مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
WordPress نىڭ يېڭى نەشرىدە ۋە قىسمەن بىلوگلاردا ئارقا بەتتە WordPress سىستېمىسى ۋە قىستۇرما يېڭىلاش مەشغۇلاتى قىلغاندا تۆۋەندىكى خاتالىق سەۋەبدىن يېڭىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالماي ، قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ ، بوشلۇق باشقۇرۇش قورالى ئارقىلىق يوللاشقا توغرا كېلىدۇ . بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولسىمۇ ، ئەمما يېڭى بىلوگگىرلارغا نېسبەتەن قىستۇرمىنى ئورگان بەتتىن بىر تالاي ئېنگىلىسچە يېزىقلار ئىچىدىن تېپىپ چۈشۈرۈشمۇ بىر مەسىلە .
تۆۋەندە ئارقا بەتتە WordPress سىستېمىسى ۋە قىستۇرما يېڭىلاش خاتالىقىنى ھەل قىلىپ ، بىۋاستە ئارقا بەتتە يېڭىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .
كۆرۈلگەن خاتالىق
خاتالىق تەھلىلى :
ئاساسلىقى بوشلۇق سۇپىسىدا ۋاقىتلىق ساقلاش ھۆججەت قىسقۇچى بولغان temp ھۆججەت قىسقۇچىنى قۇرالماسلىقتىن بولغان .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى
بوشلۇق باشقۇرۇش قورالى ئارقىلىق WordPress غول مۇندەرىجىسىدىكى wp-config.php ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ، كود تەھرىرلەش قورالى ئارقىلىق ئېچىڭ ؛
ۋە تۆۋەندىكى كودنى تېپىڭ ؛
- if ( !defined('ABSPATH') )?define('ABSPATH', dirname(__FILE__) . '/')
بۇ كودنىڭ ئاستىغا تۆۋەندىكى كودنى قوشۇپ ساقلاڭ ۋە بۇ wp-config.php ھۆججىتىنى ئەسىلىدىكى ئورۇنغا قاپلىۋىتىڭ ؛
- define('WP_TEMP_DIR', ABSPATH . 'wp-content/temp');
مۇھىم نوقتا
ئەڭ ئاخىردا بوشلۇق غول مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى 'wp-content ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدە temp ھۆججەت قىسقۇچىدىن بىرنى قۇرۇپ قويۇڭ . بۇ مەشغۇلات ئەڭ مۇھىم .
خۇلاسە
بۇ مەشغۇلاتلارنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن مەيلى قىستۇرما قاچىلاش بولامدۇ ، يېڭىلاش بولامدۇ ياكى WordPress سىستېمىسىنى يېڭىلاش بولامدۇ سىناپ كۆرۈڭ ، قانداق ، باش قېتىنچىلىقى ھەل بولغاندەكمۇ ؟
مۇئەللىم بىلوگىنى قوللاپ تۇرۇڭ ، باھا -ئىنكاسلىرىڭىز ئارقىلىق غىرىبسىنىۋاتقان بىلوگلارغا ئىلھام ئاتا قىلىڭ .......
2016-يىلى07-ئاينىڭ19-كۈنى 1:08 چۈشتىن كېيىن | تەخت
مەنمۇ مۇشۇ مەسىلەگە دۇچ كەلگەن ئىدىم مەنمۇ ئىشلىتىپ بۇلۇپ تەجىربەمنى سۈزلەي …