-
مىكرو بىلوگ بىر خىل يېڭىچە ئۇچۇر تارقىتىش سۇپىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا سىز ھەرخىل گەپلەرنى، رەسىملەرنى، فىلىملەرنى يوللاش ئارقىلىق ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھەر ۋاقىت يېڭىلاپ تۇرغىلى بولىدۇ. مىكرو بىلوگنىڭ ئالاھىدىلىكى 140 ھەرىپ ئارقىلىق مۇئەييەن مەقسەت-مۇددىئانى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە 140 ھەرىپ بىلەن ئىپادىلەش بەلگىلىك ئىقتىدارنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىكرو بىلوگ سۇپىسى twitter مىكرو بىلوگى بولۇپ، مەزكۇر مىكرو بىلوگ بىلوگگىر (blogger) نىڭ قۇرغۇچىسى ئېۋان ۋىليامىس (Evan Williams ) تەرىپىدىن 2006-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. Twitter نىڭ مەنىسى خۇددى قۇچقاچنىڭ <<ۋىچىر-ۋىچىر>>لىغىنىدەك ئاۋازنىڭ ئېنگىلىز تىلىدا ئىپادىلىنىشىدۇر. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مىكرو بىلوگ تور دۇنياسىدا يېڭىچە ئىنقىلابنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ بولسىمۇ 140 ھەرىپ ئارقىلىق <<ھەر بىر كىشى ئۆز ئۆز ئاۋازىنى ياڭرىتىش، ھەر بىر كىشى دىققەتكە سازاۋەر بولۇش دەۋىرى>> نى ئېلىپ كەلدى.
-
2011-03-21
چەۋەندازلار بلوگى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى قوتلۇقلايدۇ! Qawandazlar" Blogi Barliq Qérindashlarning Noruz Bayrimini Qutluqlaaydu!" - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
نورۇز ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايرىمىدۇر. بۇ بايرام بارلىق تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئىران، تاجىك قاتارلىق پارىسلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ۋە يېڭى يىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نورۇزدا ھەرخىل پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، نورۇز ئېشى ئېتىلىدۇ... بالىلار ئۆزىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشىدۇ، قىزلار ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرى بىلەن يېڭى ئېچىلغان غۇنچىدەك گۈزەللىشىدۇ، چوڭلار ئۆز-ئارا نورۇزنىڭ شادلىقىغا چۆمىدۇ، بوۋا-مومىلار ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق ۋە بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ يىلنىڭ بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتۈپ كېتىپ بارىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھايات مۇساپىسىگە قايتا نەزەر سېلىپ ئۆز ئۆمرىگە ۋە ھاياتىغا شۈكرىلەرنى ئېيتىشىدۇ... دىمەك نورۇز بىزنىڭ خۇشاللىققا ۋە ئۆملۈككە چاقىرىلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمى ھېسابلىنىدۇ.
چەۋەندازلار بلوگى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى قۇتلۇقلايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي سالىمىنى پۈتۈن دۇنيادىكى نورۇز تەنتەنىسىگە چۆمگەن قېرىنداشلىرىغا يوللايدۇ! نورۇز بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن!
-
2010-09-16
2010 غەرىبى شىمال مىللەتلەرئۈنۋېرىستىتىدا نورۇز 2010 Gheribi Shimal Milletler Ünweristitida Noruz - [رەسىم ۋە فىلىملەر]
يۇرتىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نورۇز خۇشاللىقى. قېنى قېرىندىشىم سىزمۇ جۆر بولۇڭ.
تور ئارلاۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالدىم ۋە يوللاپ قويۇشۇم. بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.