-
2010-10-29
ئادەم، ئاتىمىز، ھەۋۋا، ئانىمىز . (داۋامى) Adam,Atimiz,Hewwa,Animiz. (dawami)
ئادەم، ئاتىمىز، ھەۋۋا، ئانىمىز . (داۋامى)
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
مىللەتچىلىك، ئومولاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، رىئالنى مەسىلىلەر بىلەن رىئاللىقتىن ھالقىغان مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قانۇنلۇق تەرەپلەرمۇ شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ۋە بىرلىكىگە زىيانلىق تەرەپلەرمۇ مەۋجۇت بولىدۇ.
مىللەتچىلىكنىڭ ئىپادىلىرى مىللىتىنىڭ مەۋجۇت بولىشىدىكى ئۇششاق ئۆرۈپ-ئادەت ھايات-ئىقتىساد ئەھۋالاتىدىن تەشۋىشلىنىپ تىرىشىشتىن تارتىپ ھەتتا مىللى مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىگىچە باغلىنىدۇ.
ئاۋال رىئالنى ۋە قانۇنلۇق مىللەتچىلىك ئۇقۇمى توغرىسىدا توختىلايلى.
مىللەتچىلىكنىڭ مەنبەسى شۇ مىللەتنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى قوغداشنى تۈپكى مىزان قىلىدۇ.
يىراق ئىپتىدائى دەۋرلەردىن بۈگۈنگىچە بولغان تەجرىبىلەر ئاتا-بوۋىلارغا قانداق شەكىلدە ياشىسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا مىڭلاپ يىللار جەريانىدا شەكىللەنگەن خىلمۇ-خىل ھاياتلىق ھاسىلاتلىرى ھەر خىل مىللەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن.
مىللەتچىلىك ئاددى شەكىلدە خۇددى ئادىمەتچىلىككە ئوخشاشلا نورمال ئىنسانىي پىسخىكا.
شۇڭا ھەرقانداق مىللەت ئەزاسىنىڭ مىللىتىنى سۆيۈش پىسخىكىسىمۇ ئۇنىڭ ئىنسانىي تۇيغۇسىنىڭ مەھسۇلى.
ئۆز مىللىتىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پەخىرلىنىش كەمچىلىكلىرىدىن قىزىرىش، تەغدىرىدىن تەشۋىشلىنىش نورمالنى ھىسيات. بۇ ھىسياتنى خۇدانىڭ قانۇنلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئادىمىزاتنىڭ قانۇنلىرىمۇ قوغدايدۇ.
ئەمما تەشۋىش، ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش چوقۇمكى قانۇنلۇق ۋە رىئالنى بولىشى كېرەك. چۈنكى يەر شارى بىرلا مىللەت ئۈچۈن چۆگىلىمەيدۇ.
شۇنداقلا يۇقۇرىدىكى مىللەتشۇناسلار ئېيتقاندەك مىللەتچىلىكنىڭ ھەممە تەرىپىنى پەرقلەندۈرمەي بىر تاياقتا ھەيدەش فاشىسىزىمنىڭ سولچىل كالتىكىنى كۆتۈرۋالغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مىللەتچى سانىلىدىغان مىللەت بىلەن مىللەتچىلىكى تۆۋەن مىللەتنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى سالاھىيىتى قانداق ؟
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدا يەھۇدىلار ۋە سىگانلار ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ بۈگۈنكى خەلقارا جەمىيەت بۇ ئىككى مىللەتكە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. ئىلغار مىللەتلەر يەھۇدىلارنىڭ ئەرۋاھلىرىنىڭ قەبرىسى ئالدىدىمۇ يۈكىنىۋاتىدۇ. سىگانلارنىڭ ھايات ياشاۋاتقانلىرىمۇ چەتكە قېقىلىۋاتىدۇ.
يەھۇدىلار بىلەن سىگانلاردىن قايسىسى بەكرەك مىللەتچى !؟
مىللەتچىلىك مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزىدۇ. قۇدرەت تاپقان مىللەتنىڭ ھەرقانچە خاتالىقىمۇ باشقىلارغا بىلىنمەيدۇ. ئەمما مىللەتچىلىك ئىقتىدارى ئاجىز بولغان سىگانلارغا بولغان مۇئامىلە ئوخشىمايدۇ. بىر دۆلەتتىكى نەچچە تال يانچۇقچى سىگاننىڭ قىلمىشى شۇ دۆلەتنىڭ سىگان مىللىتىنى پەس كۆرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
مىللەتچىلىكنى ئەيىپلەۋاتقانلارنىڭ مىللەت تەركىۋىگە دىققەت قىلساق ئۇلار بۈگۈنكى دۇنيادا كاتتا ئورۇندا تۇرىدىغان مىللەتنىڭ ئەزالىرى. ئۇلارنىڭ بۇ تەلىماتىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىراق بۇ تەلىمات دەل ئۇلارنىڭ ئۆزىگە نېسبەتەن ئەڭ پايدىلىق بولغان تەلىمات. دۇنيادا ھەممىلا مىللەت مىللەتچى بولۇپ كەتسە ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاش قالمايدۇ دەپ ھىساپلايدۇ. شۇڭا ئۈچۈنچى دۇنيا ئەللىرى سانىلىدىغان نۇرغۇن مۇستەملىكە ۋە نامرات مىللەتلەر توپىغا نېسبەتەن بۇ بىر سۈيقەست.
چۈنكى ئاجىز مىللەتلەر ئۆزىنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇتلىقىغا خىرىس قىلىۋاتقان ئىلغار مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە باشقا تەرەپلەردىكى ھەر-خىل ھۇجۇملىرى ئاستىدا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ دۆلەت ھالقىغان ئىقتىسادى گەۋدە قاتارلىق ئۈنۋېرسال كۈچلىرى بولمايدۇ. ۋە ياكى مىللى سالاھىيىتىنى دۇنياۋى قاتاردا ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان مەدەنىي-مائارىپ سېستىمىلىرىمۇ بولمايدۇ. پەقەت ئىلغار باي مىللەتلەرنىڭ ساياھەت قىلىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان كونا سېپىل، ئېھرام ۋە سەددىچىنلىرى بولىدۇ، باي مىللەتلەر كەلگەندە كۆرۈش ئۈچۈن، ب د تدىكىلەر ئايدا نەچچە يۈز كوي مائاش بېرىدىغان چاڭچىلىكەش،ھېپىز، ئۇسۇلچىلىرى بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا، خوراۋاتقان ئاخىرقى دەسمايىسى، مىللى ھېسياتىلا بولىدۇ.
ئۇلار، بۇنداق قۇرۇپ كېتىۋاتقان ئاخىرقى دەسمايە بىلەن رىئاللىققا قانداق يۈزلىنىدۇ ؟!
ئەلۋەتتە مىللەت تەۋەلىكىدىن نومۇس قىلىپ باشقا مىللەت بولالمايدۇ. پەقەت قىلالايدىغىنى مىللەت ھېساپلىنىش سۈپىتىدىكى ئۈنۈمسىز تىرىشچانلىق.
بۇ ھەرگىزمۇ سەلبى مەنىدىكى مىللەتچىلىك ئەمەس. بۇ ھاياتلىق كاپالىتى ئارزۇسىدىكى تىپىرلاش.
