مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بىر قىسىم بىلوگگىر دوستلارنىڭ بىلوگ قۇرۇشىدا پايدىسى بولار دېگەن ئۈمىدتە ، مۇئەللىم بىلوگى نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان بىر قىسىم قىستۇرمىلارنى توپلاپ ، رەتلەپ قويدۇم . لازىملىقلار پايدىلىنارسىلەر ...
قىستۇرمىلار ۋە مەنزىلى
قىستۇرما نامى | ئالاھىدىلىكى | چۈشۈرۈش |
WP-Uighur-Fonts | WordPress نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ تەمىنلەيدۇ. WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشىرى ۋە شۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرلىرىگە ماس كېلىدۇ.سىز ئىشلەتكۈچىلەر »» ئارخىبىڭىز دېگەن يەردىن خەت نۇسقىسى تاللىيالايسىز. ئالدى ۋە ئارقا سەھنىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلەيسىز. | چۈشۈرۈڭ |
uyghur ULY Permalinks | بۇ قىستۇرما يازما تىمىسى، سەھىپە، خەتكۈچ قاتارلىقلارنىڭ «مۇقىم ئۇلانمىسى»،ياكى «باشقا نام»نى توشقۇزمىسىڭىزمۇ ئاپتۇماتىك ھالدا ULY غا ئايلاندۇرۇپ بىرىدۇ | چۈشۈرۈڭ |
wp-db-backup | سانداننى ئېلخەتكە ۋە مۇلازىمىتىرغا زاپاسلايدۇ... | چۈشۈرۈڭ |
Configure SMTP | Windows سىستېمىلىق بوشلۇقلارنىڭ ئېلخەت يوللاش ئىقتىدرىنى ئېچىش رولى بار | چۈشۈرۈڭ |
count-per-day | بېكەتنىڭ تۈرلۈك زىيارەت سىتاستېكىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . | چۈشۈرۈڭ |
wp-postviews | بۇ قىستۇرما يازمىنىڭ كۆرۈلۈش سانىنى سىتاستېكىلاپ كۆرسىتىپ بېرىش رولىغا ئىگە . | چۈشۈرۈڭ |
PDF Embedder | بۇ قىستۇرما WordPress نىڭ يازما ئارىسىغا PDF يەنى ئېلكىتاب قىستۇرۇش ۋە كۆرسىتىش قىستۇرمىسى بولۇپ ، ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئۈزۈك كۆرىنىۋىلىش ھادىسىسى ھەل قىلىنمىغان بولغاچ ، تارقىتىلمىغان ، بىر قىسىم دوستلارنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ يەرگە ئېلان قىلىندى ... . | چۈشۈرۈڭ |
بۇ مۇئەللىم بىلوگى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قىستۇرمىلار بولۇپ ، بىر قىسىم پىشقەدەم بىلوگگىرلارنىڭ تەجرىبىسى ئاساسىدا بىز بىلوگگىرلارغا ئەڭ مۇھىم بولغىنى «ساندان زاپاسلاش قىستۇرمىسى»دۇر . بۇ قىستۇرما سانداننى ئاپتوماتىك ھالدا ئېلخەتكە ۋە بوشلۇققا زاپاسلاپ بېرىدىغان بولۇپ ، ساندان زىيانغا ئۇچراش تۈپەيلىدىن تاقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىلوگلارنىڭ نىجاتلىق يۇلتۇزى دېيىشكە بولىدۇ .
خۇلاسە
قىستۇرمىنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسلىلەر بولسا ، يازما ئاستىدىكى باھا كۆزنىكىدىن جاۋاب تاپقايسىز ....
2016-يىلى07-ئاينىڭ26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن | تەخت
wp-db-backup دېگەن قىستۇرما ياماندەك قىلىدۇ، بىر ئىشلىتىپ باقاي قېنى.
2016-يىلى07-ئاينىڭ25-كۈنى چۈشتىن كېيىن | دېۋان
مەن ئىشلىتىپ باقمىغان قىستۇرلارمۇ باركەن بىلىۋالدىم ، ئەمدى ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۈرەيلى…