-
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنىڭ چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-12 گە ئىشتىراك قىلىشىڭىزلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن! چەۋەندازلار بىلوگى بۇندىن بىر يىل بۇرۇن چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى. مانا بۈگۈن 12-سانىنى يوللاپ تورداشلار بىلەن بىرگە چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سېلىپ ئولتۇرماقتىمىز. بۇ بىر يىللىق ساندا چەۋەندازلار بىلوگى ئىزچىل تۈردە تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. چەۋەندازلار بىلوگى يېقىندا ئۆزىنىڭ چوڭ بىر قەدىمىنى ئېلىپ تەرەققىيات قەدىمىنى تىزلەتمەكچى. ھەمدە چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى مۇشۇ سان بىلەن تامام. ئۇنداق بولسا تورداشلارنىڭ بۇ سانلىق ئومۇمىي خۇلاسىلىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-12گە نەزەر سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنىڭ 10- قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى>>غا ئىشتىراك قىلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. چەۋەندازلار بىلوگى قۇرۇلۇپ 3 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە بلوگباس سۇپىسىدا ئۆزىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى بېسىپ كەلدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئۆتتى ۋە تورداشلارنىڭ، بىلوگگىرلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلدى. بۇ جەرياندا چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىگە خاس قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەپ تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. ھەمدە خەلقىمىز ياقتۇرغان بىلوگلارنىڭ بىرى بولدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ ئايلىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى يېقىندىن بۇيان چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ يەنى بلوگباس سۇپىسىنىڭ سۇۋىشى سەۋەبىدىن زىيارەت ئېقىم مىقدارى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا سەل تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. چەۋەندازلار بىلوگى مەيلى زىيارەت قېتىم سانى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۈزلۈلدۈرمەي ھالدا ئۆزىنىڭ <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى>>نى ئېلان قىلىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشىدىن چەۋەندازلار بلوگىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالايسىز دەپ قارايمەن. ئۇنداقتا نەزىرىڭىزلار <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-10>>دا بولسۇن!
-
2010-12-29
چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-7 Qawandazlar" Uqturushi-7" - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنىڭ 7- قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>غا ئىشتىراك قىلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. ئۆتكەن بىر چەۋەندازلار ئېيىدا چەۋەندازلار بلوگى زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەمدە ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم تارقاتقان <<كۆك چەۋەندازلار>> ئۇسلۇبىنى تارقاتتى. ئوخشاشلا ھەم بۇ ئايدا چەۋەندازلار بلوگى زور ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. دەل مۇشۇ ئايدا چەۋەندازلار بلوگى ئىلگىرى ئىشلىتىپ كەلگەن رەسىم يوللاش توربىكىتىدىكى ھېساباتىدىن چاتاق چىقىپ بلوگ يۈزىدىكى رەسىملەر پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا كېلىپ قالدى. 30 سائەتكە يېقىن ئۈزۈلدۈرمەي تىرىشىش ئارقىلىق تېزلا بلوگىنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بەزەن رەسىملەرنى زاپاسلىۋالمىغانلىقىم تۈپەيلى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قېيىنغا توختىدى. ھازىر ئاساسەن بلوگ يۈزى نورمال ھالەتكە قايتىپ كەلدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>مۇ سىزلەرنى قايىل قىلدۇرغۇسى! قېنى ئەمسە نەزىرىڭلار <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى-7>> دە بولسۇن!
