• 2010-08-18

    ئارمان بىلەن ئىخلاسقا بارىكاللا ARMAN bilan IHLASqa barikalla - [ئۇيغۇرلار]

    ئارمان بىلەن ئىخلاسقا بارىكاللا
    ARMAN bilan IHLASqa barikalla

    ئىلگىرى ئارمانغا كىرسىڭىز ئىخلاسنىڭ مەھسۇلاتىنى، ئىخلاسقا كىرسىڭىز ئارماننىڭ مەھسۇلاتىنى كۆرەلمەيتىڭىز. ھازىر بولسا ئەھۋال باشقىچە بولۇپ ھەر ئىككىلى كارخانىنىڭ تاللا بازارلىرىدا بىر-بىرىنىڭ مەھسۇلاتىغا تېگىشلىك تۆرىدىن ئورۇن بەرگەنلىكىنى كۆرەلەيسىز. ئىلگىرىكى ئارماننىڭ ئۈرۈمچىدىكى قىزىلتاغ بېكىتىگە جايلاشقان ئېگىز بىنانىڭ ئۈستىدىكى ئۈچ تەرىپى قورشالغان ئېلان تاختىسىدا ئارماننىڭ بىرمۇ ئۇيغۇرچە ھەرىپ بولمىغان ۋېۋىسكىسى ئاللا بۇرۇن ئېلىۋېتىلگەن ئىدى. كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى ئارمان ئۆزىنىڭ بارلىق تاللا بازارلىرىدىكى <<ھاراق>> نىڭ ئورنىنى چورۇپ تاشلاپ ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بۇ ئورۇنغا تىزىپ چىقان ئىدى.


    بەلكىم تورداشلار ئىلگىرىكى مۇنبەرلەردە ئارمان بىلەن ئىخلاسقا ئوچۇق خەت›› دېگەن تېمىنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن.بۇ تېما ئەينى ۋاقىتتا تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇ تېمىدا ئاساسلىقى ئارمان بىلەن ئخلاسنىڭ ئۆز-ئارا ئادىل رىقابەتلىشىشى ھەرگىزمۇ بىر-بىرىنىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىش يولى ئارقىلىق تەرەققىي قىلماسلىقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر بايان قىلىنغان ئىدى. كېيىن بۇ تېما مەزمۇنىنىڭ ئاستىغا قوشۇمچە قىلىپ بۇ ئىككى كارخانىغا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. بىرىنجىسى:ئارمان بىلەن ئخلاس نىمىشقا بىر-بىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئۆز تاللا بازارلىرىغا كىرگۈزمەيدۇ؟ بىز بۇ ئىككى بايراقدار كارخانىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىنى، ھەرگىزمۇ بىر-بىرىنى ئىتراپ قىلماسلىق بەدىلىگە تەرەققىي قىلىش يولىنى تاللىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز!  ئىككىنجىسى: ئارمان شىركىتىنىڭ مۇسۇلمانچە يىمەك-ئىچمەك گوروھى بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ئارمان گوروھى ئۆزىنىڭ تاللا بازارلىرىدىكى ھاراقلارنى چىقىرىپ تاشلىسا، ئەجىبا ئارمان ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ‹‹ساغلام يېمەكلىك،ساغلام ھايات›› دىگەن شۇئار بىلەن ھاراق سىغىشالامدۇ؟ ئۈچۈنجىسى:  ئارمان زادى ئۇيغۇرنىڭ گوروھىمۇ ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا قىزىلتاغ بىكىتىدىكى بىنانىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئارماننىڭ ئېلان تاختىسىدا بىرمۇ ئۇيغۇرچە ھەرىپ يوق؟ مۇشۇ ئۈچ تەكلىپ ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك. ئۈچ تەكلىپنىڭ ھەممىسى ئالدى كەينى بولۇپ ئورۇندالغانىدى.

