-
2011-03-21
چەۋەندازلار بلوگى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى قوتلۇقلايدۇ! Qawandazlar" Blogi Barliq Qérindashlarning Noruz Bayrimini Qutluqlaaydu!" - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
چەۋەندازلار بلوگى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى قوتلۇقلايدۇ!
Qawandazlar" Blogi Barliq Qérindashlarning Noruz Bayrimini Qutluqlaaydu!"
نورۇز ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايرىمىدۇر. بۇ بايرام بارلىق تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئىران، تاجىك قاتارلىق پارىسلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ۋە يېڭى يىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نورۇزدا ھەرخىل پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، نورۇز ئېشى ئېتىلىدۇ... بالىلار ئۆزىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشىدۇ، قىزلار ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرى بىلەن يېڭى ئېچىلغان غۇنچىدەك گۈزەللىشىدۇ، چوڭلار ئۆز-ئارا نورۇزنىڭ شادلىقىغا چۆمىدۇ، بوۋا-مومىلار ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق ۋە بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ يىلنىڭ بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتۈپ كېتىپ بارىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھايات مۇساپىسىگە قايتا نەزەر سېلىپ ئۆز ئۆمرىگە ۋە ھاياتىغا شۈكرىلەرنى ئېيتىشىدۇ... دىمەك نورۇز بىزنىڭ خۇشاللىققا ۋە ئۆملۈككە چاقىرىلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمى ھېسابلىنىدۇ.
چەۋەندازلار بلوگى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى قۇتلۇقلايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي سالىمىنى پۈتۈن دۇنيادىكى نورۇز تەنتەنىسىگە چۆمگەن قېرىنداشلىرىغا يوللايدۇ! نورۇز بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن!
收藏到:Del.icio.us
评论