ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
نۆۋەتتە بىر قىسىم بىلوگگىر دوستلار WORDPRESS نىڭ يېڭى نەشرىلىرىنى قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش توغرىسىدا ياردەم ۋە مەسلىھەتلەرنى سوراشماقتا . WORDPRESS نىڭ يېڭى نەشرىگە تىل تاللاش رامكىسى قوشۇلغان بولۇپ ، نۆۋەتتە WordPress نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى پىداكار ئەترەت ئەزالىرىنىڭ خىزمەت سىجىللىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەرمۇ بارمۇ ؟ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتى تاشلىنىپ قالغىلى خىلى زامانلار بولۇپ كەتتى .
WordPress نىڭ 4.1.1 نەشرىدىن كېيىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يېڭىلىنىپ باقمىدى ، نۆۋەتتە 4.5.3 نەشرىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولۇپ ، يەنە بىر ھەپتە ئىچىدە 4.6 نەشرىمۇ ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن .
WordPress نىڭ مەيلى قايسى نەشرى بولسۇن ، قاچىلاش جەريانىدا تىل تاللاشقا بولىدىغان بولۇپ ، ئۇيغۇر تىلى تېخى چىقىرۋىتىلگىنى يوق ، شۇ سەۋەبتىن قايتا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش توغرىسىدا جار سېلىشنىڭ ۋە ياكى ئالاھىدە گۇرۇپپا تەشكىللەپ قايتا تەرجىمە قىلىشنىڭ زۈرۈرىيتى يوق ، دەپ قارايمەن . ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى قوشۇلغان بۆلەكلەرگە ئىشلىتىگەن ئېنگىلىسچە ئاتالغۇلارنىڭ بىزنىڭ باشقۇرۇش بېتىدە مەشغۇلات قىلىشىمىزغا ئانچە چوڭ تەسىرىمۇ يوق ، بەلكىم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكلەرمۇ يېڭى ئاتالغۇلار كۆپىيىپ مۇئەييەن چەككە يەتكەندە ئاندىن تىل بولىقىنى يېڭىلاشنى ساقلاپ تۇرغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ........
مەيلى WordPress نىڭ قايسى يېڭى نەشرى چىقسۇن ، بىز يەنىلا ئۇيغۇرچە ئىشلىتەلەيمىز . قانداق ئىشلىتىمىز ؟ دەمسىز ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى بايانلاردا بولسۇن ......
قاچىلاش جەريانىدىكى مۇھىم نوقتىلار
1. ئەڭ يېڭى نەشردىكى WORDPRESS بېكەت سىستېمىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:
ئېچىلغان بەتتىن تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جاينى چىكىپ ، WordPress نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۋىلىڭ ؛
چۈشۈرۈپ ، بولاقتىن يېشىپ ، wp-content مۇندەرىجىسى ئىچىگە قارىسىڭىز ، تىل بولىقى ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ يوقلۇقىنى بايقايسىز ، رەسىمگە قاراڭ ؛
بۇنىڭغا ئەسلا پەرۋا قىلماڭ .....
2. WordPress بېكەت سىستېمىسىنى بوشلۇققا ياكى مۇلازىمىتىرغا يۈكلەپ بولغاندىن كېيىن ، قاچىلاش جەريانىدا تۆۋەندىكى تاللاشقا دىققەت قىلىڭ ؛
بۇ يەرنى تاللىسىڭىزلا قاچىلاش كۆرسەتمىسى دەرھال ئۇيغۇرچە كۆرسەتمىگە ئۆزگىرىدۇ ، سىز قاچىلاش كۆرسەتمىسى بويىچە WordPress نى تىزلا قاچىلىۋالايسىز .....
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، بوشلۇق باش مۇندەرىجىسىدىكى wp-content مۇندەرىجىسى ئىچىگە قارىسىڭىز ، تىل بولىقى ھۆججەت قىسقۇچى بولغان languagesنامىدىكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز .
مۇشۇ بۇيىچە قىسلىڭىزلا ئۇيغۇرچە نەشردىكى WordPress نى ئىشلىتىش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز .
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىنكى مۇھىم نوقتىلار
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، باشقۇرۇش بېتىگە ئۆتۈپ شۇنى كۆرىسىزكى :
ئارقا باشقۇرۇش بېتىنىڭ خېتى گەرچە ئۇيغۇرچە بولسىمۇ ، ئەمما كىتاب خېتىدەك نورمال ئەمەس ، بۇنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىش زۈرۈر؛
1. باشقۇرۇش بېتى -قىستۇرمىلار -يېڭىدىن قوشۇش تىزىملىكىنى چىكىڭ ۋە ئىچىلغان كۆزنەكتىكى تۆۋەندىكى جايغا uighur دەپ يېزىپ ، كۇنۇپكا تاختىسىدىن Enter كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ، ئىزدەلگەن قىستۇرمىلار قاتارىدا رەسىمدىكى قىستۇرمىنى ئۇچىرىتىسىز ؛
قىستۇرمىنى قاچىلاپ قوزغىتىشنى باسىسىڭىزلا ، كۆز ئالدىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنۈش ھاسىل بولىدۇ ؛
2. بۇ قىستۇرما ئارقا بەت كۆرۈنمە يۈزىنى ئىككى خىل خەت نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ ، سىز باشقۇرۇش بېتى -ئىشلەتكۈچىلەر - ئارخىپىڭىزغا كىرىپ ، بەتنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى «خەت نۇسخسى»دېگەن يەردىن ئۆزىڭىزگە يارىغان خەت نۇسخىسىنى تاللاپ ، «ئارخىپ يېڭىلاش»بېسىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ . رەسىمگە قاراڭ ؛
2016-يىلى08-ئاينىڭ29-كۈنى 2:48 چۈشتىن كېيىن | تەخت
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،مۇئەللىم مەن سىز دېگەندەك قىلىپ ۋودپرسنىڭ يېڭى نۇسقىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلانغان لېكىن قاچىلاش جەريانىدا تىل تالاش رامكىسى چىقمىدى .قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن پۈتۇنلەي ئېگىلىزچە چىقىۋالدى .سىز كۆرسەتكەن 4.5.3نۇسقىسىنىمۇ سىناپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش ئېگىلىزچە چىقىۋالدى .ئامال قىلالمىدىم .تىل تاللاش رامكىسى نەدىن چىقىدىغاندۇ ؟يول كۆرسەتسىڭىز !
2016-يىلى08-ئاينىڭ21-كۈنى 12:05 چۈشتىن بۇرۇن | دېۋان
ئەمسە ماڭا يىڭىلاشتا ياردەم قىلسىڭىز بۇپتىكەن
2016-يىلى08-ئاينىڭ21-كۈنى 12:03 چۈشتىن بۇرۇن |سافا
بەك پىچەتكەن جۇمۇ
2016-يىلى08-ئاينىڭ18-كۈنى 11:28 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
مۇئەللىمكا ھازىرقى بەتنى باستۇرۇپ قاچىلاش ئۇسۇلى يۇقمۇ
2016-يىلى08-ئاينىڭ20-كۈنى 9:07 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئىنتىزار بار ، ئىنتايىن ياخشى ئۇسۇلى بار ، لازىممىتى ؟…..
2016-يىلى08-ئاينىڭ20-كۈنى 9:12 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@مۇئەللىم ۋورددپرېسنىڭ ييڭى نەشرى ئىلغار بولسا ئىشلىتىش كېرەكمۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالدىم
2016-يىلى08-ئاينىڭ20-كۈنى 11:36 چۈشتىن كېيىن 3-قاتار
@ئىنتىزار يېڭى نەشرى دېگەن بەرىبىر يېڭى نەشرى ، ئىلغارلىشىشمۇ بار ، قولايلىشىشمۇ بار ، بىخەتەرلىكمۇ بار ….
2016-يىلى08-ئاينىڭ20-كۈنى 9:57 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@مۇئەللىم مۇئەللىمكا بۇ ئۇسلپۇنىڭ ئەزالار نىڭ بىتى بەك ئېسىلكەن 2.0 ئىلغارمۇ يا مىنىڭكىدىمۇ تەڭشىگىلى بۇلامدۇ
2016-يىلى08-ئاينىڭ20-كۈنى 11:34 چۈشتىن كېيىن 3-قاتار
@intizar بۇ ئۇسلۇبتا يوق ، ئۆزۈم قوشقان ، قىستۇرما ئارقىلىق …..