ئاتالمىش مىللەتچى ئەمەس ئىلغار مىللەتلەر، نامرات مىللەتلەرنىڭ كوڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى ئەسلىھەلىرىگە پۇل بېرىدۇ. ئەمما ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئىقتىسادى گەۋدە-كارخانە ۋە يۇقۇرى مائارىپ-تېخنىكا ساھەلىرىگە ئاسانلىقچە پۇل ياكى تېخنىكا بەرمەيدۇ.
بىرەر ناخشىچىغا پۇل چىقىرىپ دۇنيانى ھەقسىز ساياھەت قىلدۇرۇپ،ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ كۆڭۈل ئاچىدۇ. ئەمما يەرلىك مىللى كارخانىچىغا نېسبەتەن تەكلىپ ياكى ياردەم دىگەن خىيال ئۇلاردا بولمايدۇ.
بىر مىللەتنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى يادرو قىلغان ئۇنۋېرسال تەرەپلىرى قوشۇلۇپ ئۇنى ھايات ساقلايدۇ . مەخسەت-مەناسىز سەنئەتلىك قىياپىتى ئۇنىڭ ھاياتلىق كاپالىتى بولالمايدۇ. قايغۇ ياكى شاتلىق بىلەن ئەمەس بەلكى قوساقنىڭ توقلىقى ئۈچۈن ئېيتىلغان ناخشا دەل ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلارنىڭ ھاڭرىشىدۇر.
ئىلغار مىللەتلەر باشقا دۆلەتلەردىكى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق مىللى زىدىيەتنى نىشان قىلىدۇكى ھەرگىزمۇ يەرلىك مىللى ئىگىلىكىڭنىڭ تەرەقىياتىنى نىشان قىلمايدۇ. ئافغانلارغا جوڭگولۇقلارغا ياكى قازاق، ئۆزبېكلەرگە مىللەتچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە تۆۋەن دەرىجىلىك مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن بارلىق ئىشلىرىدا يول كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ.
خۇلاسە، دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەرمۇ مىللەتچىلەردۇر. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك زىيىنى ھېساۋىغا بىر نامرات مىللەتنىڭ ھايات-ماماتىغا غەرەزسىز پاناھ بولمايدۇ.
نامرات مىللەتلەرنىڭ مىللەتچىلىك ھېسياتى ئاۋۇ مىللەتشۇناسلار ئېيتقاندەك ئىنسانىيەت ئۈچۈن زىيان يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە بارالمايدۇ. ئەمما ئىلغار مىللەتلەردىكى مىللەتچىلىك قوزغالسا ئىنسانىيەتكە زور ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.
قۇدرەتلىك مىللەتنىڭ مىللەتچىلىكىدىن گېتلىر بىلەن سىتالىن دۇنياغا كېلىدۇ. ئاجىز مىللەتنىڭ مىللەتچىلىكىدىن مارتىن لۇتھېر كىڭ، ياسىر ئەراپات، ماندىلا تۇغىلىدۇ. بۈگۈن مارتىن لۇتھېر كىڭنىڭ قەبرىسىگە ئاق تەنلىكلەرمۇ گۈل قويىدۇ. ئەمما سىتالىننىڭ قەبرىسىگە ھەتتا ئورۇسلارمۇ تۈكىرىدۇ. مانا ئوخشاش ئۇقۇمدىكى نەتىجە پەرقى شۇنچىلىك زور بولىدۇ.
مەلۇم مەنىدىكى مىللەتچىلىك شۇ مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش مەركىزى. بۇ مەركەز بولمىسا بۇ مىللەتنىڭ نوپوزىمۇ بولمايدۇ.
مىللەتچىلىك دەۋرچانلىققا ئىگە. نامراتنىڭ مىللەتچىلىكى ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلىشتىكى ھاياتىي كۈچى.ئاجىز مىللەت دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا قوشۇلغان كۈنى مىللەتچىلىكنى زىيانلىق دەپ ھېساپلىسا ئاندىن بولىدۇ. ئەگەر بۈگۈن بۇنداق ئەخمىقانە تەلىماتنى قوبۇل قىلسا بۇ تەلىماتنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئىلغار مىللەتلەرنىڭ لوقمىسىغا ئايلىنىپ، تىپىك ئىستىمالچىغا ئايلىنىپ، يەيدىغان ئۇخلايدىغان، پىستە كۈچۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىلغار مىللەتلەر دەل مۇشۇنداق بولىشىنى كۈتىدۇ.
كومىنىستىك پارتىيە خىتاپنامىسى دە بۇرژۇئازىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەرزان باھالىق ئىستىراتىگىيىسى، دۇنيادىكى بارلىق سەددىچىنلەرنى بۇزۇپ تاشلاش ھەمدە ياۋايى مىللەتلەرنىڭ چەتئەللىكلەرنى ئەڭ قاتتىق ئۆچ كۆرۈشتىن ئىبارەت روھىي ھالىتىنى يىمىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئېغىر زەمبىرىكى.
ئۇ بارلىق مىللەتلەرنى يوقىلىشنى خالىمىسا بۇرژۇئا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ؛ ئۇلارنى ئۆز يېرىدە مەدەنىيەت (يات مەدەنىيەتنى)دىگەن نىمىنى يولغا قويۇشقا يەنى بۇرژۇئا بولۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. قىسقىسى، ئۇ ئۆزىگە ئۆز قىياپىتى بويىچە بىر دۇنيا يارىتىۋالىدۇ. دىيىلگەن، بۇ مىللەتچى ئىلغار مىللەتلەر ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئىلمى ۋە توغرا تارىخىي يەكۈن.
قانۇنلۇق مىللەتچىلىك بىر مىللەتنىڭ تەبىئى ھوقوقى. ئەگەر ئۇنىمۇ تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغاندا بىر مىللەتنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى خەتەرلىك مىللەتچىلىككە يولغا سالغان بولىدۇ. ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېتىۋار بېرىلگەن رىئالنى مىللەتچىلىك شۇ دۆلەتنىڭ تىنىچلىغى ۋە ئىناقلىقىنى قوغداشنى ئاخىرقى مەخسەت قىلىدۇ.
ھازىر دۇنيادا ۋە ياكى جوڭگودا بولسۇن قانۇنچىلىق مەسىلىسى تارىختىن بۇيان ئەڭ كۆپ تەكىتلىنىۋاتقان دەۋردە تۇرىۋاتىمىز. نىمە ئۈچۈن بۈگۈن قانۇنچىلىق بۇ دەرىجىدە تەكىتلىنىدۇ ؟
چۈنكى بۈگۈنكى مىللەت كىشىلىرىنى پەقەت قانۇندىن ئىبارەت بۇ نۇقتىلا ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرالايدىغانلىقىنى ھەممەيلەن ھېس قىلغان.
قانۇننىڭ بىر پۇتى خەلق بولسا يەنە بىر پۇتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار. قانۇننىڭ نوپوزىنى خەلق قوغداشقا ئۇرۇنسا قانۇنچىلارنىڭ كۈلگىسى كەلگەن دەۋر قانۇننى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۆزىنى پەدەزلايدىغان دەۋردۇر.
قانۇننىڭ نوپوزىنى قوغداشنى مەخسەت قىلغانلار ھەرگىزمۇ يۇلىۋېتىشقا تېگىشلىك بولغان مىق ئەمەس. بۇ مىق سىز ئويلىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچى بولىشى مۇمكىن.
بۇنى ئېتىراپ قىلىش، خەلقنىڭ نازارىتىگە قانۇن تاپشۇرۇش تارىخى بولمىغان ئادەملەرگە ئاسان ئەمەس.