    قايسى بىر ۋاقىتلاردا قىزىلتاغ بېكىتىدىن ئۆتكىنىمدە ئارماننىڭ ئىلگىرىكى ئېلان تاختىسى ئېلىۋېتىلگەن ئىدى، بەلكىم ئېلان قىلىش ۋاقتى توشقان بولغىيتى ياكى تەكلىپلەر تەسىر قىلغان بولسا كېرەك. تور قامال قىلىنغان ۋاقىتلاردا تالاتۈزىگە جىقمۇ چىقىپ كەتمىدىم چۈنكى بازارلار چۆلدەرەپ قالغانىدى، دەل شۇ ۋاقىتلاردا ئىخلاسنىڭ خەلقئارا چوڭ بازار ئۇدۇلىدىكى قىران بۈركۈت بىناسىغا جايلاشقان باش تاللا بازىرىغا كىرىپ قالدىم قارىسام تۆرىدە ئىلگىرى چىقىشالمايدىغان ئىككى ماركا يانداشتۇرۇلۇپ قويۇلغانىدى ئۇ دەل ئىخلاس ۋە ئارماننىڭ قۇۋۋەت تالقانلىرى ئىدى. يېنىپ يەنئەن يولىدىكى ئارمان تاللا بازىرىغا كىردىم بۇيەردىمۇ ئوخشاشلا ئارمان قۇۋۋەت تالقىنىنىڭ يېنىدا ئىخلاسنىڭ قۇۋۋەت تالقانلىرى ئورۇن ئالغانىدى. ئىچىمدە خۇشاللىق ۋە ھاياجان ئىلكىدە ‹‹ئەمدى توغرا بولدى، بالدۇرلا مۇشۇنداق بولىشى كېرەك ئىدى›› دەپ قويۇپ ئىخلاسقا كىرىپ ئارماننىڭ مەھسۇلاتىنى، ئارمانغا كىرىپ ئىخلاسنىڭ مەھسۇلاتىنى ئېلىپ قايىتتىم. يېقىندا ئارمان تاللا بازىرىرىغا كىرسەم ئارمان تاللا بازىرىدىكى ھاراق تىزىلغان ئورۇنغا ئارماننىڭ مەھسۇلاتلىرى،ئىخلاسنىڭ فىرىمالىرى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان مىللىي كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى تىزىلغانىدى. پىرگازچىكتىن سورىسام بۇ يەردىكى ھاراقلارنى 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى بۇنىڭدىن كېيىن ھاراقنىڭ تاللا بازىرىغا كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئىچىمدە‹‹ ئاخىرى ئۈچ تەكلىپ تولىقى بىلەن ئوروندالدى دەپ چىرايلىق تىزىلغان مەھسۇلاتلارنى رەسىمگە تارتىۋېلىپ چىقىپ كەتتىم.

     بارىكاللا ساڭا خەلقنىڭ ھارماس تۇلپارلىرى. بىز بۇ ئىككى بايراقدار كارخانىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئادىل رىقابەتنى ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق يولغا قويۇلىشىنى ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىق ئورۇنتۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ھەممىمىز بۇ ئىككى كارخانىدىن سۆيۈندۇق، پەخىرلەندۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كارخانىلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلاتلىرى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنى پەھىرلەندۈرىشىنى ۋە بەھىرلەندۈرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

    بۇ ئىشنى يەنە بىر جەھەتتىن ئويلىساق ئاتۇش بىلەن خوتەندىن ئىبارەت ئۇيغۇر ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونتىرول قىلغان ۋە ئۆم-ئىناق بولغان ئىككى يۇرت خەلقىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى بىرلىشىشىنىڭ داغدام يولىنى ئاچتى دەپ ئېيتشىقا بولىدۇ. بۇ ھەم ئۇيغۇر مىللىي سانائىتىنىڭ بىرلىشىش قەدىمىنى تىزلەتكۈسى!