-
2010-11-29
چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-6 Qawandazlar" Uqturushi-6" - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار. چەۋەندازلار بلوگىنىڭ 6-قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>غا دىققەت قىلىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>> ئۇدا 6 نۆۋەت ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. ھەمدە بۈگۈنكى كۈندە چەۋەندازلار بلوگى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا 30مىڭلىق ئۆتكەلدىن بېسىپ ئۆتتى. بۇ ئەلۋەتتە تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە مەدىتىدىن كەلگەن نەتىجە ئەلۋەتتە. بۇ بىر چەۋەندازلار ئېيىدا چەۋەندازلار بلوگى گەرچە بلوگباس سۇپىسىدىن كاشىلا چىققان بولسىمۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆزىنىڭ قەدىمىنى تىزلىتىپ تەرەققىيات سۈرىتىنى ساقلاپ كەلدى. بۇ قېتىمقى <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى-6>>دە چەۋەندازلار بلوگى ئۆزى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئورىناتقان چەتئەلنىڭ IP خاتېرلىگۈچىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ ھەم ئاشكارىلىماقچى. سىلەرنىڭ نەزىرىڭلارنى سېلىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ قېتىمقى <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>نىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ ئوخشاشلا ھەم سىزنى قايىل قىلغۇسى! قېنى ئەمسە نەزىرىڭىزلار <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى-6>>دە بولسۇن! -
2010-10-29
چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز! Qawandazlar Blogining Qurulghanliqining 3 Yilliqini Qutluqlaymiz! - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
ئەسسالامۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بۈگۈن 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىق كاتتا تەنتەنە كۈنى. بۈگۈنكىدەك چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلۇپ 3 يىل بولغان قۇتلۇق كۈندە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى يېرىدىن زىيارەت قىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ ئالىي ئېھتىرامىنى بىلدۈرىدۇ! چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ 3 يىللىق مۇساپىسىدە نۇرغۇنلىغان ئەگرى توقايلىقنى بېسىپ ئۆتتى. نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە مەدىتىگە ئېرىشىپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەۋەندازلار بلوگى پۈتۈن تورداشلارغا ئۆزىنىڭ ئالىي سالىمىنى يوللايدۇ ۋە بارلىق تورداشلارغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ! چەۋەندازلار بلوگى ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ يولىدا توغرا ۋە مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەپ كەلدى. بۇ ئىلگىرلەش ۋە مۇۋاپپىقىيەتلەرنى ئەلۋەتتە تورداشلارنىڭ ۋە بلوگگىرلارنىڭ قىزغىن مەدىتى، ياردىمى ۋە قوللىشى ئارقىلىق قولغا كەلتۈردى ئەلۋەتتە. بۇ جەرياندا چەۋەندازلار بلوگى بىلەن ھەمكارلىق ۋە دوستانە مۇناسىۋەت ئورىناتقان تور بىكەت ۋە بلوگىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15 ۋە 66 بولۇپ (يۇقاردىكىسى پەقەت چەۋەندازلار بلوگىدىكى دوستانە ئۇلىنىش قاتارىدىكى بلوگلارنى كۆرسىتىدۇ) بۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەش ئىلگىرى سۈرۈلدى. چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ مۇساپىسىدە كىچىكلىكتىن زورىيىپ كۈندىلىك ئېقىم مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بلوگلار قاتاردىن ئورۇن ئالدى ھەمدە بۇ جەرياندا ھەرخىل تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە ئۇچرىغان بلوگگىرلارغا ئۆزىنىڭ ياردىمىنى بېرىپ كەلدى. چەۋەندازلار بلوگى بارلىق يېڭى ۋە قابىل بلوگگىرلارغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ!چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغان 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇيغۇر بلوگىلىرى ئارىسىدا تۇنجى نۆۋەت ئۆزىنىڭ ھەر ئايلىق زىيارەت ئەھۋالى ۋە ئومۇمىي ئەھۋالىدىن پۈتۈن تورداشلارنى قەرەللىك ھالدا ئورتاق خەۋەرلەندۈرۈپ ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ھەربىر قەدىمىنى پۈتۈن تورداشلار بىلەن بىللە بېسىش ئىستىراتىگىيىسىنى قوللاندى. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ يېڭىلىققا ئۆزىنىڭ قوللاش ۋە تەبرىكلەش تىلەكلىرىنى يوللاپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەۋەندازلار بلوگىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق تورداشلار ۋە بلوگگىرلارغا چەۋەندازلار بلوگى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ ۋە تەشەككۈر ئېيتىدۇ!