AbdurehimAblathanAbdurehimAblathanAbdurehimAblathan
ئاتالمىش مىللى مۇستەقىللىق توغرىلىق بايانلارغا كېلەيلى.مىللى مۇستەقىللىق توغرىسىدا مەيلى دىن ياكى ماتىريالىزىمدا ھەرقانداق مىللەت چوقۇمكى مۇستەقىل بولىشى كېرەك دەيدىغان تەلىمات يوق. ئەمما ھەر مىللەت ئادىمىزاتىنىڭ تىنىچ ۋە باراۋەر ياشىشىنى تەرغىپ قىلىدىغان مەزمۇنلار ساماندەك.
ماۋۇ مىسالغا دىققەت قىلايلى.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ھايتى1804– يىلى فىرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى قوغلاپ مىللى مۇستەقىللىقنى جاكالىغان. ئەمما 200 يىلدىن بۇيان بۈگۈنگە قەدەر ھايتى خەلقى نامراتلىق ، قالايمىقانچىلىقلار ئىچىدە تولغىنىۋاتىدۇ.
ئامىرىكىلىق دىنىي زات روبسون ، ھايتىنىڭ مۇستەملىكە دەۋرى بىلەن ھازىرقى مۇستەقىل دەۋرىنى سېلىشتۇرۇپ" ھايتىلىقلار ئىلگىرى شەيتان(مۇستەقىللىق ئىدىيىسى) بىلەن كېڭىشىپ، فىرانسىيىلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىشقا ياردەملەشسە ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان . شەيتان ئۇلارنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بولۇپ . فىرانسىيىلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىشىغا ياردەمدە بولغان. شۇندىن بۇيان ئۇلار شەيتاننىڭ كەينىدىن مېڭىپ بالايى-ئاپەتتىن خالى بولالمىدى." دەپ باھا بەرگەن.
مۇستەبىتلىكنىڭ سۈپىتىنى كىم باھالايدۇ ؟
مۇستەقىللىق قاچىغا باستۇرۇلغان بىر شەيئى خالاس، قاچىنى ئاچقاندا ئۇنىڭ پوق ياكى ھالۋا ئىكەنلىكىگە كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ !؟
ھايتى پاجىئەسى يالغۇز ئەمەس. ئاتالمىش مۇستەبىتلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ دىموكىراتىيەگە ئېرىشتۈرۈش مەخسىتىدىكى كۆپ دۆلەت قوشۇنلىرى پەقەت ئافغانىستان، ئىراقتىلا ئەمەس.
ئاشقۇن مىللەتچىلىك مىللەت ئەزالىرىغا نەچچە ئەۋلات يەتكۈدەك ئازاپ-ئوقۇبەت كەلتۈرگەن. دۇنيانىڭ ئاخىرقى قۇتۇبى ھەرگىزمۇ بارلىق مىللەتلەر دۆلەت قۇرۇش دەيدىغان نەزىريە ئەمەس. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، نىمە ئۈچۈن ئىمپىراتور چارلېستىن تارتىپ ناپولېئون بىلەن گېتلېرغىچە شۇنچىلىك كۈچەپمۇ بىرلىككە كەلتۈرەلمىگەن ياۋروپا بۈگۈن نىمىشقا ئۆزلىگىدىن بىرلىككە كېلىۋالىدۇ ؟
يۇقۇرقى شەخىسلەر ياۋروپانى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپادىكى بېسىۋېلىنغان مىللەتلەر تەرىپىدىن تاجاۋۇزچى دەپ ئاتالغان ئىدى. ئۇنداقتا بۈگۈنكى تاجاۋۇزچى كىم ؟
بۇ تاجاۋۇزچى دەل ياۋرو رايونىدىكى ھەممە مىللەتلەر ئارىسىدا يۈرگۈزۈلگەن ئىشەنچ ۋە باراۋەرلىك ئاستىدىكى يېڭىچە مۇناسىۋەت. بۇ ھېچكىم تاقابىل تۇرالمايدىغان شۇنداقلا ھەممە مىللەت قارشى ئالىدىغان تاجاۋۇزچىدۇر.
ياۋروپا تارىخىدىكى مىللى ئازاتلىق كۈرەشلىرىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن ئېنگىلىزلار بىلەن كۈرەش قىلغان فىرانسۇز قەھرىمان ژېننى دارك، ئاۋىستىرىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ئىتالىيە مىللى ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ داھىسى گاربالدى، شۇنداقلا نېمىسلارنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى ياۋروپادىكى مىللى ئازاتلىق ھەركەتلىرىنىڭ بىر قاتار رەھبەرلىرى ياۋروپانىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىدەك بۈگۈنكى رىئاللىقتا ئۆزىنىڭ تارىخىي قىممىتىنى يوقاتتىمۇ ؟
ئەلۋەتتە يوقاتمايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆتۈرگىنى نوقۇل مىللى مۇستەقىللىق تۈغى بولماستىن بەلكى مىللىتىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىغان مەنپەئەتىنى قوغداشتۇر. ئۇلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى قانداقتۇ مىللى دۆلەت قۇرۇش دەيدىغان تار ئۇقۇملا ئەمەس ئەلۋەتتە.
دىمەك بارچە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەت تۇغى ئاستىغا ئۇيۇشىشى ئىنسانىيەتنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى ئاخىرقى نۇرلۇق پەللە.
يۇقۇرقىدەك ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كەلگۈسى ئىستىقبالى قاراڭغۇ بولغان ئاتالمىش مىللى مۇستەقىل دۆلەت دەيدىغان ئۇقۇم بۈگۈنكى دۇنيادا زور سانلىق مىللەتلەرنى قىزىقتۇرمايدۇ. خەلق ئۈچۈن يالتىراق شوئارلارغا قارىغاندا ئۆزىنىڭ تىنىچ تۇرمۇشى ۋە ھاياتلىق كاپالىتى بەكرەك مۇھىم.
مىللى ئازاتلىق ئۆزى ئىشلىگەن مەھسۇلاتمۇ ياكى ئىمپورت قىلغان سىرتنىڭ مەھسۇلاتىمۇ ؟
تارىختىن بۇيان كۆپ ھاللاردا بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىغا مۇناسىۋەتلىك مىللى مەسىلىلەر ئىمپورتقا تايىنىپ قالغان. سىرتتىن ئېمپورت قىلىنغان مىللى ئازاتلىق ھەركەتلىرى بۇ رايونلاردا تەكرار يۈز بەرگەن. ئەسلىدىكى مىللى ئازاتلىق رەھبەرلىرى يەنە بىر قېتىملىق مىللى ئازاتلىق ھەركەتلىرىدە دۈشمەن تەرەپ بولۇپ قالغان تىراكومىدىيىلىك ۋەقەلەرمۇ يۈز بېرىپ تۇرغان.
بىر مىللەتنىڭ مىللى مۇستەقىللىقىغا زادى كىم ھەقىقى ۋەكىل بولالايدۇ ؟
.بۇ سوئالغا، شۇ مىللەتتىن چىققان ئادەم ۋەكىل بولالايدۇ. دەپ كېسىپ جاۋاپ بېرەلمەيمىز. چۈنكى شۇ مىللەتتىن چىققان نۇرغۇن مىللى قەھرىمانلار كېيىن مۇناپىققا ئايلانغان.
بىر مىللەتكە يەنە بىر مىللەت يول باشچى بولالمايدۇ دەپمۇ ئېيتالمايمىز. چۈنكى نۇرغۇن ماركىسىزىمچى ۋە ياكى ئىدىئالىزىمچىلار ئۆز مىللىتىدىن باشقا مىللەتلەرنىمۇ بەخىتكە ئېرىشتۈرگەن.