    يەنئەن يولىغا جايلاشقان <<ئارمان تاللا بازىرى>>

    دۆڭكۆۋرۈككە جايلاشقان <<ئىخلاس تاللا بازىرى>>

    ئىخلاستىكى <<ئارمان>>

    ئارماننىڭ ھاراق جازىلىرىنىڭ ئورنىنى ئىخلاس ۋە نۇرغۇنلىغان مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىگەللىدى

     

     

    ئارماننىڭ ئىتىپاق يولىدىكى يەنە بىر تارماق تاللا بازىرى

    دۆڭكۆۋرۈك ئۇدۇلىدىكى <<قىران بۈركۈت>> بىناسىغا جايلاشقان <<ئىخلاس>>

     


          مەن بۇ تېمىغىمۇ ئوخشاشلا يىتىلىۋاتقان، زورىيىۋاتقان مىللىي كارخانىلىرىمىزغا بىرقانچە تەكلىپ قويۇپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم. ھەمىمىز ئىخلاس،ئارمان،ئامىنە،سۇلتان... قاتارلىق كارخانا،زاۋۇتلارنىڭ تېلىۋېزورلاردا ئۆزىنىڭ زاۋۇت-سېخلىرىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئۇلار نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلالايدۇ ۋە بۇ تەشۋىقاتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ كارخانىسىنىڭ ھەقىقىي ھاياتى كۈچى بولىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياساش سانائىتىنىڭ چوقۇم تەرەققىي قىلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ياساش سانائىتى يوق خەلقنىڭ 21-ئەسىردەك بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە ئىنتايىن بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىدەك ھەقىيقەتنى چۈشەنگەن. ھازىرقى كۆپۈنچە شىركەتلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياسىتىلىپ بىر پارچە ئۇيغۇرچە ماركىنى چاپلىتىش ئارقىلىق بازاردا پۇت تېرەپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن خەلقىمىزمۇ تازا دىگەندەك رازى ئەمەس،خەلقىمىز يەنىلا چوڭ كۆلەملەشكەن مۇستەقىل ياساش ئىقتىدارىغا ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارغا ئىگە مىللىي كارخانىلارنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى تاللىشى قىلىپ بېكىتكەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. دەرۋەقە شىركەت يېڭىدىن قۇرۇلغاندا ئۆزى زاۋۇت قۇرغىدەك ئۇنداق كۆپ ئىقتىساد ۋە ئىختىساسلىق كىشىلىرى بولماسلىقى مۇمكىن،لىكىن تەرەققىي قىلىپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ ياساش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئويلىمىغان،ئىرادە قىلمىغان شىركەتلەرگە نېمە دىگۈلۈك. بەزەن ئۆزىنىڭ شىركەت قۇرۇلغىلى پالانچى يىل بولدى،خەلقىمىزنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى دەپ توۋلىنىۋاتقان بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ تېخىچە مۇستەقىل ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتى يوق. باشقىلارنىڭ ئىشلىگەن مەھسۇلاتىغا چىرايلىق قاپنى كىيگۈزۈپ يەنە بەزىلىرىگە چىرايلىق قىلىپ<< مۇسۇلمانچە >>دەپ ئالاھىدە بەلگىلەرنى چاپلاپ بازارغا سېلىۋەردى. لېكىن شۇ خەلقنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياساش ئىقتىدارىنىڭ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى بولمىسا ئاشۇ ياساش ئىقتىدارى بارلارنىڭ ئالدىدا ھامىنى <<پەگادا>> ئولتۇرغىنى ئولتۇغان بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلمامدىغاندۇ؟ ئەلۋەتتە بىز چوقۇم ھازىرلا قۇرۇپ چىقىشى كېرەك دىيەلمەيمىز ھەمدە داۋاملىق ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىزنى قوللايمىز. لىكىن شۇ نەرسە ھەر بىر كارخانىچىنىڭ ئېسىدە بولىشى كېرەككى ياساش سانائىتى تەرەققىي قىلمىسا قەتئىي، قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك! چۈنكى خەلقىمىز ئۆزىنى پەخىرلەندۈرىدىغان چوڭ-چوڭ زاۋۇتلارغا، ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئىشلەيدىغان خىزمەت ئورنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە مۇھتاج. 
      


