• 2010-10-20

    ئارمان-مۇسۇلمانچە يىمەكلىكنىڭ <> سىنى ياراتتى Arman-Musulmanche Yimeklikning "Made in China" sini yaratti!!! - [ئۇيغۇرلار]

    ئارمان-مۇسۇلمانچە يىمەكلىكنىڭ<> سىنى ياراتتى!!!
     !!!Arman-Musulmanche Yimeklikning "Made in China" sini yaratti

    مەملىكەت خەۋىرىنىڭ يېرىم سائەت داۋاملىشىدىغان خەۋىرىدە مىللىي سانائەتنىڭ پەخرى بولغان <<ئارمان مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر گوروھى>>نى تونۇشتۇرۇپ ئارماننى جۇڭگودىكى مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەرنىڭ <<Made in China >> (جۇڭگو ئىشلەپ چىقارغان) دىگەن ئوبرازىنى تىكلىدى، دەپ يۇقىرى باھا بەردى. ھەمدە فىلىمدە يېقىندا قازاقىستاندىن كەلگەن كارخانىچىلارنىڭ ئارماننىڭ كەمپۈت قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا كىرگۈزىدىغان بولغان، بۇ <<ئارمان مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر سانائىتى گوروھى>> نىڭ بۇيىل 16-تۈركۈمدىكى مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كەلگەن خېرىدارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.

    <<ئارمان مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر سانائىتى گوروھى>>نىڭ قۇرغۇچىسى رادىل ئابلا ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:<< بىز پۈتۈن مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىش ساھەسىنى دۇنياۋى سەۋىيىگە ئېلىپ چىقىپ ئۇنى دۇنياغا يۈزلەندۈرمەكچى، ھەمدە شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىش كارخانىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەرنىڭ <<جۇڭگودا ئىشلەنگەن>> (Made in China  )سىنى يارىتىمىز!. ئارمان ئۆزىنىڭ دىيارىمىزدا قۇرغان زاۋۇتلىرى ئارقىلىق 25دىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئەللىرىگە ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى يۈزلەندۈردى، خەۋەردە يەنە دىيىلىشىچە<<ئارمان شىركىتى كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ ھەريىللىق مۇسۇلمانچە يىمەكلىك سودا بازىرى 200 مىلىيارد دوللىرى بولىدىغان بازاردا ئۆزىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نىسبەتنى ئىگەللىشنى ئۈمۈد قىلىدۇ>>.

    ئاخىرىدا رادىل ئابلا ئەپەندى<< جۇڭگو نۇرغۇنلىغان ئەۋزەللىككە ئىگە، بىزنىڭ مەقسىتىمىز بولسا شىنجاڭدىكى باشقا مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، بىرلىكتە دۇنيانىڭ مۇسۇلمانچە يىمەكلىك سانائىتىدىكى بىر چوڭ يىمەكلىك دۇنياسىنى قۇرۇپ چىقىش!>>

     

    بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، ئىلگىرىكى <<بىزنىڭ كارخانىلىرىمىز قاچانمۇ cctv (مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانىسى) دا كۆرىنەر>> دىگەن ئارزۇيۇم رىئاللىققا ئايلانغان ئىدى. ئەمدى cctv دا بىزنىڭ ئۇيغۇر كارخانىلىرىنىڭ ئېلانىنىڭ كۆرۈنىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز. مۇڭغۇللارنىڭ <<مېڭ نۇ>>(蒙牛 ) مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن جۇڭگۇنى قاپلاپ داڭلىق تاۋار ماركىسى بولالىدىيۇ بىزدەك موڭغۇلغا مەدەنىيەت ئۆگەتكەن بىر خەلقنىڭ ئايلىنالمايدىغانلىقىغا ئىشەنگىم كەلمەيدۇ. تۇيۇقسىز رادىل ئابلا ئەپەندىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئارمان،ئىخلاس،ئامىنە... بىرلىكتە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرسە بولامدۇ نېمە دىگەن ئوي خىيالىمدىن كېچىپ ئۆتتى. بۇ سەركە كارخانىمىزغا زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن! باسقان ئىزلىرىدىن گۈللەر ئۈنسۈن.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئارمان مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن سۈپەتلىك !!(بۇ ئېلان ئەمەس ، راست گەپ)
    回复karwanlar说:
    توغرا دەيسىز ئۇنىڭ ئورالمىلىرى ئىنتايىن كۆركەم، خەلقارالىق ئۆلچەمگە يەتكەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئارمانغا تېخىمۇ زور تەرەققىياتلار يار بولغاي!
    2010-10-24 00:54:19
  • ھەزرىتىم، <<مېڭ نۇ>>(توغرىسى مېڭ نىيۇ) موڭغۇلنىڭ ئەمەس،خەنزۇنىڭ،پەقەت زاۋۇتلىرى ئىچكى موڭغۇلدىلا خالاس~~~~
    回复ئۇيغۇربەگ说:
    مەن بۇ توغرىسىدا خېلى ئىزدەندىم. بەزەن ماتېرىياللاردا موڭغۇل،بەزەنلىرىدە خەنزۇ دەپ ئېلىپتۇ. ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالغان بولۇپ ئۇنى باشقىلار بېقىۋالغان ئىكەن. مۇشۇ سەۋەبدىن ئۇنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىكى ئېنىق دېيىلمەيدىكەن، بەلكى ئىچكى مۇڭغۇللۇق دەپلا ئېلىنىدىكەن. 牛 نى ئۆزىگە فامىلە قىلغان ئىكەن. 蒙牛 دىكى 蒙 ئىچكى موڭغۇل ياكى موڭغۇلنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ تەققىي تۇرىقىمۇ موڭغۇللارغا ئىنتايىن ئوخشىشىدىغانلىقى قەيىت قىلىنىپتۇ. شۇڭلاشقا موڭغۇل دەپ ئېلىنغان ئىدى.
    2010-10-23 23:12:22
  • شۇنداق ، ئارمان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ، ئارمانلارنى ئېلىپ كەلدى . ئارماننىڭ ئارمانىمىزدىكىدەك گۈللىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز !!!
    回复سەيياھ说:
    ئارمان ئۆزىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئوننەچچە يىللىق مۇساپىسىدە نۇرغۇنلىغان مۇۋاپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئارماننىڭ قۇرغۇچىسى رادىل ئابلا ئەپەندى جۇڭگودىكى 10 MBA شەخىسنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. بىز ئارمان شىركىتىنىڭ تېخىمۇ زورىيىشىنى جۇڭگودىكى ۋە ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانچە يىمەكلىك سانائىتى شىركىتى بولۇپ قېلىشىغا تىلەكداشمىز.
    2010-10-20 22:41:15
  • مەنمۇ ھەم ئۇيغۇر مىللىي سانائىتىنىڭ بۇ بىر تۈركۈم ئاۋانگارتلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    回复ھونزادە 说:
    ھەممىمىز ئۇيغۇر كارخانىلىرىنىڭ قەت كۆتۈرۈپ دۇنياۋى سەۋىيىگە يېتىشىگە تىلەكداشمىز!
    2010-10-20 23:31:13