دىمەك ئاتالمىش مىللى مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى شوئارى ھېچنىمىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭ نائېنىق نەتىجىسى ھەقىقى ھۆكۈم بولالايدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتا بىزنى سالقىنلىق بىلەن ئويلىنىشقا مەجبۇرلايدۇ.
بىر دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىنى ساقلاش پەقەت دۆلەت ئاپاراتلىرىنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس. بۇ پۈتۈنلۈكتىن ۋە ئەمىنلىكتىن بەھرە ئېلىۋاتقان ھەممە مىللەت ئەزالىرى كۆز ئالدىدىكى قىسمەن كىچىك مەسىلىلەردە بولسىمۇ ئاز-تولا بەدەل تۆلەش ھېساۋىغا دۆلەتنىڭ ئەمىنلىكى، مۇھىمى ئۆزىنىڭ بەختىنى قەدىرلەش ئۇلارنىڭ بۇرچى.
مىللى مۇستەقىللىق، دەرسلىكلەردە ئېيتىلغاندەك پەقەت مىللى مۇستەقىللىققا ئېرىشتى دىيىش بىلەنلا ئاخىرلىشىدىغان نۇقتا ئەمەس.
مۇستەقىللىققا ئېرىشىشكەندىن كېيىنكى جەمىيەت بىلەن مۇستەقىللىققا ئېرىشىشتىن ئىلگىركى جەمىيەت ئوتتۇرىسىدا بەلكىم ياخشىلىنىش بولىشى مۇمكىن . شۇنداقلا تېخىمۇ زور بالايى-ئاپەت يېتىپ كېلىشى بۇ مۇستەقىللىق بىر-ئىككى سىياسىئوننىڭ غايىسى ئۈچۈن ئومومى خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىدىغان مۇستەقىللىق بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
دۇنيادىكى مىللى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن مىللەتلەر ئاز بولمىغىنىدەك نۇرغۇن مىللەتلەر بىر گەۋدىلىشىپ خاتىرجەم ئىناق ياشاۋاتقان دۆلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس.
باشقىلار بەرگەن رەڭدار كۆزەينەك بىلەن ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش تۈز يولنى ئىگىز-پەس، مامات سەپىرىنى ھاياتلىق كۆرسىتىپ قويىشى مۇمكىن.
شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدە بار بولغان ئەسلىدىكى ئەۋزەللىكلەردىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى ھەم تەبىئى.
شۇڭا مۈمكىن بولىدىغان دائىرىدە ئۆزىنىڭ ھاياتلىق تەرەقىياتىنىڭ تۈز بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىش، ئېنىقسىز ئاپەتتىن زور دەرىجىدە ياخشى.
مەيلى قايسىلا مىللەت ئەزاسى بولمىسۇن ئۆزىنىڭ ياشاۋاتقان دۆلىتىنىڭ ئامانلىقىنى، ئۆز مىللىتىنىڭلا ئەمەس قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ بەختىنىمۇ ھەممىنىڭ ئالدىغا قويىشى ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ بەختىنى ئالدىغا قويۇش بىلەن باراۋەردۇر.
مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە مىللى سالاھىيەت كاپالىتى توغرا ھەل بولمىغان ئورۇنلاردا شۈبھىسىز مىللى ئازاتلىق ھەركەتلىرىمۇ ئۇدا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىككىسى قېرىنداشلاردۇر. چەتئەللەردە يۈز بېرىۋاتقان ھەر-خىل شەكىلدىكى مىللى ئازاتلىق ھەركەتلىرى سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر.
بۈگۈنكى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ھەر-خىل مىللەتلەر بىرلىكتە ياشاۋاتىدۇ. شۇنداقلا بۇ مىللەت ئىچىدە قىسمەن بۆلگۈنچىلەرنىڭ بولىشى تەبىئى ئىش. ئەمما ئومومى خەلق ئىچىدە ئۇلارنىڭ نوپوزى يوق. مىللى سالاھىيەت ۋە مىللى مەنپەئەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىش بۆلگۈنچىلىك بىلەن بولغان ئەڭ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك كۈرەش شەكلى.
ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق چوقۇم ئىجابى ئۈنۈم قازىنىدۇ.
AbdurehimAblathanAbdurehimAblathanAbdurehimAblathan
ئاخىرىنى مىللەتلەر ئىتىپاقلىغى توغرىسىدىكى بايانلار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز.
مىللەتلەر ئىتىپاقلىغى چوڭراق ئېيتساق ئىنسانلار ئىتىپاقلىغى كىچىكرەك ئېيتساق خوشنىلار ئارا مۇناسىۋەتكە ئوخشاش ئاددى شەكىل-مەزمۇنغا ئىگە. ئۇ ھەرگىزمۇ ئالاھىدە بولغان مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ئەمەس.
مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىمۇ باشقا ئىتىپاقلارغا ئوخشاش ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەت زەنجىرىنى ئاساس قىلىدۇ.
خوشنىلار ئارا مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەنلەر ياكى ئۈچۈنچى دۇنيا ئەللىرى بولمىغاندەك بىر دۆلەتتىكى مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئۇنداق دەرىجە بولمايدۇ. خوشنىلار ئارىسىدىكى مەلۇم بىرەيلەن ئۆزىنى باشقا خوشنىلارنىڭ غەمگۈزارى ياكى قۇتقۇزغۇچىسى سانىۋالسا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. مىللەتلەر مۇناسىۋىتىمۇ شۇنداق.
خوشنىلار ئارا، بىرەيلەن ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئويلاپ باقماي، قارشى تەرەپنىڭ كۈلۈمسىرەپ سەمىمى بولىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالسا بۇ خوشنىدارچىلىق باشقا چىقمايدۇ.
مەيلى بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ پۇخراسى بولسىلا ۋە ياكى ئەجدىھانىڭ نەسلىدىن بولسىلا، ۋە ياكى رەسۇل- پەيغەمبەرنىڭ مىللىتىدىن بولسىلامۇ باشقا مىللەتلەرگە تەكەببۇرلۇق بىلەن تاشلاپ بەرگەن سەدىقىلىرى ياكى ئوراپ بەرگەن زەللىلىرى كېرەك ئەمەس. پەقەت باراۋەر سالام-سائەتلىرى كېرەك. ھەممەيلەنگە ئورتاق دۇنيادا باراۋەر سېلىنغان قەدىمى كېرەك.
خوش، ئىتىپاقلىقتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل مۇناسىۋەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تاتلىق ئارزۇ-تامالاردا بولدۇق. بىراق ؟!.............
توغرا، سىز كالا سۈتى ئىچمەكچىمۇ ؟ ئۇنداقتا تۆت يۈئەن پۇل چىقىرىڭ. سىز گۆش يەپ چىشىڭىزنىڭ خۇمىرىنى باسماقچىمۇ ؟ ئۇنداقتا قىرىق يۈئەن پۇل چىقىرىڭ.
ئاددى تۇرمۇش مەنتىقىسىدە سىز قانچىلىك نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز چوقۇمكى شۇنچىلىك بەدەل تۆلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.
باشقىلارنىڭ ھەمكارلىقىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، سىزمۇ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىنى ئۈگىنىڭ. باشقىلارنىڭ سىزنى ھۆرمەتلىشىنى ئۈمۈت قىلسىڭىز سىزمۇ ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭ.