-
2010-09-29
چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-4 Qawandazlar" Uqturushi-4" - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار. چەۋەندازلار بلوگىنىڭ 4-قېتىملىق <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى>>غا دىققەت قىلىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ 2 يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ياخشى بولغان نەتىجىلارنى قولغا كەلتۈردى. بۇ بىر چەۋەندازلار ئېيىدا ( ھەر ئاينىڭ 29-كۈنىدىن كىلەركى ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە) ئۆزىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېخىمۇ تىزلەتتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق چەۋەندازلار بلوگى تەشۋىق قىلىندى. بەزەن دىتال ۋە تور بىكەتلەرنىڭ لاھىيىلىرى ۋە تۇغلىرى لاھىيىلەپ چىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر بلوگنىڭ تۇغى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا پۈتتى. بۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا ھەمكارلىق تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. بۇ لاھىيىلەر پات ئارىدا تاپشۇرۇلۇپ ھامكارلىق كۈچەيتىلىدۇ. 4- قېتىملىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىنىڭ مەزمۇنى سىزنى قايىل قىلغۇسى! قېنى ئەمسە نەزىرىڭىزلار <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرشى-4>>تە بولسۇن!
-
2010-08-29
چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-3 Qawandazlar uqturushi-3 - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار. چەۋەندازلار بلوگىدىن ھەممىڭلارنىڭ رامىزان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن! چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ھەر ئايدا ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان چەۋەندازلار ئۇقتۇرشىغا ئىشتىراك قىلىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. چەۋەندازلار بلوگى بۇ بىر چەۋەندازلار ئېيىدا(ھەر ئاينىڭ 29-كۈنىدىن كىلەركى ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە) ئۆزىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئۇتۇقلىرىنى قولغا كەلتۈردى. ‹‹تىز ئۇلاش›› دىتالىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم بلوگباس بلوگ سۇپىسىدىكى چەۋەندازلار بلوگىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ‹‹تىز ئۇلاش›› دىتالىغا كىرگۈزدى ۋە بلوگگىرلارغا تەشۋىق قىلىندى. بۇ جەھەتتە ھەمكارلاشقان ئاتەش گۈزەل-سەنئەت بلوگىغا ئالاھىدە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. يەنە بىر زور خۇشاللىق ئىش www.ulinix.cn ئۇلىنىش تورى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى بلوگ سەھىپىسىنى قۇردى ۋە بىر قانچە بلوگلار تەستىقتىن ئۆتتى. بۇ ھەممە بلوگگىرلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىش ئەلۋەتتە. بۇ قاتاردا چەۋەندازلار بلوگىمۇ بىر كىشلىك ئورۇنغا ئېرىشتى. 3- قېتىملىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ مول بولۇپ سىزنى چەۋەندازلار بلوگى بىلەن چوڭقۇر تونۇش ھاسىل قىلدۇرىدۇ. قېنى دىققىتىڭلار سەرخىل مەزمۇنلاردا بولسۇن!
-
2010-07-29
چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-2 Qawandazlar" Uqturushi-2" - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار. سىلەرنىڭ 2- قېتىملىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىغا دىققەت نەزىرىڭلارنى سېلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز. چەۋەندازلار بلوگى تۇنجى قېتىملىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىنى ئېلان قىلغاندا نۇرغۇنلىغان بلوگگىرلارنىڭ قىزغىن قوللىشى ۋە مەدىتىگە ئېرىشتى. بۇ قېتىم چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىدا ئاساسەن 6-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن،7-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان بىر ئاي ۋاقىت (بۇنىڭدىن كېيىن قىسقىچە بىر چەۋەندازلار ئېيى دەپ ئېلىنىدۇ) ئىچىدە بلوگىمىز قولغا كەلتۈرگەن بىر قىسىم نەتىجىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى ئەمسە دىققىتىڭىز مول مەزمۇنلاردا بولسۇن!
-
2010-05-15
بۇنىڭ ئىچىدە سىزنىڭمۇ بلوگىڭىز بولىشى مۇمكىن Buning ichide sizningmu blogingiz bolishi mumkin - [باشقىلار]
رايونىمىزدا تور چەكلەنگەندە نورمال ئېچىلىدىغان بىر قانچە نادىر بلوگلار تىزىملىكى
بىرىنجىسى <<ئابدۇرېھىم ئابلەتخان بلوگى>> بولغان.