• 2010-08-07

    چەۋەندازلار بلوگىنىڭ تۇغى يىڭىلاندى! Qawandazlar blogining tughi yengilandi! - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]

    چەۋەندازلار بلوگىنىڭ تۇغى يىڭىلاندى!
    Qawandazlar blogining tughi yengilandi!

    چەۋەندازلار بلوگىنىڭ دەسلەپكى تۇغى مەلۇم بىر بلوگ تەرىپىدىن باشقا بلوگ تۇغى ياساش توغرىسىدىكى بىر يوللانمىغا تەلەپ قىلىپ ياساتقۇزۇلغان ئىدى. ئەسلىدىكى بۇ تۇغ مەزمۇنى ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ لېكىن مەزمۇن ئىپادىلىنىشى تازا دېگەندەك مۇكەممەل بولمىغاندەك كۆرۈنەتتى. بەزەن تورداشلار ھەتتا بلوگىڭىزنىڭ تۇغىنى تاپالمىدىم دەپ ئىنكاس يازغانمۇ بولدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈم بىر تۇغ لاھىيىلەشنى ئويلىشىپ ئاخىرى بۈگۈن بلوگ تۇغى ئالماشتۇرۇلدى.

    شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلگىرى چەۋەندازلار بلوگىنىڭ تۇغىنى ياساپ بەرگەن بلوگقا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. چەۋەندازلار بلوگى بۇ تۇغنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يەنىلا شۇ بۇرۇنقى تۇغنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ.

    ئىلگىرىكى تۇغ: بۇ تۇغنىڭ رەسىمى ئىنتايىن خاسلىققا ۋە مەزمۇنغا باي بولۇپ، بۇ رەسىم شىنجاڭدا بايقالغان چەۋەندازلارنىڭ قىياتاش رەسىمى ئىدى.

    ئىلگىرىكى تۇغ

    ھازىرقى يېڭى تۇغ: يېڭى تۇغ ئاساسەن كۈچلۈك دەۋىر خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، بىر يۈزىگە ئوتتورا ئاسىيانى مەركەز قىلغان يەرشارىنىڭ سۈرىتى، يەنە بىر يۈزىگە ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ ،كۆپ ئىزدىنىش ۋە تاللاش ۋە شاللاش ئارقىلىق 1 ئايدىن كۆپراق سەرىپ قىلىندى.

    ھازىرقى تۇغى

    تۇغنىڭ باش يۈزى: تۇغدىكى خەت << Qawandazlar  >>دىگەن خەت بولۇپ چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئاستىغا BLOG دەپ سۇس خەتتە چىقىرىلغان. ھەمدە يەرشارىنىڭ ئاسىيا،ياۋروپا،ئوكئانىيە ۋە ئافىرىقا قاتارلىق بەش قىتئەنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن رەسىم ئىشلىتىلگەن. خەتنىڭ كەينىگە ئالغا ئىنتىلىۋاتقان بەلگە ئىشلىتىلگەن بولۇپ چەۋەندازلار بلوگىڭىنىڭ خاسلىقىغا ۋە جەڭگىۋارلىقىغا سىموۋول قىلىنغان.

    تۇغنىڭ كەينى يۈزى: تۇغدىكى خەت <<چەۋەندازلار بلوگى>> دىگەن خەت چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە ھۆسۈنخەت نۇسخىسى قوللىنىلغان، ھەمدە بۇ يۈزىگە شىمالىي ئامىرىكا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ ھالقىلىق چەمبەر ئارقىلىق قورشىلىپ تۇرىدۇ.