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئۇيغۇر ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتتا ئالدى بىلەن چوقۇم ئانا تىلىمىز ئورۇن ئېلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.ئانا تىلىمىزغا ئورنى بېرىلمىگەن مەھسۇلاتلارغا باشقا مىللەتنىڭ يېزىقىمۇ ياراشمايدۇ ھەم.
    回复نۇرلۇق说:
    تەھلىلىڭىز ئورۇنلۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ مەھسۇلاتىدا ئۇيغۇر يېزىقى جۇلالىنىشى كېرەك دەپ قارايمەن.
    2011-01-13 13:57:06
  • يازمىنى ئوقۇۋېتىپ،ئەينى چاغ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئالما شىركىتىنى ۋەيران قىلىشقا كۈچى بار تۇرۇقلۇق،ئاسسىرتتىن ياردەم بېرىپ يۆلىگەنلىكىدەك ھىكايە ئىسىمگە كەچتى
    回复ئۇيغۇربەگ说:
    مەن بۇ يەردىكى قايسىسىنىڭ مىكروسوفىت قايسىسىنىڭ ئالما ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. سىز قانداق قارايسىزكىن؟
    2010-08-25 19:39:32
  • ئەجىبا ئۆز تىل يىزىقىمىز زامانغا ماس كەلمەي قىلۋاتامدۇ؟!مەن مىللى كارخانىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر يىزىقىنى ئاساس قىلغان ماركا ئىشلىتىشىنى بەك ئۈمۈت قىلىمەن.
    回复بارخان说:
    مەنمۇ شۇنداق قارايمەن. بىز باشقىلارنىڭ تىلىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىسىم ئويلاشماستىن بەلكى ئۆزىمىزنىڭ تىلىغا قۇلايلىق،چۈشىنىشلىك،ھەم ماسلاشقان ئىشىملارنى قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.
    2010-08-19 18:19:07
  • مەن ئۇلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا ئۇيغۇر يىزىقى ئىشلەتكىندىن بەك خوش بولدۇم. نۇرغۇن ئۇيغۇر شىركەتلىرىنىڭ ماركا-ۋىۋىسكىلىرىدا ئۇيغۇر يىزىقىنىڭ قارىسىمۇ يوق!
    回复بارخان说:
    ئىخلاسنىڭكىدە مەن بىلسەم ئۇيغۇرچىسى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك بار ئىدى. شەبنەم مۇنبىرىدە قايسى بىر تورداشنىڭ ئىمزاسىدا << يېزىق تونۇلسا مىللەت تونىلىدۇ>> دەپ يېزىقلىق ئىدى. مەن بۇ سۆزگە ئىنتايىن قايىل. ھەرقانداق ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىشى كېرەك. مەن قارىسام ئىپار شىركىتىنىڭ چەتكە چىقىرىدىغان ماللىرىدا ئۇيغۇرچە ھەرىپ يوق. بۇنىڭغىمۇ چۇقۇم كىرگۈزىشى كېرەك دەپ قارايمەن.
    2010-08-19 18:15:36
  • بۇ ئىككىسى مىللى كارخانىلىرىمىزنىڭ باشلامچىىسى،سەردارى بوپقالدى.ئۇلارنىڭ بۇ دوستلۇق ئاساسىدىكى رىقابىتى باشقا ئۇيغۇر شىركەتلىرىگىمۇ ئۆلگە بوپقالسا ئەجەپ ئەمەس.
    回复بارخان说:
    ئىككى كارخاننىڭ ھەمكارلىقى بىزگە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى ئېلىپ كەلگۈسى ھەمدە باشقا زورىيىۋاتقان كارخانىلارغىمۇ تەرەققىياتنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلىشى مۇمكىن.
    2010-08-19 18:12:00
  • بىزگە دەل مۇشۇنداق مەنزىرە كېرەككى ھەرگىزمۇ رىقابەتلەشتىم دەپ بىر-بىرىنى چەتكە قېقىش كېرەك ئەمەس. تور ساھەسىدىكىلەرمۇ مۇشۇنداق ياخشى ئىشلاردىن ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك.
    回复دۇنياقارا说:
    توغرا دەيسىز قېرىندىشىم. ئارمان بىلەن ئىخلاسنىڭ ھەمكارلىشىشى ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرىدىغان ئەھۋال، سۇنىڭ بېشى لاي بولسا ھەممىزگە پايدىسىز. بىز تور ساھەسىدىكىلەرمۇ چوقۇم بىرلىشىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىمۇ ھەم شۇنداق. شۇنداق بولغاندىلا ئۇيغۇر بلوگىچىلىقىنىڭ گۈزەل تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
    2010-08-19 17:59:13