-
2011-03-13
چەتئەللىكلەر بىلەن پاراڭلىشىپمۇ قويغۇلۇق Chetellikler Bilen Paranglishipmu Qoyghuluq - [تىل باغچىسى]
چەتئەللىكلەر بىلەن پاراڭلىشىپمۇ قويغۇلۇق
Chetellikler Bilen Paranglishipmu Qoyghuluq
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر چەتئەل تىلىنى ئۈگىنىپ بىرەر چەتئەللىكنى تېپىپ ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنى سىناپ باققۇسى كېلىدۇ ياكى بولمىسا چەتئەللىك بىلەن پاراڭلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغىسى كېلىدۇ. بۇ تور بەت دەل سىز ئىزدىگەندەك دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن دېگۈدەكچەتئەللىكلەر ئۈچۈن لاھىيلەنگەن تىل ئۈگىنىش تور بەتىدۇر. بۇ يەردە سىز ئاسىيا، ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئاندا ساندا شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى پۇقرالىرى ۋە ئافىرىقىدىكى بىر قانچە ئەرەب دۆلەتلىرى دېگەندەك ھەر خىل مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشىگە ئىگە كىشىلەر ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
ئىلگىرى بۇ تور بەتنى مەن بىلىككە تىل توغرىسىدىكى تېمىنى يوللىغاندا تۇنجى قېتىم ئۇچراتقان ئىدىم. شۇ تېمىنىڭ ئاستىغا بىر قانچە تىل ئۈگىنىش تور بەتلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپتىكەن، قىززىقىپ كىرسەم ئۇنىڭ ئىچىدىن بۇ تور بەت ماڭا بەك ياقتى. چۈنكى بۇنىڭدا بىراقلا ھەممە كىشىنىڭ پارىڭىنى كۆرگىلى خۇددى بىزنىڭ چ چ توپىدىكى كىشىلەر پاراڭلاشقاندەك ھەمدە ئايرىم پاراڭلاشقىلى بولىدىكەن. بۇ جەرياندا مەنمۇ بىرقانچە دوست تۇتقانمۇ بولدۇم. ئەگەر خالىسىڭىز ياكى چەتئەللىكلەر بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىش نىيىتىڭىز ياكى جۈرئىتىڭىز بولسا مۇشۇ تور بەتكە كىرىپ بىر دەم چۆگلەپ چىقىپ قاتىلاڭ قىلىپ چىقىڭ ھې ھې ھې...
مېنىڭ ئاساسەن بۇ تور بەتتە ئۆگەنگىنىم ئېنگىلىز تىلى بولدى. ئەگەر سىز باشقا تىلنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز باشقا تىل تۈرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
تۆۋەندە توربىكەتنىڭ بىرقانچە لازىم بولىدىغان يەرلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.
بەت ئوڭ تەرەپ ئۈستىگە جايلاشقان تىزىملىتىش ئورنى
تىزىملىتىش ئۇسۇلى
بەت ئىچىدىكى ھەرخىل مەزمۇندىكى توپلار
خالىغان كىشى بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن سىز پاراڭلاشماقچى بولغان كىشىنىڭ باش سۈرىتىنى بىر قېتىم باسسڭىز توپ ئىچىدە پاراڭلىشىسىز، ئەگەر ئايرىم پاراڭلاشماقچى بولسىڭىز قوش چەكسىڭىز بولىدۇ. رەسىم يوللاش،پاراڭلىشىش دېگەندەك ئىقتىدارلىرى قېتىلغان.
توربەت ئادرىسى:http://www.italki.com/
收藏到:Del.icio.us
评论