    تورداشلارنىڭ چەۋەندازلار بلوگىنىڭ تۇغ رەسىمىنى ئۆزگەرتىۋېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

    websiti <\blockqoute>


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئوچۇق ،يارقىن چىقىپتۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بىر خىل ئۆزگىچىلىك بارئىكەن.
    مۇبارەك بولغاي،قىرىندىشىم!
    回复Atash说:
    ئەگەر ئاتەش ئەپەندىگە يارىغان بولسا بلوگ تۇغىنى خېلى مۇۋاپپىقىيەتلىك چىقىپتۇ دەپ قارىسام بولغىدەك. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن قېرىندىشىم. ئامان بولۇڭ.
    2010-08-12 19:27:39
  • مەن ھەركۈنى قەرەللىك تورغا چىقالمىغانلىقىمدىن ۋاختىدا خەۋەر تاپالماي قاپتىمەن. بۈگۈن كىچىكىپ بولسىمۇ كۆرۈپ تۇغ ئادېرىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتىم.
    回复Atash说:
    سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى تۇغ ئادرىسىنى ئۆزگەرتىۋالغىنىڭىزغا تەشەككۈر قېرىندىشىم. چەۋەندازلار بلوگى ئاللا بۇرۇن يان سىتوندىكى دوستانە ئۇلىنىشقا تۈزىتىش كىرگۈزگەندە سىزنىڭ بلوگىڭىزغىمۇ بىر كىشلىك ئورۇن بېرىشنى ئويلاپ قويغان. پات يېقىندا دوستانە ئۇلىنىشقا بەزەن ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلمەكچى. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم. چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-08-12 19:16:22
  • بلوگىڭىز دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇلدى، قارىسام ئۇسلۇب شۇنداق ئاددىي، لېكىن ئېچىلىش سۈرئىتى بەك ئاستىغۇ؟css نى سەل ئىخچاملاپ قويامسىزكىن.
    回复سەھرا说:
    ئىنكاسىڭىز يوشۇرۇنۇپ قاپتىكەن. ھازىر جاۋاپ يېزىشىم. شۇ ۋاقىتتا ئۈستىدىكى رەسىملىك تېما كۆرسەتكۈچ ۋە يان سىتوندىكى IP خاتىرلىگۈچ تەڭ بولغاچقا بلوگنىڭ سۈرىتى بەك ئاستىلاپ كەتكەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن رەسىملىك تېما كۆرسەتكۈچ كودىنى ئېلىۋېتىپ بلوگىنىڭ سۈرىتىگە كاپالەتلىك قىلىندى. سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق كۆرسەتمە بېرىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن قېرىندىشىم. مەنمۇ سىزنى قوشۇۋالدىم. ھەمكارلىقىمىز راۋاجلانغاي! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-09-26 23:23:35
  • بلوگىمدىكى تۇغ رەسىمىنى ئۆزگەرتىپ قويدۇم.
    回复بارخان说:
    سىزنىڭ چەۋەندازلار بلوگىنىڭ يېڭى تۇغىنى ئۆزگەرتىۋالغىنىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم. ھەمكارلىقىمىز تېخىمۇ راۋاجلانسۇن!
    2010-08-10 17:37:04
  • ناھايىتى كۆركەم لاھىلىىنىپتۇ .
    回复سەيياھ يازمىسى说:
    ماختىغىنىڭىزغا تەشەككۈر قېرىندىشىم. سىزنىڭ چەۋەندازلار بلوگىغا ئالاھىدە ئورۇن بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، چەۋەندازلار بلوگى دوستانە ئۇلىنىش بۆلىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكچى. چەۋەندازلار بلوگىمۇ مۇناسىپ ھالدا سىزنى رازى قىلغۇسى! مېنىڭ بىر خۇسۇسىيىتىم <<ئادەم ئەتكەننى ئادەم ئەت>> بۇ مېنىڭ تىپىك خاراكتېرىم دېسىمۇ بولىدۇ. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم. چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-08-09 21:33:16
  • بەك ئۆزگىچە لاھىيلەپسىز،تۇغ ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز مەن بلوگىمدىكى تۇغنى ئۆزگەرتىپ قوياي.
    回复بارخان说:
    سىزنىڭ بەرگەن باھايىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم. تۇغ ئادرىسى:http://filer.blogbus.com/4640503/4640503_1281190618h.gif
    ھەمكارلىقىمىز تېخىمۇ راۋاجلانغاي!
    2010-08-09 18:14:52