قەتئىنەزەر بىردەك دۈشمەن ھىساپلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ يوشۈرۈن ئاشكارا زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دىيىلىدۇ. بۇنداق ئوموملاشقان مىللى دۈشمەنلىك ماۋزېدوڭ يۇقۇرىدا ئېيتقاندەك مىللى ئايرىمچىلىق جۈملىسىدىن ئىدى.

     شۇڭا ئەينى دەۋردىكى خەلق بۇنداق ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت بىلەن  دوست ياكى دۈشمەن بولۇپ ئۆتۈشنى بىلەلمەي تۆگە كۆردۈڭمۈ ؟ يوقتەك بىپەرۋالىقنى، ئۇچرىغان دىشۋارچىلىققا نالە قىلىشقىمۇ يولى يوق قۇلچىلىقنى ھاياتلىق يولى قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

    تارىخ تارىخ پېتى قالمىدى. جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىختىن يەكۈنلىگەن تەجرىبىلەر ئاساسىدا يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئىزچىل تىرىشىپ كەلدى.  

    جوڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتىت 1949-يىلى 6-ئايدا ماقۇللىغان ئورتاق پىروگىراممىدا ئىشچىلار-دېھقانلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھەرقايسى دېموكىراتىك سىنىپلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئىتىپاقلىشىدىغان خەلق دېموكىراتىيىسى دېكتاتورلىغىدىكى دۆلەت دەپ بەلگىلىگەن بولسا، مىللى سىياسەت توغرىسىدا جوڭگونى ھەممە مىللەت باپ-باراۋەر، ھەممە مىللەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق ئاساسىدىكى دۆلىتى قىلىپ چىقىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى يېڭى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ھارپىسىدا، قانداقتۇ مەلۇم مىللەت مەلۇم مىللەتكە رەھبەرلىك قىلىدىغان ۋە ياكى ئۇلارنى قۇتقۇزىدىغان ئۇقۇم ياكى مەزمۇن يوق بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن تارىختىكى ئەكسىيەتچىل مىللى زىدىيەت ئاساسىدىكى سىياسەتنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، يۈكسەك مىللى باراۋەرلىك تۈغى بارچە مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش نۇقتىسى قىلىندى.

     بۇ بىر قاتار ئىجابىلىققا ئىگە يوليورۇقلار بىلەن جوڭگودىكى مىللەتلەر ئىتىپاقلىشىپ،  ئۆزىنىڭ قان كېچىپ ئورۇنلىغان تۆھپىسى ۋە ئەجرى بىلەن يېڭى سوتسىيالىستىك ئائىلە قۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قولغا ئېلىپ،دۆلەتنىڭ خوجايىنى بولۇپ،ئېزىلگۈچى،خارلانغۇچى مىللەت بولۇشتىن خالاس بولدى.

    AbdurehimAblathanAbdurehimAblathanAbdurehimAblathan

    جوڭگو كومپارتىيىسىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى خەلقارا ۋە سوۋېت كومىنىستلىرىنىڭكىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىق بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇتلىغى ۋە تەرەقىياتى قانۇنىي يول بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.

    ماركىسىزىم مىللەتلەرنى قالاق مىللەت ۋە ئىلغار مىللەت دەپ تۈركۈمگە بۆلگەن. يېقىنقى زامان سانائەت ئاساسى دۇنياغا كەلگەن جايلاردىكىلەرنى ئىلغار مەدەنىي مىللەتلەر،سانائەت ئىنقىلاۋىدىن يىراقتا ياشىغانلارنى ياۋايى،قالاق مىللەتلەر دەپ ئاتىغان. بۇ ماركىسىزىم تەلىماتچىلىرىنىڭ مەلۇم مەنىدىكى مىللەتچىلىك تۇيغۇسىنىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدۇ ئەلۋەتتە.

     ئەمما بۇ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىنلا شەكىللەنگەن  يۈزەكى قاراش.

     بىز ھازىر، بۈگۈنكى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ئەسلىدىكى قالاق مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى، بۈگۈن قالاق سانالغان مىللەتلەرنىڭ ئىلگىرى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى بايقاۋاتمىز. يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش قالاق مىللەتلەرنىڭ يىراق تارىختا ياراتقان ئەپسانىۋى مۆجىزىلىرى بۈگۈن جاھان ئەھلىنى لال قىلماقتا.

    . بىز تارىخنى ئوبدان بىلىمىز. ئۆزىمىزنىڭكىنىلا ئەمەس. ئىلغار ھەم قالاق مىللەتلەرنىڭكىنىمۇ تەپسىلى بىلىمىز.

    تارىخ بىزگە، مۇتلەق ئىلغار مىللەت بولمىغاندەك مۇتلەق پاسسىپ مىللەتنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئۈگەتكەن. ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى ئىلغار مىللەتلەر ئاتالمىش قالاق مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرىنى مەنبە قىلىپ كۆكلىگەن.
    ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ۋەكىل خاراكتىرلىك مىللەتلەر كۈچ ئۇلاپ بۈگۈنگە يەتكۈزگەن. ئۇنى ھەرگىزمۇ مەلۇم مىللەت يالغۇز ياراتقان ئەمەس.

    1956-يىلى 4-ئايدا ماۋزېدوڭ ئېلان قىلغان 10 چوڭ مۇناسىۋەت دىگەن ئەسىرىدە خەنزۇ مىللىتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە يەرلىك مىللەتچىلىككىمۇ قارشى تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    ماۋزېدوڭنىڭ چەتئەلدىكى ماركىسىزىمچىلارنىڭ مىللەت نەزىريىسىدىن  ئۆزگىچە بولغان ئىلغار ياكى قالاق مىللەت دەپ ئايرىمچىلىق قىلىشقا قارشى بارچە مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش مەنا ۋە مۇقامدا ئىكەنلىگىنى بۇنداق تەكىتلىشى ھەمدە مەملىكىتىمىزدىكى كۆپ سانلىق مىللەت بولغان خەنزۇچىلىققا نۇقتىلىق ئورۇن بېرىشى خەلقارادىكى كومىنىزىمچىلاردىن كۆپ ئىلغار بولۇپ، ئۇ ئۆز مىللىتىنىڭ ئورنىدىن بەكرەك،بارچە مىللەتنىڭ باراۋەر سالاھىيىتىنى دەسلەپ ئېتىراپ قىلغان پۇرۇلتارىيەت جەڭچىسىدۇر. ئاز سانلىق بىلەن كۆپ سانلىق مىللەتنىڭ سان مىقدارىدىن كېلىپ چىقىدىغان مىللەتچىلىكنىڭ زىيان پەرقىنى مەردانىلىق بىلەن ئىلمى ھىساپلىغان ئۆزگىچە كومىنىزىم جەڭچىسىدۇر.

    دىمەك قىسمەن ماركىسىزىمچىلارنىڭ يۇقۇرقى نەزىريىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

    AbdurehimAblathanAbdurehimAblathanAbdurehimAblathan

    فاشىسىزىم بىلەن قىسمەن ماتىريالىزىمچىلار مىللەت ئۇقۇمىنى شەرھىلەپ دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر يوقالسا، ئۇرۇش-تالاش يوقايدۇ دەپ قارايدۇ.
    بۇ مىللەتتىن ئىبارەت ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىجابى ئامىلنى تەپتارتماي سەلبى ئامىلغا ئايلاندۇرۇپ قويغان نەيرەڭ پەلسەپە.

    كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئومومى ئىنسانىيەتكە ئادىللىق قىلىدىغان پەلسەپەشۇناس بولمايدۇ.چۈنكى ئادەمنىڭ ياراتقان پەلسەپە ئىدىيىسى ئۆزى تەۋە چەكلىك ئادەملەر توپىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدۇ. پەقەت اللەنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى  ئۆزى ياراتقان بارلىق مىللەت ئىنسانلىرىغا پەرقسىز ئورتاق بولىدۇ . چۈنكى ياراتقۇچى مەلۇم مىللەتكە تەۋە ئەمەس

     ئۇنداقتا مىللەت، فاشىزىم ئېيتقاندەك زىدىيەتنىڭ مەنبەسىمۇ ؟!

     كۈنسېرى ئىرىق، قەبىلە، ئىقتىسادى گەۋدە ۋە رايونلار پەرقى سەۋەبىدىن قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ زىدىيىتى، قانداقتۇ مىللەتنىڭ يوقۇلىشى ياكى مەۋجۇت بولىشىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى زىدىيەتنىڭ مەنبەسى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
     مىللەت يوقالسىمۇ، قەبىلە يوقىمايدۇ، قەبىلە يوقالسىمۇ، رايون يوقۇمايدۇ. خۇلاسە كالام ئادەملا بولىدىكەن، مەنپەئەت يوقىمايدۇ.

    ھىكايەت، ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرىدىن قابىل ھابىلنى ئۆلتۈردى.....

    ئۇ چاغدا دۇنيادا پەقەت بىر ئائىلىلىك ئادەم بار ئىدى.كەڭرى دۇنيا شۇلارغىمۇ يەتمىگەن......

     قانداقلىكى زىدىيەت بولمىسۇن، چوقۇمكى ماكرولۇقتىن مىكرولۇققا قەدەر ئۈزلۈكسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.بۇ ھاياتىي دۇنيانىڭ مەۋجۇت بولىشىدىكى يادرولۇق ئامىل.

    ئەمما زىدىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئورنى ئۆزگىرىدۇ. مەڭگۈ يوقىمايدۇ.

    .ئۇنداقتا زىدىيەتنى يوقاتقىلى بولمىغاندىكىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولسا تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ.!؟
    زىدىيەتتىن پايدىلىنىپ پارتىلاتقۇچ دورا ياسىغىلى بولىدۇ. يەنە زىدىيەتتىن پايدىلىنىپ زىمىستاندا ئىسسىق ئۆيدە ئولتۇرغىلىمۇ بولىدۇ. دىمەك زىدىيەتمۇ قوش تەرەپلىك ئىقتىدارغا ئىگە. شۇڭا بىزدە  ئۇنىڭ قايسى تەرىپىنى تەرەقىي قىلدۈرۈش ئىختىيارى يەنىلا بار.
     زىدىيەت دۆلەتنىڭ قانۇنچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى مىللەتلەر ئارا يول قويۇش ۋە ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىق رول ئوينىسا، مىللى زىدىيەتنىڭ سەلبى تەرىپى يىگىلەپ ئىجابىلىققا قاراپ تەرەقى قىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟!
    زىدىيەتنى يىلتىزىدىن يوقىتىش مۈمكىن بولمىغىنىدەك، ئۇنى باراۋەرلىك ۋە ئورتاقلاشقان  قانۇننىي يول بىلەن ھەل قىلىشلا ئەڭ ئاقىلانە ۋە بىردىن-بىر تاللاشتۇر.

    خۇلاسە، بۇ دۇنيادىكى ئۇرۇش- زىدىيەتلەرنىڭ مەنبەسى ھەرگىزمۇ مىللەت سەۋەبىدىن ئەمەس.

    AbdurehimAblathanAbdurehimAblathanAbdurehimAblathan
    لېنىن< يەككە مىللەتلىك دۆلەت ئىلغار بولىدۇ. مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ دۆلەت قالاق بولىدۇ>دەپ ھساپلاپ، ئاساسلىق مىللەت ٪90 دىن ئارتۇق بولسا ساپ دۆلەت ھىساپلىنىپ،بۇ دۆلەت ئىلگىرى باسقان دۆلەت بولىدۇ.  ٪30 دىن ئارتۇق ئاھالە غەيرى مىللەت بولسا مىللى تەركىبى مۇرەككەپ دۆلەت بولۇپ، بۇ دۆلەت ئاكتىپ تەرەقىياتقا ماسلىشالمايدۇ دەيدۇ.
    يەككە مىللەتلىك دۆلەت ئىلغار بولىدۇ نەزىريىسى لېنىننىڭ سوۋېت روسىيىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كۆپ سانلىق روس مىللىتىنىڭ تۇغى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇشتىكى قىززىقتۇرىشى بولسا كېرەك.

    ئۇنداق بولغاندا ئافرىقدىكى، ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەر يەككە تەركىپلىك ساپ دۆلەتلەر ھېساپلىنىدۇ. بىراق ھازىر بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇنۋېرسال دۆلەت كۈچى كەينىدىن سانىغاندىلا ئاندىن رەتكە تۇرالايدۇ.

     تارىختا رەڭدار مىللەتلەر توپلاشقان يۇئەن ۋە چىڭ سۇلالىلىرى، رىم ئىمپىرىيىسى ۋە ئەرەپ ئىمپىريىسى بىلەن ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيەلىرىدىكى رەڭدار مىللەت تەركىپلىرى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇلار بىلەن دەۋرداش بىر مىللەتتىن بولغان پارچە-پۇرات ساپ ئورۇس كىنەزلىكلىرىنىنمۇ ئوبدان بىلىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ٪90 لىك يەككە مىللەت توپلاشقان ئىلغار دۆلەتنى بىز بۈگۈن ئاسانلىقچە تاپالمايمىز.

     بۈگۈنكى نۇرغۇن ئىلغار دۆلەتلەر مۇرەككەپ مىللى تەركىپكە ئىگە. دىمەك بىر دۆلەتنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچى قانداقتۇ رەڭدار مىللەت تەركىۋى بىلەن ئەمەس بەلكى شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

     لېنىننىڭ يۇقۇرىدىكى بىر مىللەتنى ئاساس قىلىش مەخسىتى، ئاسمىلاتسىيە بولۇش نۇقتىسىدىن خاتا ئەمەس. ئەمما ئاسمىلاتسىيەنىڭ ئالدىن نىشان قىلىپ بېكىتىلىشى ھەم ئۇنىڭغا ئىلھاملاندۇرىلىشى تۈپتىن خاتا.

    چۈنكى يەنە شۇ لېنىن ئاسمىلاتسىيەنى شەرھىلەپ پۇرۇلتارىيەت ھەرقانداق مىللى ئاسمىلاتسىيىنى قارشى ئالىدۇ. ئۇنىڭدا زورلۇق كۈچ ۋە ئىمتىياز ئىشلىتىلمىگەنلا بولسا، دىگەنمۇ ئىدى.

     ئاسمىلاتسىيە پىلانلىق مەجبۇرلىنىدىغان جەريان ئەمەس. بەلكى تارىخنىڭ تەبىئى بېكىتىلگەن لىنىيەسى بويىچە ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئۈن-تۈنسىز، شاۋقۇن - سۈرەنسىز ئادا قىلىدىغان يول. ئۇ ئۆزىنىڭ تىۋىشسىز قەدىمى بىلەن ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدۇ. تارىخ يوقىلىشنى بەلگىلىگەن مىللەتلەر چوقۇم يوقىلىدۇ. ئەمما يوقىلىشنى بەلگىلىمىگەن مىللەتلەرگە مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيە قوللانغاندا بۇ مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچى دورىغا قارشى غەيرى ئىممونىت كۈچى ھاسىل قىلىپ باشقا شەكىلدە مەۋجۇت بولۇشقا تىرىشىدۇ.

    شۇ سەۋەپتىن، سوۋېت پارچىلىنىشتىن ئىلگىرى  غەرىپلىكلەر ، سۆۋېت ھۆكۆمىتى مىللى جىدەلنىڭ تۇيۇق يولىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. دەپ ھۆكۈم قىلغان.

    دىمەك، يەككە مىللەتلىك نەزىريىسى بۈگۈنكى ھەم ئەتىكى رىئاللىق ئالدىدا ئۆزىنىڭ قىلچە قىممىتىنى ساقلىيالمايدۇ.

    AbdurehimAblathanAbdurehimAblathanAbdurehimAblathan


    收藏到:Del.icio.us