دىمەك ئىتىپاقلىققا مۇھتاج ھەر قايسى تەرەپ چوقۇمكى مەردانلىق بىلەن بەدەل تۆلەشنى خالىغاندا بىز ئىزدەۋاتقان ئىتىپاقلىق چوقۇم قولغا كېلىدۇ.
ئىتىپاقلىق ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل، قارىماققا ئۆزىمىز ئۈچۈن بولماي بەلكى قارشى تەرەپ ئۈچۈنلا بولىۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ كەلگۈسىدە قارشى تەرەپكىلا ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزگىمۇ پايدىسى تېگىدۇ. بۇ بەدەلنىڭ نەتىجىسى، كالا سۈتى سېتىۋالغاندەكلا تېز قايتۇرۇلمايدۇ. ئەمما چوقۇم قايتۇرۇلىدۇ. بىزنىڭ تۆلىگەن بەدىلىمىزدىن قارشى تەرەپ ئىزا تارتىدۇ. ئىككى تەرەپ تۆلىگەن بەدەل بىلەن ئۆزىمىز ۋە ئەۋلادىمىز خاتىرجەم ئىتىپاق ياشايدۇ. بىزدىن ئۇلارغا بىر تال تۇخۇم يىيىش ئۈچۈن چوقۇمكى بەش مو بولسىمۇ پۇل تۆلەش كېرەكلىگى مىراس قالىدۇ.
بىز ئىتىپاق دىگەن مىنۇتتىن باشلاپ ئىتىپاقلىق ئورنىتىلغان بولمايدۇ. ھەر قانداق ئىتىپاقلىق كەلگۈسىگە تەۋە نەتىجە. ھەممىمىز ئىتىپاقلىق ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە باشلىغاندىن كۈندىن تارتىپ بىزنىڭ ئىتىپاقلىق بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز كۈنسېرى يېقىنلاشقا باشلايدۇ.
ئىتىپاقلىق ئىككى چاۋاكنىڭ ئاۋازى، يالغۇز چاۋاكتىن سادا چىقمىغاندەك، تەڭپۇڭ چالمىغان ئىككى چاۋاكمۇ مەڭگۈ ئۈچراشمايدۇ ھەم سادا چىقىرالمايدۇ.
ئىتىپاقلىق ساداسى ئىككى چاۋاكقا مۇھتاج بولغاندەك يەنە باراۋەر ئورۇن ۋە شارائىتقىمۇ مۇھتاج.
تەڭپۇڭ ئورۇندا تۇرۇپ قول تۇتۇشقاندا ھەقىقى كۈچكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىرەيلەن ئىگىزدە يەنە بىرەيلەن پەستە تۇرۇپ قول تۇتۇشسا، ئۆز-ئارا يۈك بولۇپ قالىدۇ.
بۈگۈنكى دەۋردە ئۆزىنىڭ مىننەتسىز ئەجرى ھېساۋىغا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تۆھپە قوشۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان ھەر مىللەت خەلىقلىرى بىزنىڭ ئۆرنەك ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئۇلار مەلۇم ماددى مەنپەئەت ياكى مەنىۋى شەرەپ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي ئورتاقلىق مەخسىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا.
AbdurehimAblathanAbdurehimAblathanAbdurehimAblathan
مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە كەلگۈسىدىكى ئىتىپاقلىق ئۈچۈن تۆنۈگۈنكى تارىخ چەتنەپ ئۆتكىلى بولمايدىغان تېمىدۇر.
تارىخ ھېچكىم كۆز يۇمۇشنى خالىمايدىغان رىئاللىق.
تارىخنى كىم يازىدۇ ؟!
تارىخنى پەقەت ئىلمى تارىخچىلار يازالايدۇ. خۇددى سىماچىئەندەك.
خەن ۋۇدى تارىخچى بولالمايدۇ. ئەگەر جوڭگو تارىخىنى خەن ۋۇدىدەك سىياسىئون يازغان بولسا ئۇ بۈگۈن ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن زىدىيەتلىك بايانغا ئايلىنىپ قالاتتى. بۇنىڭدا بۈگۈنكى پايدىلىقتەك كۆرۈنگەن ئۇقۇم كېيىكى زاماندا زىيانلىق بايانغا ئايلىنىپ قالغان بولاتتى. گېتلېرنىڭ تارىخنى بۇرمىلاپ ئەجداتلىرىنىڭ ئەسلى ماكانىنى چىڭخەي-شىزاڭ ئىگىزلىكىدىن ئىزدىمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار.
تارىخىي ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ خاراكتىرى ئۆزگەرمەيدۇ. ئەمما ھەر بىر دەۋردىكى سىياسئوننىلارنىڭ خاراكتىرى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
شۇڭا سىياسىئونلارنىڭ قەلىمىدىن چىققان تارىختا، تارىخىي شەخىسلەرنىڭ خاراكتىرى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. بىرى ئەزگۈچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلغان دەپ يازغاننى يەنە بىرى بۆلگۈنچى دەپ يازىدۇ. بىرى زالىم ئەمەلدار دىگەننى يەنە بىرى مىللى قەھرىمان دەپ يازىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن ھەر ئون يىلدا تارىخ دەرسلىكىمۇ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ.
تارىخ ھاجەتخانە ئەمەس. ھاجەتخانە پۇل تاپقانچە ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەمما تارىخنىڭ چېكىتىنى ئۆزگەرتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇ، بەكمۇ يىراقتا قالغان زامان.
كولۇمبو چوڭ قۇرۇقلۇقنى تاپقان ئەمەس بەلكى جەننەت كەبى تىنىچ بىر ماكاننى بايقىۋالغان. بۇ بايقاش ھەرگىزمۇ مەلۇم كاننى ياكى يېڭى ئېلىمىتنى بايقىغانلىق ئەمەس.
ئەشۇ كولۇمبونى ئىندىئانلارغا قەھرىمان ياكى بۈيۈك دىپلومات دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟!
ھېچنىمىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. پەقەت ئىندىئانلارنىڭ تارىختىلا ئەمەس بەلكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشمەنلىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق سالاھىيەتتىكى قەھرىمانلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۆتكەن. ئۇلار ئىشپىيونلۇق ۋە شۇملۇق بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا كەچۈرگۈسىز بۇزغۇنچىلىقلارنى قىلغان.
بىر مىللەتنىڭ تارىختىكى ھەممە ھەركىتى مۇتلەق توغرا بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەرقانداق مىللەت بۇنداق سالاھىيەتتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. خۇددى فاشىستلاردەك،
شۇنداقلا قانچىلىك قانخور مىللەت بولسىمۇ تارىختىكى بارلىق ھەركىتى خاتا بولمايدۇ. بۇنداق كەمسىتىش ھەرقانداق مىللەتكە مۇناسىپ كەلمەيدۇ.خۇددى يەھۇدىلاردەك.
بىر مىللەتنىڭ پۈتۈنلەي توغرا يەنە بىرىنىڭ تۈپتىن خاتا ھېساپلانغان بايانلار مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى مەجبۇرلاش ۋاستىسىغا ئايلىنىپ مىللى سىياسەتنىڭ مەزمۇنىغا نۇقتىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھەممە مىللەتنىڭ تارىخى كەچۈرمىشلىرىدە پەخىرلىنىدىغان ۋە ئۆرتىنىدىغان سەھىپىلەر بولىدۇ. سىنىپىي ۋە مىللى زىدىيەت يوقالمىغان تارىخىي جەمىيەتتە ئىرقىي ۋە مىللى كەمسىتىشمۇ مەۋجۇت بولغان.
تارىخنى تەكىتلەش، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش رولىنى ئوينايدۇ.
تارىخنى قانداق تەكىتلەش كېرەك ؟!
ئەلۋەتتە، تارىختا بارچە مىللەت ئەكسىيەتچىل ئىدىيەلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئوخشاش ئۇچرىغان. بۇنداق زىيانكەشلىككە مەلۇم مىللەت ياكى مەلۇم ئىرقلا ئۇچرىغان ئەمەس. شۇڭا بىز رەت قىلىشقا تېگىشلىكىنى رەت قىلىشىمىز . ئېتىراپ قىلىشقا تېگىشلىكنى ئاق تەنلىك تاجاۋۇزچىلارنىڭ يەرلىك ئىندىئان مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلتۈرگەن ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى بۈگۈنكى ئاق تەنلىكلەر ئېتىراپ قىلغاندەك، شۇنداقلا ماۋزېدوڭ كونا جوڭگودىكى مىللى زىدىيەتنىڭ مەنبەسىنى يۇقۇرىدا تەكىتلىگەندەك مەردانە بولىشىمىز كېرەك.
ئازاتلىق دىمەك باراۋەرلىك دىمەك.
بىز موڭغۇللارنىڭ يۇەن سۇلالىسىنى قۇرۇش ھارپىسىدىكى قىرغىنچىلىقىنى خەنزۇلارنى يورۇقلۇققا ئېرىشتۈردى دىيەلمەيمىز. تۈركىستان گېنىرال گوبىرناتورلىغى بىلەن قوقان دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى قىرغىنچىلىقلارنى، ئورۇسلارنىڭ تۈركى خەلىقلەرنى ئازاتلىققا ئېرىشتۈرىشى دىسەك خاتالىشىمىز. گېتلىر گېرمانىيىسىنىڭ ۋە ياپون سامورايلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىنى نادان مىللەتلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن دىيەلمەيمىز. چۈنكى بۇ يۇقۇرقى ۋەقەلەر باراۋەر نەتىجىنى نىشان قىلماي مەلۇم مىللەتنىڭلا مەنپەئەتىنى مەخسەت قىلغان.
ئەگەر سوۋېت كومىنىستلىرىدەك، ئورۇس مىللىتىدىن باشقا مىللەتلەر تارىخىنى قاراڭغۇلۇق پەقەت ئورۇس ھۆكۈمرانلىقىدىكى دەۋرىنىلا يورۇقلۇق ھىساپلىساق تارىخىي ماتىريالىزىملىق كۆز قارىشىغا خىلاپلىق قىلىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا مىللى زىدىيەتلەر ئۈستى-ئۈستىگە ئاقارتىلىپ تۇرىدىغان تامنىڭ كونا چالپىقىدەك قېلىۋېرىدۇ. دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ زور كۈچ سەرپ قىلىنغان مىللى ئىتىپاقلىقنىڭ سوۋېت پارچىلانغاندا ھىچقانچە ئۈنىمى بولمىغانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار.
ھەر قايسى مىللى جۇمھۇرىيەتلەر مەركەزگە ئىستىخىيلىك ئۇيۇشۇشنىڭ ئورنىغا ئىلگىركى كومىنىستلار تەرىپىدىن چاك-چېكىدىن بۆلۈنۈپ كەتتى. سۆۋېت روسىيىسى غەرپتىكى دۈشمەن كۈچلىرى تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى ئۆزلىگىدىن خاراپلىشىشقا يۈز تۇتتى. ھېلىقى غەرپلىك ئېيتقاندەك سوۋېت ھۆكۈمىتى مىللى زىدىيەتنىڭ كوچىسىدىن چىقىپ كېتەلمىدى.
مىللى زىدىيەت تارىختىكى ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، لېنىن مىللى زۇلۇم زىياسىتى، ئىستىبداتلىق ۋە خانلىق تۈزۈمنىڭ قالدۇغىدۇر دىگەن بولسا، ماۋزېدوڭ پارتىيە 7-نۆۋەتلىك مەملىكەت قۇرۇلتىيىدا بەرگەن سىياسى دوكلاتىدا گومىنداڭنىڭ خەلىققە قارشى گۇرۇھى، جوڭگودا كۆپ مىللەتنىڭ بارلىغىنى ئىنكار قىلىپ، خەنزۇلاردىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى "نەسىلداش ئۇرۇق" دەپ ئاتىماقتا. ئۇلار پۈتۈنلەي مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ۋە شىمالىي مىللىتارىسلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئېزىش ۋە ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىشتا قىلمىغىنى قالمىدى. 1943-يىلى ئىكىجاۋ ئايمىغىدىكى موڭغۇل خەلقىغە يۈرگۈزۈلگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەسى، 1944-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان قوراللىق باستۇرۇش ۋەقەسى ۋە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان گەنسۇ تۇڭگانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەسى مانا بۇنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر. بۇ چوڭ خەنزۇچىلىققا ئاساسلانغان خاتا ئىدىيە ۋە خاتا مىللى سىياسەت. دەپ كۆرسەتكەن.
ماۋزېدوڭ ئېيتقان ئەكسىيەتچىل سىياسى ئىدىيە تارىختىكى چوڭ مىللەتچىلىك كۆز قارىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ كۆز قاراش يېقىنقى زامان جوڭگو تارىخىدىكى مىللى سىياسەتنى خەنزۇلارغا بېقىندىلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان.
بۇنداق دىيىش خەنزۇلار تارىختىن بۇيان سىياسى ھوقوقتا ئىزچىل يۇقۇرى ئورۇندا دىگەندەك بىر تەرەپلىمىلىكنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى خەنزۇلار قۇرغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىرى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ھون،دىخار، سىيانپىلارنىڭ دۆلەتلىرى، شىمالىي ۋېي، شىمالىي چى، جۇ، لىياۋ،جىن قاتارلىق پادىشالىقلار، جوڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەن يۇەن، چىڭغا ئوخشاش سۇلالىلەرمۇ بولغان. بۇ دەۋرلەردە ھۆكۈمدار قايسى مىللەتتىن بولسا شۇ مىللەتنىڭ سىياسى ئورنى باشقا مىللەتلەردىن ئوخشاشلا يۇقىرى بولغان. قەدىمدىن بۇيانقى سىياسى ھوقوق بىر مىللەتنىڭ قولىدىن يەنە بىر مىللەتنىڭ قولىغا ئۆتۈپ ئۆز-ئارا دەۋرىيلىكنى ھاسىل قىلغان.
يۇقۇرقىدەك بىر دۆلەتتە مەلۇم مىللەتنىڭ سىياسى يېتەكچىلىكى ئاساسى سالماقنى ئىگەللىۋالسا جەمىيەتتىكى سىياسىنى مەركەز قىلغان ئىقتىساد، مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردىمۇ شۇ مىللەتنىڭ مونوپوللىقى شەكىللىنىدۇ. خۇددى ئورۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىكى يېتەكچىلىكىدەك، يۇئەن سۇلالىسىدىكى موڭغۇللارنىڭ يېتەكچىلىكىدەك، ئىلگىركى ئا ق شىتاتلىرىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدەك، چىڭ سۇلالىسىدىكى مانجۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدەك، ئوسمانىيلاردىكى تۈركلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدەك، گومىنداڭ دەۋرىدىكى خەنزۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدەك، ....
