جىن شىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى
-
جىن شىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى
ۋاقتى: 2015-08-05 ئاۋاتلىقى: 4211 قېتىميانفوندا كۆرۈش
جۇڭگونىڭ داڭلىق ئۇسسۇل سەنئەتكارى، ناتىق جىن شىڭ 2015-يىلى 4-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
4-ئاۋغۇست، جىن شىڭ تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدىتەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: ‹‹ئىنسان قىممەتلىك بولغانىكەن، كىيىمنىڭ يەنە قىممەت بولۇشىنىڭ پايدىسى يوق. مەن ئىزچىل ئايال كىشى، پەقەت ئەرلەر دۇنياسىدا 28 يىل ياشىدىم، خالاس››.بەزىلەر جۇڭگودىكى ئەڭ دادىل گەپ قىلالايدىغان ئايال بارلىققا كەلدى، دېيىشىدۇ.3-ئاۋغۇست بۇ ئايال بىر ئۇسسۇل ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلدى.شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى بىر ئاجايىپ قاينام-تاشقىنلىق بىر كۈننى كۈتۈۋالدى. بىر توپ ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس ئۇسسۇل رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى، ئوقۇتقۇچىسى گۈلمىرەنىڭ بىر كىشىنى باشلاپ كەلگەنلىكىگە ھېچكىم دىققەت قىلمىدى. كەلگەن بۇ كىشى دەل داڭلىق ئۇسسۇل سەنئەتكارى جىن شىڭ ئىدى.ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغان تۇنجى ئۇسسۇل ـــ شىنجاڭ تاجىك ئۇسسۇلى ـــ ‹‹پامىر چارۋىچىلار ناخشىسى›› ئىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ ‹‹گەپدانلىق›› پىروگراممىسىدا ئەتلەس گۈللۈك ئۇزۇن كۆڭلەك كەيگەنىدى، بۇ چىرايلىق ئەتلەس شىنجاڭدىن كەلتۈرۈلگەنىدى.ئۇ ‹‹جۇڭگودىكى ياخشى ئۇسسۇل›› پىروگراممىسىدا باھالىغۇچى بولغاندا، ئۇنىڭ ‹‹جىن شىڭ ئەترىتى››دىكى تۇنجى چېمپيۇن گۈلمىرە شىنجاڭلىق ئىدى.جىن شىڭنىڭ بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرى تولىمۇ جىددى بولسىمۇ، يەنىلا بىر سائەتتەك ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇسسۇلدا يېتەكچىلىك قىلدى. دەم ئېلىش ئارىلىقىدا ئۇ تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
مۇخبىر: 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ئاڭلىشىمچە سىزنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىڭىز مەخسۇس ‹‹يېڭىشەھەرگە مۇھەببەت›› ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى كۆرۈش ئىكەن، بىزگە بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر بىلەن ئۇچرىشىشىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟جىن شىڭ: مەن ئىزچىل شىنجاڭغا تەلپۈنۈپ تۇرساممۇ، ئەمما چۈشەنمەيتتىم. بۇلتۇر قەشقەرگە بارغانىدىم، چۈنكى ‹‹قەشقەرگە بارمىسا شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايدۇ›› دېگەن سۆزنى ئاڭلىغانىدىم. مۇشۇ سۆزنىڭ تۈرتكىسىدە قەشقەرگە بارغانىدىم. بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ خىيالىمدىكى شىنجاڭ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، شىنجاڭنىڭ قويۇق مىللىيچە مەدەنىيىتىنى ئۆزۈم بىۋاسىتە ھېس قىلغانىدىم.شۇ ۋاقىتتا مەن يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئۆمىكى ئورۇندىغان ‹‹غەربىي يۇرتقا مۇھەببەت›› ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىندىم. شۇ چاغدا مەن بۇ تىياتىرنى ‹‹غەربىي يۇرتقا مۇھەببەت›› دېسەڭلار دائىرىسى بەك چوڭىيىپ كېتىدىكەن، ۋەقەلەر پەقەت يېڭىشەھەردە يۈز بەرگەندىكىن، ئۇنى ‹‹يېڭىشەھەرگە مۇھەببەت›› دېسەك مۇۋاپىق بولىدىكەن، دېگەنىدىم. شۇ چاغدىكى بىرلەشمە رېپېتېتسىيەدە مەن بىر قىسىم پىكىرلەرنى بەرگەنىدىم، ئاخىرىدا ئۇسسۇل باش نازارەتچىسى مېنىڭ ئىسمىمنى يېزىپ قويۇپتۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە مەن ھېچقانچە ئىش قىلمىغان. كېيىن بۇ ئەسەر ئوينالغاندا مەن كۆرەلمەي قالدىم، بۇ قېتىم 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدە بۇ تىياتىرمۇ ئوينىلىدىكەن، مەن شۇڭا كۆرۈپ باقاي دەپ كەلدىم.مۇخبىر: ‹‹يېڭىشەھەرگە مۇھەببەت›› ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىردا ئەنئەنىۋىلىك بۇزۇپ تاشلىنىپ، زامانىۋى ئۇسسۇل ئامىللىرى قوبۇل قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇللىرى بىلەن مۇكەممەل بىرىككەن. ئۇنداقتا، سىزچە ئۇسسۇلدىكى ئەنئەنىۋىلىك بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟جىن شىڭ: ‹‹يېڭىشەھەرگە مۇھەببەت›› ناملىق بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئەنئەنىۋى ھېكايىلەر ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان، ئەمما تىل ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە بەزى زامانىۋى ئامىللارمۇ قوشۇلغان. نېمىشقا ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى زامانىۋى دەيمىز دېگەندە، چۈنكى بىزنىڭ يۈزلىنىۋاتقىنىمىز زامانىۋى كىشىلەرنىڭ ھۇزۇرلىنىش ئادىتى. بۇ تەرەققىيات يۈزلىنىشى، ئەمما بۇ ئەنئەنىۋى شىنجاڭ ئۇسسۇللىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، يېپيېڭى ئەسەر ئىجاد قىلىش دېگەنلىك ئەمەس.(زىيارەت قىسقارتىلدى) توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھىندىستاندىكى «يوگا ئاستانىسى» ___ رىشىكېش
2016-07-26 20:19:25641چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلى
2015-02-05 14:29:303868تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئورنىغا تۇرپان شەھىرى تەسىس ق
2015-04-13 15:00:173383جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى ئەڭ كەمتەر سەككىز كار
2016-07-25 18:33:33502دۇنيادىكى ئاجايىپ-غارايىپ مەنزىرىلەر
2015-04-27 16:27:354027ئاجايىپ قىزىقارلىق ھاجەتخانا بەلگىلىرى
2015-07-13 17:43:573950ئوباما ئەسلىدە مۇشۇنداق قىلىپ زۇڭتۇڭ بولغان
2016-07-22 18:45:31899تارىختىكى ‹‹ئولىمپىك›› خاتىرە پۇللىرى
2015-02-12 10:53:584529
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-