-
2011-04-20
بۇ ساقلانمىلارنى ئەسلەپ تۇرغۇلۇق Bu Saqlanmilarni Eslep Turghuluq - [ئۇيغۇرلار]
بۇ ساقلانمىلارنى ئەسلەپ تۇرغۇلۇق
Bu Saqlanmilarni Eslep Turghuluq
بۇنى تورلارنى قىدىرىپ يۈرۈپ ساقلىۋالغان ئىدىم بۈگۈن تورداشلار بىلەن تەڭ بەھىرلەنمەكچى بولدۇم. بۇ قىسقا فىلىملەر ئىلگىرى خەلقىمىزگە ئۇزۇن ۋاقىت ھەمراھ بولۇپ بىر ئەۋلاد كىشىلىرى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان فىلىملەر ئىدى. ئىلگىرىكىدەك ھازىر بۇ فىلىملەرنى تېلىۋىزورلاردا كۆرگىلى بولماس بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىق بولغان بىر قانچە قىسقا فىلىملەر، ناخشا، كارتون ۋە ئالىم ئەھەت بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان <<كومپىيوتېر ۋە ئۇيغۇرسوفت>> نامىلىق قىسقا فىلىم يوللاندى. سىزگە يارايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. قېنى ئەمسە بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى!
بۇ قىسقا فىلىم ئېسىمدە قېلىشىچە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆتىلىدىغان<< كەچۈر ئانا >>دىگەن ئەسەرنىڭ فىلىم قىلىپ ئىشلىنىشىغۇ دەيمەن. ھەقىيقەتەنمۇ ئىلگىرى بۇ قىسقا فىلىم شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسىنىڭ <<گۈلدەستە>> ۋە كېيىن ئۆزگەرتىلگەن <<تەلەپ ۋە تەقدىم>> پىروگراممىسىدا كۆپ قېتىم قويۇلغان ئىدى. بولۇپمۇ ناخشىسى قىسقا فىلىم بىلەن كىرىشتۈرۈلۈپ ناھايىتى ياخشى چىققان ئىدى. ئەمدى بۇ قىسقا فىلىمدىن سىزمۇ ھوزورلىنىڭ ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ چىقىڭ.
مىرزات ئالىمنىڭ <<ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار>> دىگەن ناخشىسىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر بولمىسا كېرەك. بۇ ناخشا ھەقىيقەتەنمۇ مەيلى تېكىستى بولسۇن مەيلى مۇزىكىسى ياكى ئورۇنداش سەنئىتى جەھەتتە بولسۇن ئىنتايىن ياخشى چىققان ۋە ئۈلگە خاراكتېرلىق ناخشا دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئىلگىرى ناخشىسىنىڭ تېكىستىلا ئېسىمدە بار ئىدى.ئەشۇ نەق مەيداندا ئېيتىلغاندىكى كۆرۈنۈشتىن ئەشۇ چاغدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ كارتېنىسىنى كۆرىۋالغىلى بوللاتتى. ھەر بىر تېكىست ئالماشقاندا ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە ھەركەتلىرىدىن سىز بۇنى سېزىۋالاليسىز ئەلۋەتتە. ئويلىسام ھازىرغىچىمۇ بۇنچىلىك ناخشا ئېيىتسا نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە ماس تەسىرلەرنى قوزغىغان ناخشىلار ئاز بولسا كېرەك. قېنى سىزمۇ بۇ ناخشىدىن ھوزۇرلانغايسىز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن ئىبارەت ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى رايوندىكى مەسىلىلەرگە قايتا دىققەت قىلىپ چىقىڭ.
بالىلارنىڭ يېقىن دوستى بولغان <<ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى>> ئىنتايىن ياخشى چىققان تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە كارتون فىلىم ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى بەزەن كارتونلارنى كۆرسە بالىلارنى كۆرۈپ قانداقمۇ مىختەك ئولتۇرۇپ كۆرگىسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. ھازىر كارتون فىلىملەر كىچىك بالىلارنىڭ مەكتەپتىن چۈشۈپلا سومكىنى تاشلاپ كارتون فىلىم ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ تىزگىنەكنى قوللىرىغا ئېلىپ ئولتۇرىشىدۇ، ھازىرقى ياشلارمۇ ئىلگىرى مۇشۇنداق ئىدى. ھەتتا كارتوننى كۆرۈپ بولۇپ قىززىق يەرلىرىنى زوقلۇنۇپ ئېيتىشىپ ۋە دوراپ كېتىشەتتى. شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسىنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدى بولغان بالىلار ئۈچۈن كارتون قويسىمۇ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ئىجادچانلىق روھىنى ئۇرغۇتىدىغان كارتون فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. نەدىكى تۇترۇقسىز مەنىسىز كارتونلارنى تەكرار-تەكرار قويىۋەمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ئۇنداقتا بۇ كارتون فىلىمدىن ھوزۇرلانغايسىز.ئالىم ئەھەت بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان <<كومپىيوتېر ۋە ئۇيغۇرسوفت>> ناملىق سۆھبەت خاتېرىسى ھەقىيقەتەنمۇ ساقلاش قىممىتى ۋە خاتېرىلەش قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى <<ئۇيغۇرسوفىت شىركىتى>> ئىشلىگەن ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ۋە ئەلكاتىپ، ئۇيغۇر سوفت لوغىتى... قاتارلىق يۇمتاللارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تور ساھەسىگە قەدەم بېسىشىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغان ۋە تۇرمۇشىغا قولايلىق ياراتقان يۇمتاللاردۇر. ھەمدە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەشۇ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئالغاندا ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئەمگەك مېۋىسى بولغان ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلىتىشىنى يەنە بىر قېتىم تەۋسىيە قىلىمەن. بەزىدە دوستلىرىمدىن ئۇيغۇرچىسى تۇرسا نىمىشقا ئىشلەتمەيسەن دىسەم خۇددى ئۆزىنىڭ باشقا تىللارنى بىلىدىغانلىقىنى پەش قىلامدۇ ياكى خوش ياقمامدۇ تۈزۈك جاۋاب بەرمىگەن ئىدى. ئۆز ئانا تىلنىڭ قەدرىنى بىلىش ھەربىر ئىنساننىڭ مەجبۇرىيىتى، مەسئۇلىيىتى ۋە ئىپتىخارىدۇ. ئۇنداقتا بۇ سۆھبەت خاتېرىسىدىن ھوزۇرلانغايسىز.
收藏到:Del.icio.us
评论