تارىختىكى بۇنداق يېتەكچىلىك ھوقوقدار مىللەتنىڭ تەرەقىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ باشقا مىللەتلەرنىڭ تەرەقىياتى سۈنئى بوغۇپ قويىدۇ. مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى باي-نامراتلىق ۋە باراۋەرسىزلىك ئەۋج ئالىدۇ.
مانا بۇ سىنىپىيلىققا ئىگە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ تەغدىرى.
سوتسىيالىستىك يېڭى جوڭگودا مەلۇم مىللەتنىڭ سىياسى يېتەكچىلىك ئورنى باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپقا ئېلىنمايدۇ. چۈنكى سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئومومى مىللەتلەر ھوقوقىنىڭ باراۋەرلىكىنى تەكىتلەيدۇ. سوتسىيالىستىك ئائىلىدە ھۆكۈمران سىنىپ مەۋجۇت ئەمەس. بارچە مىللەت بۇ ئائىلىنىڭ باراۋەر خوجايىنلىرى.
شۇڭا يېڭى جوڭگودا تارىختىكى ئەكسىيەتچىل مىللى مۇناسىۋەتلەر ۋە ھوقوقسىز خەلقنىڭ ئورنى تۈپتىن ئۆزگەرتىلگەن. مىللەتلەر ھەمكارلىقى بىلەن مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقوقى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.
AbdurehimAblathanAbdurehimAblathanAbdurehimAblathan
ھەر-بىر مىللەتنىڭ تارىخىدا مەشھۇر ۋەقە ۋە مەشھۇر قەھرىمانلىرى بولىدۇ. بۇ تېما ۋە شەخىسلەردىن يانداپ ئۆتۈپ كېتىش تولىمۇ قىيىن.مىللى قەھرىمان بىلەن دۆلەت قەھرىمانى ئوخشىمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ مىللى قەھرىمانى ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقا مىللەت بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. دۆلەت قەھرىمانى بولسا شۇ دۆلەتتىكى بارلىق مىللەتلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.
تارىخشۇناس جيەن بوزەن، كونكىرت تارىخ بىزگە فېوداللىق جەمىيەتتىكى مىللى قەھرىمانلار ئادەتتە ئۆز مىللى دۆلىتىنى قوغداش ئۇرۇشلىرى داۋامىدىلا بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. دىگەن.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تارىختىكى مىللى قەھرىمانلار ئومومى ئىنسانىيەت ياكى نۇرغۇن مىللەتلەر مەنپەئەتىنى ئەمەس بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورونغا قويىدىغان تار مىللى خاراكتىرگە ئىگە بولىدۇ.
چىڭگىزخان موڭغۇللارنىڭ قەھرىمانى ئۇ ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى ۋە قەدىمقى تۈركى مىللەتلەر ياكى خەنزۇلارنىڭ قەھرىمانى بولالمايدۇ. زوزۇڭتاڭمۇ شۇنداق، ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەھرىمانى بولالمايدۇ. ناپولېئونمۇ شۇنداق. ئۇ نېمىس ياكى ئورۇسلارنىڭ قەھرىمانى بولالمايدۇ.
چۈنكى ئاز ساندىكىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدىغان كونا تۈزۈلمىدىكى دۆلەتتە مىللى كەمسىتىش ۋە ئىرقچىلىق ئىدىيىلىرى مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋردىكى قەھرىمانلاردىمۇ بۇنداق ئىدىيىلەرنى يوق دىيەلمەيمىز. بەزىدە ئۇلارنىڭ ھەركەتلىرى باشقا مىللەتلەر مەنپەئەتىگە مەلۇم پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ ماھىيەتتە ئۇلار يەنىلا ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.شۇنداقلا بىرىنچىدىن ئۇلار بىر ئوچۇم ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى. ئىككىنچىدىن يەرلىك مىللەتلەر ئېتىراپ قىلىش ئېغىر كەلگۈدەك قىرغىنچىلىقلارنى قىلغان. شۇڭا ئۇلار ئومومى مىللەتلەرنىڭ قەھرىمانى بولالمايدۇ.
دۆلەت قەھرىمانلىرى بولسا ئۆزىنىڭ تار مىللى مەنپەئەتپەرەسلىكىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ خۇددى ماۋزېدوڭ، لىنكولىنلارغا ئوخشاش بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولسىمۇ مىللەتلەر ئازاتلىقىدا چىڭ تۇرالايدۇ. ئۇلاردا ئىرقچىلىق ئىدىيىسى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلار بارچە مىللەتنىڭ قەھرىمانلىرى ھىساپلىنىدۇ.
ئۇنداقتا تارىختىكى ھەر مىللەتنىڭ مىللى قەھرىمانلىرىغا بۈگۈن قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ؟
بىر مىللەتنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى كەچۈرمىشلىرى شۇ دەۋر شارائىتىدىكى مىللى قەھرىمانلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن مۇستەسنا ئەمەس.
تارىختىكى مىللى قەھرىمانلارنىڭ مەلۇم كۆز-قارىشى ياكى بەزى سەلبى ئىش-ھەركەتلىرى ئۈچۈنلا ئۇلارنى شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدىن چىقرىۋەتكىلى بولمايدۇ. چىقىرىۋېتىمىز دىسەك بۇ تارىخنىڭ ئېغى بىلەن بېغى باغلاشماي قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ مىللەتنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا قاراش، ئۆرۈپ-ئادەت مەۋسۈم-مۇراسىملىرىغا قەدەر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۈزۈلمەس خىزمەت داۋاملاشقانچە مىللى كەمسىتىش باش كۆتۈرىدۇ.
ئەگەر قارا-قويۇق ئۇلۇغلىۋەرسەك تارىختىكى مىللى زىدىيەتنىڭ بۈگۈنكى داۋامىغا يول ئېچىلىپ قالىدۇ.
كەمىنىنىڭ قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تارىختىكى قەھرىمانلىرىغا بولغان مۇنۇ پوزىتسىيەيىمنى توغرا دەپ ئويلايمەن.
شىمالىي سوڭ دەۋردىكى مىللى قەھرىمان يۇې فېي غەربىي شىمالدا ياشىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن جەڭ قىلىپ دۆلەتنى قوغدىغان. ئۇ "مەنجياڭخۇڭ" دا:
ئەزىمەت تاماق ئورنىدا ،
يىدى خۇنىڭ گۆشىنى.
ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئورنىدا،
ئىچتى ھوننىڭ قېنىنى.
دىگەن. بۇنىڭدا يۇې فېينىڭ دۈشمەن ئىچىدىكى ھۆكۈمران سىنىپنىلا نەزەردە تۇتماي بارلىق مىللەتنى نەزەردە تۇتقان ئىرقىيچىلىق ئىدىيىسى مەۋجۇت بولسىمۇ بىراق ئۇ يەنىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن چىققان بىر ئەزىمەت. يۇې فېي بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز يەنى شۇ دەۋردىكى ھونلار ئالدىدىكى باتۇرلىقى ۋە دۆلىتىدىكى ۋەتەن ساتقۇچ ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىش ئالدىدىكى تىز پۈكمەس مەردانە ھەركىتى ھۆرمىتىمنى قوزغايدۇ. يۇې فېينىڭ يۇقۇرقى ئىرقىي كەمسىتىش مەزمۇندىكى قوشىغى ئۈچۈنلا بۈگۈنكى كۈندە ئەيىپلەش ياكى كەمسىتىش پوزىتسىيىسى قوللانساق ئەلۋەتتە بولمايدۇ. بۇنى ئەينى دەۋر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر مىللەت سۆيەرلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئەڭ مۇۋاپىق.
دىمەك رىئاللىقنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئومومىيلىق ئاساسىدىكى تارىخىي پوزىتسىيە بىزنى قەدىمقى بىلەن ھازىرقىنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق تارىختىكى نامۇۋاپىق مىللى زىدىيەتنى بۈگۈنگە ئېلىپ كەلمەسلىكنى تەكىتلەيدۇ.
ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تارىختىكى مىللى قەھرىمانلىرىنى بۈگۈنكى سوتسىيالىستىك ئائىلىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇلۇغلىشىنى تەلەپ قىلغاندا ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى قەھرىمانلىرىنىڭ نامىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغاندا بۇ كونا جوڭگودىكى مىللى كەمسىتىش پوزىتسىيىسىدىن پەرقلەنمەي قالىدۇ.
شۇڭا ئاۋامنىڭ ئۆزىنىڭ مىللى قەھرىمانلىرىغا بولغان ھىسياتىنى شۇ مىللەت دائىرىسىدە قوغداپ، ئۇلارنى دۆلەت ياكى باشقا مىللەتلەرگە قەدەر تەشۋىقات ئېلىپ بارماي، يەرلىك مەدەنىيەت دائىرىسىدە ئىلمى خاتىرلەشكە يول قويۇش كېرەك.
مەسىلەن بىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئىدىيىسىدە مىللەتچىلىك ئامىلى كۈچلۈك دىگەن سەۋەپ بىلەن چەتكە قاقساق، خۇددى قاراڭغۇ جەمىيەتتىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن پەرقلەنمەي قالىمىز. گومىنداڭ دەۋرىدە مىللى باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلغان جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن بۇ ئەزىمەت بۈگۈنكى كۈندىمۇ جىنايەتچى ھىساپلىنىپ قالمامدۇ ؟
شۇڭا بىز كونا جوڭگودىكى مىللى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ سېسسىق ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلىدۇق. ھەمدە تارىخقا ماتىريالىزىملىق نۇقتىنەزەر قوللاندۇق. چۈنكى قەھرىمان دىگەن بىرلا مىللەتتىن چىقمايدۇ. ھەممە مىللەتنىڭ ئۆز تارىخىي كەچۈرمىشىگە مىللى مۇھەببىتى بولىدۇ.
ھەر-بىر مىللەتنىڭ بۈگۈنكى مائارىپ مۇۋەپىقىيەتلىرى، ئۆتمۈشتىكى مائارىپ سەركىلىرىنىڭ تۆھپىلىرى بىلەن شەكىللەنگەن. بۇ سەركىلەرنىڭ كوڭزىنىڭ ۋە سوقراتنىڭ سەۋەنلىكىگە ئوخشاشلا مەلۇم سەۋەنلىكى بولىشى مۈمكىن.
ھەر-بىر مىللەتنىڭ بۈگۈنكى ھاياتلىق توپى تارىختىكى قەھرىمانلىرىنىڭ قان كېچىپ قىلغان كۈرەشلىرى بىلەن ساقلىنىپ قالغان بولسا مەۋسۈم-مۇراسىملىرى ئۇلارنى خاتىرلەش ئۈچۈن پەيدا بولغان. بۇ قەھرىمانلارنىڭ يۇې فېي، ناپولېونلارغا ئوخشاشلا بىرقىسىم نامۇۋاپىق سۆزلىرى بولىشى ھەم مۇمكىن.
بۈگۈن كوڭزىنىڭ، سوقراتنىڭ، يۆې فېينىڭ ۋە ناپولېئونلارنىڭ تارىخىي ئورنىنى ۋە تۆھپىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىيالمىغاندەك باشقا شەخىسلەرنىمۇ شۇ مىللەت تارىخىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى بولمايدۇ.
بىر مىللەت تارىخىي شەخىسلىرىنىڭ ئورنىغا مەلۇم كىشىلەر توپنىڭ ئارزۇسى بويىچە ھۆكۈم قىلىش، ئەزىمەتلەرگە خاس بولمىغان نامەرتلىك . بۇنداق نامەرتلىك كونا جەمىيەتتە، دۆلەتنىڭ سىياسى ۋە مەنىۋى ھاۋاسىنىڭ مەلۇم مىللەت تەرىپىگە ئېغىپ كەتكەنلىكىدە كۆرۈلگەن ئەھۋال.
بۇنداق ئەھۋالدا تۆۋەن مىللەتنىڭ تارىخى ۋە قان-ياشلىق كەچۈرمىشى ئىنكار قىلىنىدۇ ۋە يوشۇرۇلىدۇ. ئىنكار قىلىشنىڭ نەتىجىسى شۇ مىللەتنى مىللەت قاتارىدا كۆرمەسلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئورۇسلارنىڭ كوڭلىنى دەپ ناپولېئوننى تولۇق سەلبى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويالمايمىز. بىز فىرانسۇزلارنىمۇ ئويلاشمىساق بولمايدۇ. كوڭزىنىڭ قىسمەن تەشەببۇسلىرى ئۈچۈنلا ئۇنى مۇتلەق ناچار پەيلاسوپ ھىساپلاشقا بولمايدۇ. بولمىسا جوڭگودىكى خەنزۇ خەلقىنىڭ تارىخىي ئورنىنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ.
كومىنىستىك پارتىيە خىتاپنامىسىدە ئېيتىلغاندەك ئاتالمىش ئىلغار مىللەتلەر مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن ئاتالمىش قالاق مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ ئۆزلىرىگە مەنپەئەتلىك بىر دۇنيا قۇرىۋالىدۇ.
اللە بۇ دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى جۈپ ياراتقان، ياڭاقنىمۇ شاكىلىغا ئورىغان. تەنقىدى پوزىتسىيە بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پايدىلىنىش__ كېيىنكىلەرنى شەيئىلەرنىڭ پايدىلىق ماھىيىتى بىلەن يەنى ياڭاقنىڭ مېغىزى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ.
بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغاندىن، ئۇنىڭغا سەمىمىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق. كۈننى ئىتەك بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئۈنىمى بولمايدۇ. بۇ تىرىشچانلىققا سەۋەپ بولغان زېھىن ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاز بىر قىسمى بىلەنلا يېڭىچە مىللى مۇناسىۋەتلەرنى ئورۇنلىغىلى بولىدۇ.
ئۇنداقتا ئومومى مىللەتلەرگە ئورتاق قەھرىمان بولمامدۇ ؟
بولىدۇ.
باراۋەر تۈزۈلمە ئاستىدىلا ئورتاق مەنپەئەت ھاسىل بولىدۇ. ئورتاق مەنپەئەت ئورتاق قەھرىمانلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
سوتسىيالىستىك ئورتاق يېڭى ئائىلىدە بارلىققا كەلگەن مىللى قەھرىمانلار بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. خۇددى ماۋزېدوڭ، پاۋىل كورچاگىن، دىڭشاۋپىڭلارغا ئوخشاش.
خۇلاسە كالام، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تارىخىغا مەردانە مۇئامىلە قىلالىغان مىللەت، كەلگۈسىگىمۇ مەردانە يۈزلىنەلەيدۇ.قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا
جىگدە قۇدۇق كەنت.
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى
مەزكۇر يوللانما يازما ئىگىسىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن چەۋەندازلار بلوگىغا يوللاندى.
يازما ئاپتورى ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان تور خاتېرىسى
http://ablathan.blogbus.com/历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us