• 2010-10-24

    ئۇلىنىش تورى(www.ulinix.cn) ۋە ئۇيغۇر بلوگىلىرى Ulinix Tori (cn) we Uyghur Blogliri - [جاھاننامە]

    ئۇلىنىش تورى(www.ulinix.cn) ۋە ئۇيغۇر بلوگىلىرى
    Ulinix Tori (cn) we Uyghur Blogliri

    ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تور بىكىتى بولغان ئۇلىنىش تورى (cn) يېقىدا ئۆزىنىڭ بېكىتىدىن بلوگگىرلارغا مەخسۇس بىر سەھىپە ئاجرىتىپ تېخىمۇ كۆپ بلوگگىرلارغا زور قۇلايلىقلارنى ياراتتى. ئىلگىرىكى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ھازىر تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە قاراپ ماڭدى. 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇلىنىش تورى (cn) تۇنجى قەدەمدە بىر قانچە بلوگقا ئۆزىنىڭ شەرەپ تاختىسىدىن ئورۇن بېرىپ دەسلەپكى قەدەمدىكى بلوگلار سەھىپىسىگە ئاساس سالدى. ئىلگىرى ئۇلىنىش تورى (cn) دا بلوگلارغا ئورۇن بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بلوگگىرلار ئۆزلىرىنىڭ بلوگىنى تەشۋىق قىلىدىغان يەنە بىر چوڭ سەھنىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. مەن بۇ توغرىسىدا شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭمۇ ھازىرقى تەرەققىياتىنىڭ تېزلىقى كەلگۈسىنىڭ پارلاقلىقى ئۇلىنىش تورىنىڭ چوڭ تور بىكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بلوگلار سەھىپىسىدىن بىرنى تەسسىس قىلىشنى تەكلىپ بەرگەن ئىدىم. ئارلىقتا شىركەتنىڭ تور بىكەتتە قالدۇرغان پىكىر دەپتىرىگە پىكىرمۇ يېزىپ باقتىم، شۇ چاغدا يازغان پىكىر ھېلىمۇ-ھەم رەسىم ھالىتىدە كېسىۋېلىپ ساقلىنىغلىق. بەلكىم پىكىر دەپتىرىگە بۇ توغرىسىدا باشقا بلوگگىرلارمۇ پىكىر بەرگەن بولىشى مۇمكىن. مانا بۈگۈن بۇ تەكلىپلەر تولۇق ئورۇندىلىپ <<بلوگ ۋە شەخسىي بەتلەر>> سەھىپىسى رەسمىي قۇرۇلۇپ سەھىپە ئاللا بۇرۇن تولدىرىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق.

         بىز بلوگگىرلار ئۇلىنىش تورىنىڭ بىز بلوگگىرلارغا بەرگەن ئىلھامىغا تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن ۋە چەۋەندازلار بلوگى ئالىي ئېھتىرام ۋە تەشەككۈرلەرنى بىلدۈرىدۇ! بۇ قېتىمقى قوشۇلغان بلوگلارنىڭ بەزىسى ئۇلىنىش تورى(cn)نى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇۋاپتۇ بەزەنلەر تېخى قوشماپتۇ. بۇنى بلوگ سەھىپىسنىڭ كۆركەملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئامال بار يېڭىلىنىشى تېزراق بولغان بلوگلارنى مەيلى قوشقان بولسۇن قوشمىغان بولسۇن ئۇلىنىش تورى(cn)دىن بىر كىشلىك ئورۇن بېرىپتۇ دەپ ئويلىدىم. <<ئادەم ئەتكەننى ئادەم ئەت>> دەيدىغان سۆز بار. شۇڭا بۇ قېتىم بلوگى قوشۇلغان بلوگگىرلارمۇ مۇناسىپ ھالدا جاۋاپ قايتۇرشى زۆرۈردۇر.

         پات ئارىدا بىز تىرىشساقلا خۇددى شىنخۇا،،سوخو،سۇمرۇغ، خۈەن چيۇ... قاتارلىق تور بىكەتلەرگە ئوخشاش مەخسۇس بلوگلاردىكى قىززىق نوقتىلارنى يۇرىتىپ بېرىدىغان <<شەخسىي بلوگىلاردىكى نادىر تېمىلار>> دىگەن سەھىپىنى بارلىققا كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن. ھازىرغىچە بۇنى قوللانغان ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىدىن مەن بىلىدىغىنىدىن ياخشى تورى (www.yahxi.com)دىن ئىبارەت مۇشۇ بىر بېكەتنى بۈلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن بەلكىم بۇ سان بارا-بارا كۆپىيىپ ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىنىڭ ھەرقايسى باش بەتلىرىدە بلوگلاردىكى قىززىق نوقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىلىپ ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە ئۆلچەملىشىشىگە تۈرىتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.

    ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم ئۇلىنىش تورى(cn)نىڭ <<بلوگ ۋە شەخسىي بەتلەر>> سەھىپىسنىڭ رەسمىي تۈردە يولغا قويۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز!


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بۇرۇن ئىلتىماس قىلىپمۇ ئۇلىنىش قىلالمىغان ئىدىم بۇ قېتىم ئاسانلا ئۇلىنىش قىلىندى . ئۇلىنىش تورى ھەقىقەقەت مەرد
    回复پادىشاھ 说:
    توغرا دەيسىز قېرىندىشىم، ھازىر تەستىقلاش سۈرئىتى تېزلىشىپ قالغان بولسا كېرەك بلوگگىرلارغىمۇ كۆڭۈل بېرىش كۈچەيدى دېيىشكە بولىدۇ.
    2010-10-28 22:02:55
  • چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ئۇلىنىش كومغا تىزراق قېتىلىشىغا تىلەكداشمەن.
    回复كۆكيال说:
    رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم.
    2010-10-28 17:30:34
  • ئەمدى قوشقان چېغىۋا.
    回复تۆت تادۇ说:
    سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ قوشىۋېلىنغىنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن قېرىندىشىم. چەۋەندازلار بلوگى كۆكيال بلوگىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ! چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-28 15:30:49
  • مەن ئۇلىنىش cn ۋە com غا بىر كۈندىلا ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلغان ئىككى ئاي بولاي دېگەندۇ. ئۇلىنىش com بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا تەستىقلاپ قويغان بولسىمۇ ئەمما cn تا ھازىرغىچە بلوگىمنى قوشۇۋالمىدى .
    回复تۆت تادۇ说:
    ئۇلىنىش تورى(cn) نىڭ <<بلوگ ۋە شەخسىي بەتلەر>> سەھىپىسى ئەمدى رەسمىي تۈردە قۇرۇلغان بولغاچ قوشىۋالمىغان بولسا كېرەك. مېنىڭكى دەل سىزنىڭ ئەكسىڭىزچە.
    2010-10-28 15:27:23
  • رەخمەت سىزگە سەۋىر قىلاي
    回复uyghurlar说:
    ئەرزىمەيدۇ قېرىندىشىم. پات-ئارىدا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-28 15:22:43
  • يېقىندا بىر نەچچە قېتىم ئىلتىماس قىلغان بىرەرسىنىمۇ تەسسىقلىمىدى ، بۇرۇن ياخشى تىما يازىدىغان ۋاققىتتىمى تەسسىقلىمىغان . بۇلار قانداق قىلسام تەسسىقلايدىكىن
    回复uyghurlar说:
    بۇنداق ئەھۋاللار خېلى كۆپ بولسا كېرەك. بەزەن ۋاقىتلاردا راستىنلا چۈشىنىش ئىنتايىن قىيىن. ئۇلىنىش تورى (cn) تورىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقىلاشقاندا ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ شەرەپ تاختىسىدىكى بلوگلارنى يېڭىلىنىشى تېز، مەزمۇنى مول بولغان بلوگلارنى تاللاپ چىقارغانلىقىنى ئېيىتقان ئىدى. يەنە قانداق سەۋەب بار بۇنىسى ئېنىق ئەمەس. سىزنىڭ بەلكىم ئۇزاققا قالمايلا كۆرىنىشى مۇمكىن قېرىندىشىم.
    2010-10-26 14:46:39
  • مۇبارەك بولسۇن مىنىڭ بلوگىمنى ئۇلىنىش cn ۋە ئۇلىنىش com ئەڭ ئۈستىگە قوشۇۋالغىلى 1ئايدىن ئاشتى شۇنداقلا بۇيەردىن كۈندە كىرىۋاتقان ئادەم سانى 100 دىن يۇقىرى بولىۋاتىدۇ
    回复بايلىق بلوگى说:
    سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن قېرىندىشىم. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-24 15:45:40